• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    سابىق زۇڭتۇڭ ئوباما ئامېرىكا تارىخىدىكى «ئەڭ قىممەت» زۇڭتۇڭغا ئايلاندى

    مەنبە : news.xinhuanet.com
    يوللانغان ۋاقىت : 12:02 06-09-2017
    تەھرىر : زۇھرە
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    شىنخۇا تورى خەۋىرى: ئامېرىكىدىكى غايەت زور سوممىلىق فېدېراتسىيە خام چوتىدا، سابىق زۇڭتۇڭ قوشۇمچە ياردەم پۇلى چىقىمى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. بۇ پۇل ئادەتتىكى باج تاپشۇرغۇچىلار ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھەقىقەتەن كىچىك سان ئەمەس ئىدى.

    ئامېرىكا « ۋاشىنگتون ۋاقىت گېزىتى »نىڭ 8– ئاينىڭ 31 كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا پارلامېنتى تەتقىقات مۇلازىمەت مەركىزىدىكى بىر ئەڭ يېڭى خاتىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى ئوباما ئامېرىكا تارىخىدىكى« ئەڭ قىممەت » سابىق زۇڭتۇڭى بۇلۇپ قالغان، چۈنكى ئۇنىڭ كېلەر يىلىلىق ھۆكۈمەت ياردەم پۇلى خام چوتى 1 مىليون 150 مىڭ دوللار ( تەخمىنەن7 مىليون 550 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى) بۇلۇپ، باشقا تۆت ھايات سابىق زۇڭتۇڭىنىكىدىن خېلىلا كۆپ ئىكەن.
    دوكلاتتا دېيىلىشىچە، ئوبامانىڭ 2018- يىلى ھۆكۈمەت ياردەم پۇلى خامچوتى كىچىك بۇشنىڭكىدىن 100 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى( تەخمىنەن 660 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى) يۇقىرى ئىكەن، سابىق زۇڭتۇڭ كىلىنتوننىڭكىدىن تېخىمۇ كۆپ بۇلۇپ، ئازدېگەندىمۇ 200 مىڭ دوللار( تەخمىنەن 1 مىليون 310 مىڭ خەلق پۇلى) ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئىككى ھايات سابىق زۇڭتۇڭ چوڭ بۇش بىلەن جىم كاتنىڭ خامچوتى ئايرىم –ئايرىم ھالدا 942مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ( تەخمىنەن 6 مىليون 150 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى ) ۋە 456 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ( تەخمىنەن 2 مىليون 990 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى) ئىكەن.

    ئامېرىكا سابىق زۇڭتۇڭى ئوباما قىزىنىڭ ئوقۇشى سەۋەبلىك پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىنمۇ ۋاشىنگىتوندىن ئايرىلماي، ھەشەمەتلىك تۇرالغۇ سېتىۋېلىپ، بىرئىشخانا ئورنىنى ئىجارىگە ئالدى. ئوباما سېتىۋالغان ھەشەمەتلىك تۇرالغۇغا تەخمىنەن 8 مىليون 100 مىڭ دوللار (تەخمىنەن 55 مىليون يۈەنگە باراۋەر) خەجلەنگەن.
    خامچوتقا ئاساسلانغاندا، ئوباما 2018-يىلى 1 مىليون 150 مىڭ دوللارلىق (7 مىليون 550 مىڭ يۈەنگە باراۋەر) ھېسابات تالونى چىقارغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىشخانا ئورنى ئىجارە ھەققىلا 500 مىڭ دوللار (تەخمىنەن 3 مىليون 280 مىڭ يۈەنگە باراۋەر) كېلىدىكەن. بۇ خامچوت ھېسابات تالونىنىڭ ئۆزىلا ئوبامانى ئامېرىكا تارىخىدىكى «ئەڭ قىممەت» سابىق زۇڭتۇڭغا ئايلاندۇردى.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى