• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ئېلىمىزنىڭ ئالاھىدە ئايروپىلانلىرى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 17:59 30-08-2017
    تەھرىر : زۇھرە
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: ئېلىمىزدىكى چوڭ تىپتىكى سۇ ۋە قۇرۇقلۇق ئايروپىلانى AG600، چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئايروپىلانى C919 ۋە چوڭ تىپتىكى تىرانسپورت ئايروپىلانى يۈن 20−لەر گوۋۇيۇەن تۈر تۇرغۇزۇپ تەستىقلىغان ئۈچ چوڭ تىپتىكى ئايروپىلان تۈرى بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ چوڭ تىپلىق ئايروپىلان تۈرىدىكى «ئۈچ شەمشەر» دەپ ئاتىلىدۇ.

    يۈن −20 ئايروپىلانى ئېلىمىز تەتقىق قىلىپ ياسىغان تۇنجى 200 توننا دەرىجىلىك چوڭ تىپتىكى كۆپ ئىقتىدارلىق تىرانسپورت ئايروپىلانى بولۇپ، مۇرەككەپ ھاۋارايى شارائىتىدا ئۇزۇن مۇساپىگە توشۇش ۋەزىپىسىنى ئورۇندىيالايدۇ. يۈن −20 ئايروپىلانى ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشى ۋە دۆلەت مۇداپىئەسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەتەرگە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىش قاتارلىق جىددىي ئەھۋاللاردا ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

    «سۇ ئەجدىھاسى» دەپ ئاتالغان AG600 ئايروپىلانىنىڭ گەۋدىسى ئۆزگىچە بولۇپ، ئۈستۈنكى يېرىمى ئايروپىلانغا، ئاستىنقى يېرىمى كېمىگە ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى قۇرۇقلۇق ھەم سۇدىمۇ ئۇچۇپ قونالايدۇ.

    AG600 ئايروپىلانى نۆۋەتتە تەتقىق قىلىنىۋاتقان دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ سۇ ۋە قۇرۇقلۇقتا ئۇچۇپ چۈشەلەيدىغان ئايروپىلان بولۇپ، ئەڭ تېز سائەتلىك ئۇچۇشى 500 كىلومېتىر، ئەڭ ئۇزۇن ئۇچۇش ۋاقتى 12 سائەت، ئەڭ ئۇزۇن ئۇچۇش مۇساپىسى 4500 كىلومېتىر. AG600 ئايروپىلانى ئېلىمىزنىڭ ئورمان ئوت ئاپىتىنى تىزگىنلەش ۋە سۇ ئۈستىدىكى جىددىي قۇتقۇزۇش ئىشلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن تەتقىق قىلىپ ياسىغان چوڭ تىپتىكى ئالاھىدە ئايروپىلان بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقىنى تولدۇردى.

    AG600 ئايروپىلانى ئېلىمىز ئاۋىياتسىيە سانائىتىدىكى زور قۇرۇلۇش تەتقىقات تۈرى بولۇپ، 2009- يىلى 6- ئايدا دۆلەتنىڭ تەستىقى ئارقىلىق تۈر تۇرغۇزۇلغان، 2016- يىل 7- ئاينىڭ 23- كۈنى تولۇق قۇراشتۇرۇلۇپ، 2017- يىل 5- ئاينىڭ 1- كۈنى تۇنجى قېتىملىق ئۇچۇشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغان.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى