• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ساغلاملىققا مۇناسىۋەتلىك بۇ بىلىملەرنى بىلىۋالمىسىڭىز بولمايدۇ

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 13:08 06-09-2017
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    ب د ت «ھەرگىز نادانلىقتىن ئۆلۈپ كەتمەيلى» دېگەن شوئارنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئەمدى بىز چوقۇم بىلىۋېلىڭ بىلمىسىڭىز بولمايدۇ، دېمەكچىمىز.

    ئۈزۈمنىڭ پوستى بىلەن قوشۇپ يەڭ

    ياۋروپادا ئەر-ئايال، قېرى-ياشنىڭ ھەممىسى ئاز ئازدىن قىزىل ئۈزۈم ھارىقى ئىچىپ تۇرىدۇ، سەۋەبى نېمە؟ قىزىل ئۈزۈم پوستىدا بىر خىل ئەكسىگە قايتىدىغان ئالكوگول بولىدىكەن، ئۇ قېرىشقا تاقابىل تۇرىدىغان، ئوكسىدلىنىشقا قارشى دورا بولۇپ، قىزىل ئۈزۈم ھارىقىنى دائىم ئىچىپ بەرگەنلەر يۈرەك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولمايدىكەن. شۇڭا قىزىل ئۈزۈم ھارىقىنى مۇۋاپىق ئىچىپ بېرىڭ، ئۇنداق قىلالمىسىڭىز قىزىل ئۈزۈمنى پاكىز يۇيۇپ، پوستى بىلەن قوشۇپ يەپ بېرىڭ، ئۇ سالامەتلىكىڭىزگە تولىمۇ پايدىلىق.

    كالا سۈتى ياخشىمۇ ياكى پۇرچاق سۈتى ياخشىمۇ؟

    ب د ت نىڭ خەلقئارالىق بىر يىغىندا بەزىلەر كالا سۈتى تەركىبىدە سۈت شېكىرى بار، ئاسىيادىكى سېرىق تەنلىكلەرنىڭ%70ى سۈت شېكىرىنى قوبۇل قىلالمايدۇ دېيىشتى، بىز شۇ سېرىق تەنلىكلەر بولغىنىمىز ئۈچۈن مۇتلەق كۆپچىلىكىمىز كالا سۈتىنى ھەزىم قىلىپ سۈمۈرەلمەيمىز. پۇرچاق سۈتىنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى بار؟ پۇرچاق سۈتىدە، ئولىگوساخارىد بولۇپ، ئۇنى %100قوبۇل قىلغىلى بولىدۇ، پۇرچاق سۈتى تەركىبىدە يەنە كالتسىي، كالىي، ماگنىي قاتارلىقلار بولۇپ، كالتىسىي كالا سۈتىدىكىدىن كۆپ، كالا سۈتىدە راكقا قارشى ماددىلار يوق، پۇرچاق سۈتىدە راكقا قارشى 5 خىل ماددا بار. شۇڭا پۇرچاق سۈتى بىز سېرىق تەنلىكلەرگە تازا باب كېلىدۇ، كۆپچىلىكنىڭ كالا سۈتى ئىچىشكە قارشى ئەمەسمىز، ئەمما، راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن پۇرچاق سۈتى ئىچمەي بولمايدۇ.

    ئەتىگەندە چېنىقسا سالامەتلىك ياخشى بولامدۇ؟

    بۇنى ئەمەلىيەتتە ناھايىتى مۇۋاپىق دېگىلى بولمايدۇ، چۈنكى ئەتىگەندە چېنىققاندا ئاساسىي قان بېسىمى يۇقىرى ئاساسىي بەدەن تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى،بۆرەك ئۈستى بېزى ماددىسى كەچتىكىگە قارىغاندا تۆت ھەسسە يۇقىرى بولۇپ، قاتتىقراق ھەرىكەت قىلغاندا ياشانغانلاردىن ئاسانلا چاتاق چىقىدۇ. ياز كۈنلىرى ئادەم بالدۇر يېتىپ سەھەر تۇرغىنى ياخشى، قىش كۈنلىرى كەچقۇرۇن چېنىققان ياخشى. مەسىلەن، كەچقۇرۇن تاماقتىن كېيىن 45 مىنۇت مېڭىپ بېرىش ۋەھاكازالار. كىملا بولسۇن بالدۇر يېتىپ بالدۇر قوپسا سالامەتلىكى ياخشى بولىدۇ دەپ كەتكىلى بولمايدۇ، ياشانغانلار ئورنىدىن بەك تېز تۇرماسلىقى كېرەك، 70 ياشتىن ئاشقانلار ئورنىدىن ئاستا تۇرۇشى، ئاۋۋال پۇت قولىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، ئاندىن يۈرەك قىسمىنى ئۇۋۇلاپ، بىر ىككى مىنۇت ئولتۇرغاندىن كېيىن تۇرۇپ كېتىشى لازىم.

    لېتسىتىن يېگەندىن كۆرە كۆممىقوناق يېگەن ياخشىمۇ؟

    كۆممىقوناقنىڭ ئالتۇن زىرائەت دېگەن نامى بار. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى ئۇنىڭ تەركىبىدە لېتسىتىن، لىمون كىسلاتا، دان ئالكوگولى، ۋىتامىنE قاتارلىقلار كۆپ، دائىم يەپ بەرگەندە يۇقىرى قان بېسىمى ۋە قان تومۇر قېتىشىش بولمايدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر ھازىر لېتىستىن يەۋاتىدۇ. نېمىشقا يەيدۇ؟ئۇلار ئۇنى قان تومۇرنىڭ قېتىشماسلىقى ئۈچۈن يەيدۇ، ئەمما ئۇلار كۆممىقوناقتا ئۇنىڭ ناھايىتى كۆپ بولىدىغانلىقىنى، ئانچە كۆپ پۇل كەتمەيدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.

    شوخلىنى ئۆز پېتى يەمدۇق؟

    شوخلا يەپ بەرگەندە ماتكا راكى، تۇخۇمدان راكى، ئاشقازان ئاستى بېزى راكى،دوۋساق راكى، مەزى بېزى راكىنىڭ خەتىرىنى زور دەرىجىدە ئازايتقىلى بولىدۇ، ئەمما شوخلىنى مۇشۇنداق يەۋېرىشكە بولمايدۇ، ئۇنىڭ تەركىبىدە شوخلا ماددىسى بار بولۇپ، ئۇ ئاقسىل بىلەن بىرىكىپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئەتراپىدا تالالىق ماددىلار ئوراپ تۇرغاچقا، ئاسانلىقچە سىرتقا چىقالمايدۇ. شۇڭا شوخلىنى قورۇپ بەلگىلىك دەرىجىدە ئىسسىق ئۆتكۈزگەندىلا پايدىلىق ماددىلار پەيدا بولىدۇ، دېمەكچىمىزكى، شوخلىنى تۇخۇم بىلەن قورۇغاندا ئەڭ ياخشى بولىدۇ، شوخلىنى تۇخۇم بىلەن شورپا قىلسىمۇ ياخشى بولىدۇ، خام شوخلا راكقا قارشى تۇرالمايدۇ، بۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەك.

    سامساقنى قانداق دېگەن ياخشى؟

    بەزىلەر سەي بىلەن قورۇپ يېمەمدۇ دېيىشى مۇمكىن. نېمىلا بولسا قورۇش كېرەكمۇ؟ سامساقنى قورۇپ يېگەننىڭ پايدىسى چاغلىق. سامساقنى يالپاقلاپ توغراپ 15 مىنۇت تۇرغۇزغاندا ئوكسىگېن بىلەن بىرلىشىپ سامساق ئېلېمېنتى پەيدا قىلىدۇ، سامساق ئۆزى راكقا قارشى تۇرالمايدۇ، سامساق ئېلىمىنتىلا راكقا قارشى تۇرالايدۇ ھەم ئۈنۈمىمۇ يۇقىرى.


    ئادەم زادىلا كۈلمىسە قانداق بولىدۇ؟

    ھايۋانلاردا كۆرۈش ئىقتىدارى بولمايدۇ، پەقەت ئادەمدىلا كۈلۈش ئىقتىدارى بولىدۇ دەيدىغان گەپ بار، ئادەم بۇنىڭدىن تېخىمۇ ئوبدان پايدىلانمايۋاتىدۇ، نېمىشقا كۈلمىگىلۈك؟ كۈلۈپ بەرگەندە بىر قانچە كېسەللىك بىزدىن قاچىدۇ. بىرىنچىدىن، باشنىڭ يېرىم ئاغرىمايدىغان بولىدۇ، ئىككىنچىدىن، كۈلگەن چاغدا ئۇششاق تومۇرلار كېڭىيىدىغان بولغاچقا، دۈمبە ئاغرىمايدىغان بولىدۇ. داۋاملىق كۈلۈپ بەرگەندە نەپەس يولى ھەزىم قىلىش يوللىرىغا ئالاھىدە پايدىلىق بولىدۇ.

    تېببىي مۇتەخەسسىسلەر بىزگە دائىم يېشىل چاي ئىچىش، دادۇر يېيىش،ياخشى ئۇخلاش، ھەرىكەتنى توختاتماسلىق، دائىم كۈلۈپ تۇرۇشنى ئەستىن چىقارماسلىق تەكلىپنى بېرىدۇ. شۇڭا ھەممەيلەننىڭ يېمەك ئىچمەكنى تەڭشەپ تۇرۇشىنى، ئوكسېگىنلىق ھەرىكەت قىلىشنى، روھىي ھالەتكە ئەھمىيەت بېرىشنى، يىغلىغۇسى كەلگەندە يىغلاپ، كۈلگۈسى كەلگەندە كۈلۈپ تۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمىز. مۇشۇنداق قىلغاندا چوقۇم 73 ياشتىن ھالقىپ 84 ياشقا ئۇلىشىپ، 90، 100 ياشقىچە ئۆمۈر كۆرەلەيمىز.

    «تور دۇنياسى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    • ساغلاملىق توغرىسىدا ھېكمەتلەر
    • ساغلاملىق توغرىسىدا ھېكمەتلەر
    • ئۈمىدۋارلىق ھەر قانداق كېسەلنىڭ شىپا تېپىشىدىكى ئاساسىي شەرت. ئىنسان ئۈچۈن ئۆزىنى كونترول قىلىش، ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىش ئەڭ قىم ..
    بەخىت دوختۇر خانىسى