• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ئاممىنىڭ ھېيتنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن ...

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 12:21 31-08-2017
    تەھرىر : زۇھرە
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    بۇ يىللىق قۇربان ھېيت ھارپىسىدا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مەھەللىرىنى قويۇق ھېيت تۈسى قاپلىدى. ئۇزاقتىن بۇيان مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ھېيت مەزگىلىدە ئاممىنىڭ قوي سويۇش، مۇھىت تازىلىقى، قاتناش ۋە باشقا جەھەتلەردىكى پائالىيەتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن خىزمەتلەرنى ئەتراپلىق ئورۇنلاغتۇردى.

    شەھىرىمىزدىكى بىر قىسىم خوجىلىق باشقۇرۇش شىركەتلىرى ئاممىنىڭ قۇربانلىق قوي سېتىۋالغاندىن كېيىن ئۇنى جايلاشتۇرۇش، سويدۇرۇش، قوي سويغان جاينى تازىلاش قاتارلىق ئىشلارنى ئاسانلاشتۇرۇش، ئاممىغا قولايلىق يارىتىش بىلەن تەڭ، مەدەنىيەتلىك شەھەر قۇرۇلۇشى، مەھەللە بىخەتەرلىكى خىزمىتىنى مۇھىم نۇقتا قىلغان ئاساستا، بىر قاتار پايدىلىق تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. شەھىرىمىزنىڭ داۋان تەرەپكە جايلاشقان «خېڭچاڭ گۈللۈكى» مەھەللىسى خوجىلىق باشقۇرۇش شىركىتىدىكىلەر 30- ئاۋغۇستتىن باشلاپ ھېيتلىق تەييارلىقلارغا كىرىشىپ كەتتى. مەھەللە خۇجىلىق باشقۇرۇش شىركىتىنىڭ دىرېكتورى ۋاڭ زۇڭمىن مۇنداق دېدى: ئاممىنىڭ ھېيتنى خۇشال- خۇرام، بىخەتەر، پاكىز مۇھىتتا ئۆتكۈزۈشىگە قولايلىق ھازىرلاش بىزنىڭ بۇرچىمىز.

    ئىگىلىنىشىچە، ‹خېڭچاڭ گۈللۈكى› خوجىلىق باشقۇرۇش شىركىتىدىكىلەر ھېيت كۈنى تەۋەلىكىدىكى ئۈچ قارار مەھەللىنىڭ ھەممىسىدە مەخسۇس قوي سويۇش ئورنى بەلگىلىگەن بولۇپ، مەھەللىنىڭ تازىلىقچىلىرى ھېيتتا دەم ئالماي مەخسۇس ئاممىنىڭ قوي سويغاندىن كېينكى قالدۇق تازىلىق ئىشلىرىنى قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. يەنە ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ باش قېتىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، مەھەللە ئىچىدە قوي سېتىۋالغانلارنىڭ قويىنى مەخسۇس ساقلاش ئورنى ھازىرلانغان، بالدۇر قوي سېتىۋالغانلار قويلىرىنى بۇ ئورۇنغا قويۇپ قويسا بولىدىكەن، قويلارغا قارايدىغانغا مەخسۇس ئامانلىق ساقلاش خادىملىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ھېيت كۈنى ئەتىگەندە قوينىڭ ئىگىسى قويىنى ئېلىپ كېتىپ بەلگىلەنگەن ئورۇندا سويسا بولىدىكەن.

    ھەممە ئادەم خىزمەت، ئائىلە، تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە ئالدىراش بولۇپ كېتىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، توردىن ھېيتلىق تەييارلىقلارنى سېتىۋېلىش ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم تېمىغا ئايلاندى. شىنجاڭ «بايرام» تور سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ئېرشات ئابدۇغېنىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىل «بايرام» تورىدا سېتىلغان قويلارنىڭ سانى بۇلتۇرقىدىن كۆرۈنەرلىك ئاشقان بولۇپ، 30- ئاۋغۇستقىچە توردا زاكاز قىلىنغان قويلارنىڭ سانى 600 گە يەتكەن. شۇنداقلا ساڭزا، قۇرۇق يەل - يېمىش قاتارلىقلارنىڭ سېتىلىشىمۇ ناھايىتى ياخشى بولغان.

    « ئۈرۈمچى كەچلىك گىزىتى »


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى