• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق 13 شەھەردە كوللېكتىپ قۇرۇلۇش يەرلىرىدىن پايدىلىنىپ ئىجارىلىك تۇرالغۇ سېلىش سىناق قىلىنىدۇ

    مەنبە : uyghur.people.com.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 15:13 31-08-2017
    تەھرىر : گۈلمىرە
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    يېقىندا زېمىن بايلىق مىنىستىرلىقى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر- يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى «كوللېكتىپ قۇرۇلۇش يېرىدىن پايدىلىنىپ، ئىجارىلىك تۇرالغۇ سېلىش سىناق لايىھەسى»نى بىرلىكتە تارقىتىپ، بېيجىڭ، شاڭخەي، نەنجىڭ، خاڭجۇ، شيامېن، ۋۇخەن، خېفېي، جېڭجۇ، گۇاڭجۇ، فوشەن، جاۋچىڭ، شېنياڭ، چېڭدۇدىن ئىبارەت 13 شەھەردە سىناق قىلىشنى بېكىتتى.

    زېمىن بايلىق مىنىستىرلىقى يەردىن پايدىلىنىشنى باشقۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چېن گوچىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئىسلاھات سىنىقى ئارقىلىق، سىناق قىلىنغان شەھەرلەردە بىر تۈركۈم كوللېكتىپ ئىجارىلىك تۇرالغۇ تۈرلىرىنى يولغا قويىمىز. دېھقانلار كوللېكتىپ ئىگىلىك تەشكىلاتلىرىنىڭ كوللېكتىپ يەرلەردىن پايدىلىنىپ تۇرالغۇ سېلىشىدىن ئىبارەت بۇ يېڭى يەر ئىشلىتىش يولىنى ئاچىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دېھقانلار كوللېكتىپ ئىگىلىك تەشكىلاتلىرى ۋە دېھقاننىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك مۇقىم كىرىم كۆزلىمىسىنى شەكىللەندۈرىمىز. ئۇنىڭ يادرولۇق نىشانى تۇرالغۇ قىس شەھەرلەر، بولۇپمۇ ئالاھىدە چوڭ ۋە دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ شەھەرلەرنىڭ تۇرالغۇ تەمىناتىنى كۆپەيتىپ، تۇرالغۇ تەمىنلەش- ئېھتىياج زىددىيىتىنى پەسەيتىش. تونۇشتۇرۇلىشىچە، بۇ شەھەرلەردە ئىجارىلىك تۇرالغۇ ئېھتىياجى بىر قەدەر چوڭ ئىكەن، يېزا- بازار كوللېكتىپ ئىگىلىك تەشكىلاتلىرىنىڭ قۇرۇلۇش ئارزۇسى، مەبلەغ مەنبەيى بار ئىكەن، ھۆكۈمەتنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارى بىر قەدەر كۈچلۈك ئىكەن. چېن گوچىڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى سىناقنىڭ مۇھىم مەزمۇنى كوللېكتىپ قۇرۇلۇش يەرلىرىدە ئىجارىلىك تۇرالغۇ سېلىشنى تەستىقلاش تەرتىپى، قۇرۇلۇش ۋە تىجارەت مېخانىزمى، تەكشۈرۈش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىجارە ئالغۇچى باراۋەر ئىجتىمائىي ئاممىۋى مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولۇش كاپالەت مېخانىزمى ئۈستىدە ئىزدىنىش. كونكرېت ئەھۋالدىن قارىغاندا، سىناق لايىھەسى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، يېزا- بازار كوللېكتىپ ئىگىلىك تەشكىلاتلىرى كوللېكتىپ ئىجارىلىك تۇرالغۇلارنى ئۆز ئالدىغا سېلىپ تىجارەت قىلسىمۇ، بىرلىشىپ تىجارەت قىلىش، پاي قېتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق سېلىپ تىجارەت قىلسىمۇ بولىدۇ. دېھقانلار كوللېكتىپىنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىپ، دېھقانلار كوللېكتىپىنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچىنى بىر تۇتاش ئويلىشىپ، كونكرېت تۈرلەرنى تۇتقا قىلىپ، تۈرلەرنىڭ مەشغۇلات ئەندىزىسىنى مۇۋاپىق بېكىتىپ، ھوقۇق ئىگىسىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئەتىنى قوغداپ، كوللېكتىپ ئىگىلىك تەشكىلاتلىرى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن سېلىش، ئۆز ئالدىغا مەشغۇلات قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. چېن گوچىڭ مۇنداق دېدى: يېزا كوللېكتىپ يەرلىرىنىڭ ئىشلىتىش ئورنىنى كۆپەيتىپ، دېھقانلار كوللېكتىپ ئىگىلىك تەشكىلاتلىرى ۋە دېھقانلارنىڭ مۈلۈك خاراكتېرلىك كىرىمىنى كۆپەيتىش كېرەك. بۇ قېتىم كوللېكتىپ يەرلىرىدىن پايدىلىنىپ ئىجارە ئۆيلەرنى سېلىشتىكى بىر مۇھىم نۇقتا پەقەتلا ئىجارىگە بېرىش، ساتماسلىق. سىناق لايىھەسىدە: كوللېكتىپ ئىجارىلىك تۇرالغۇلارنى ئىجارىگە بەرگەندە ئىجارە ئارقىلىق سېتىشقا بولمايدۇ، ئىجارىگە ئالغان كوللېكتىپ ئىجارىلىك تۇرالغۇلارنى ئۆتكۈزۈپ ئىجارىگە بېرىشكە بولمايدۇ، دەپ ئېنىق بەلگىلەندى.

    « جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى »

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى