• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    تالانتلىق ياش ئاكتىيور - ئارزىگۈل ئابدۇرېشىت

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 18:09 06-09-2017
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    ئىسمى: ئارزىگۈل ئابدۇرېشىت

    تۇغۇلغان ۋاقتى: 1982- يىلى 4- ئاينىڭ 25- كۈنى

    يۇلتۈز تۈركۈمى: ئالتۇن كالا تۈركۈمى

    قان تىپى: o قان تىپى

    ئېغىرلىقى: 54 كىلوگرام

    ئېگىزلىكى: 165 سانتىمېتىر

    تۇغۇلغان يۇرتى: ئۈرۈمچى

    ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى: ئۈرۈمچى

    ئارتۇقچىلىقى: ئۇسسۇل، تەنتەربىيە

    خاراكتېرى: شوخ، ئوچۇق- يورۇق

    كەيپىياتىنى تەڭشەش ئۇسۇلى: ناخشا ئاڭلاش

    كۈنلۈك دەم ئېلىش ئۇسۇلى: دوستلىرى بىلەن پاراڭلىشىش، تاماق يېيىش، كىنو كۆرۈش

    كۆڭلىدىكى يېقىن ئادەملىرى: ئېرى، تۇغقانلىرى، دوستلىرى

    ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان پەسىل: ياز پەسلى

    ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان گۈل: ئەتىرگۈل

    ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان دەرەخ: ئاق تېرەك

    ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ھايۋان: ئىت

    ئەڭ قورقىدىغان ھايۋان: يىلان

    بەدىنىدىكى ئەڭ رازى بولىدىغان ئەزاسى: قاڭشارلىق بۇرنى

    ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان، ئەڭ چوقۇنىدىغان كىشى: سۆيۈملۈك ئاپىسى

    ئەڭ ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىدىغان تاماق: پولۇ

    ئەڭ ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىدىغان ئىچىملىك: ئانار شەربىتى

    ئەڭ ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىدىغان كۆكتات تۈرى: تۈركىيەنىڭ كۆكتاتلىرى

    ئەڭ ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىدىغان ئۇششاق يېمەكلىك: شاكىلات

    ئەڭ ياقتۇرمايدىغان يېمەكلىك: ھورنان

    ئەڭ ياقتۇرىدىغان، جەلىپ قىلىدىغان تىپ: پىشقان، ئېغىر-بېسىق تىپتىكىلەر

    ئەڭ ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان كىنو- فىلىملەر: ”تىتانىك“، ”تەڭرى ئورۇنلاشتۇرغان تەقدىر“

    ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان جۇڭگولۇق ئارتىس: گۇڭلى

    ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان چەتئەللىك ئارتىس: ۋېكتورىيە

    ئەڭ ياقتۇرىدىغان رول ئېلىش ئۇسلۇبى: ھەرخىل روللارغا چىقىپ سىناپ بېقىش

    ئەڭ ياقتۇرىدىغان مۇزىكا تۈرى: كلاسسىك مۇزىكا

    ئەڭ ياقتۇرىدىغان مۇزىكانت: شوبېرت

    ئوقۇش تارىخى: 1994- يىلىدىن 1998- يىلىغىچە شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ ئوتتۇرا تېخنىكومىدا ئوقۇغان، 1998- يىلىدىن 2001- يىلىغىچە شېنياڭ مۇزىكا

    ئىنستىتۇتىنىڭ مەخسۇس كۇرستا ئوقۇغان. 2004- يىلىدىن 2006- يىلىغىچە شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىدا تۇلۇق كۇرستا ئوقۇغان.

    2004- يىلىدىكى 14- قېتىملىق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى كىنو فېستىۋالىغا كىرگەن «سەھنىدىكى ھارماس ھەمراھ» فىلىمىدە رول ئالغان.

    2005- يىلىدىكى بەش بىر قۇرۇلۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن «تۇرپاندىكى مۇھەببەت ناخشىسى» فىلىمىدە رول ئالغان.

    2006- يىلىدىكى بەش بىر قۇرۇلۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن شۇنداقلا تەڭرىتاغ ئەدەبىيات-سەنئەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن «مۇقام بىلەن ئۆتكەن كۈنلەر» فىلىمىدە رول ئالغان.

    2007- يىلىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەنتەربىيە سيۇژېت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن شۇنداقلا 18- قېتىملىق رەڭدار قىرغاۋۇل كىنو فېستىۋالىغا قاتناشقان ،«مەمەتنىڭ 2008- يىلى» فىلىمىدە رول ئالغان.

    2009- يىلىدىكى تەڭرىتاغ ئەدەبىيات-سەنئەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن «شىنجاڭلىق قىزلار» فىلىمىدە رول ئالغان.

    2010- يىلىدىكى تەڭرىتاغ ئەدەبىيات-سەنئەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن «ئۈرۈمچىنىڭ ئاسمىنى» فىلىمىدە رول ئالغان.


    «تور دۇنياسى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى