• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    تۆت يىلدا يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 13 مىليون 910 مىڭ نامرات ئاھالە ئازايتىلىپ، ئېلىمىزنىڭ نامراتلارنى يۆلەش-نامراتلارنى ئازايتىش تارىخىدىكى ئەڭ ياخش

    مەنبە : uyghur.people.com.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 13:25 31-08-2017
    تەھرىر : گۈلمىرە
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ليۇ يۇڭفۇ 29- ئاۋغۇست مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2013- يىلىدىن 2016ـ يىلىغىچە، دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرقى ئۆلچىمى ئاساسىدا يېزىلاردىكى نامرات ئاھالە سانى 98 مىليون 990 مىڭدىن 43 مىليون 350 مىڭگە ئازايتىلىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 13 مىليون 910 مىڭ نامرات ئازايدى.

    گوۋۇيۈەننىڭ ھاۋالىسى بىلەن، ليۇ يۇڭفۇ 29-ئاۋغۇست 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 29-قېتىملىق يىغىنىدا، گوۋۇيۈەننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدا دوكلات بەردى.

    ليۇ يۇڭفۇنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە: 2013- يىلىدىن 2016ـ يىلىغىچە، يېزىلاردا نامراتلىق يۈز بېرىش نىسبىتى %10.2تىن %4.5كە تۆۋەنلەپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %1.4 تۆۋەنلىدى. ئالدىنقى بىر نەچچە قېتىملىق نامراتلارنى يۆلەش بىلەن سېلىشتۇرغاندا، نامراتلارنى ئازايتىش كۆلىمى زورايتىلىپ، ھەر يىلى ئازايتىلغان نامراتلار سانى 10 مىليوندىن يۇقىرى بولدى. تۆت يىلدىن بۇيان نامرات رايونلاردىكى ئاممىنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىشى بىر قەدەر تېز بولدى، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش شارائىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى. نامرات رايونلاردىكى يېزا ئاھالىسىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى ئۇدا ئىككى خانىلىق سان بويىچە ئېشىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %10.7 ئەمەلىي ئاشتى.

    « خەلق تورى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى