• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﻪﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﺧﯩﻞ ﭘﻪﻥ-ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 16:55 30-08-2017
    تەھرىر : زۇھرە
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    ﺷﯩﻨﺨﯘﺍ ﺋﺎﮔﯧﻨﺘﻠﯩﻘﻰ خەۋىرى: «MagicLeap» ﻣﻪﯞﮬﯘﻡ ﺭﯦﺌﺎﻟﻠﯩﻖ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﺴﻰ. «MagicLeap» ﺭﯦﺌﺎﻟﻠﯩﻘﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﺶ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ (ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﺭﯨﻼﺷﻤﺎ ﺭﯦﺌﺎﻟﻠﯩﻖ ﺩﻩﭘﻤﯘ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯗ) ﺷﯩﺮﻛﻪﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﮬﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ 500 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﺩﻭﻟﻼﺭ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﺳﯧﻠﯩﭗ، ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻳﯧﯖﻰ 3D ﻟﯩﻚ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺶ ﺑﯘﻳﯘﻣﯩﻨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﻣﻪﮬﺴﯘﻻﺕ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﻴﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯜﺳﻜﯜﻧﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻣﻪﯞﮬﯘﻡ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﻣﯘﮬﯩﺘﺘﺎ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﻩﻟﻪﻳﺪﯗ. ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﭘﯧﺸﯩﭗ ﻳﯧﺘﯩﻠﯩﺶ ﯞﺍﻗﺘﻰ: ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺋﯜﭺ ﻳﯩﻠﻐﯩﭽﻪ. ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﯩﺘﻰ: ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﻛﯩﻨﻮ، ﺋﻮﻳﯘﻥ، ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺕ ﯞﻩ ﺗﯧﻠﯧﮕﺮﺍﻑ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺳﺎﮬﻪﻟﻪﺭﮔﻪ ﻳﯧﯖﻰ ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﻪﻟﻪﻳﺪﯗ.


    ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻠﻼﺭ ﺋﺎﺭﺍ ﺋﺎﻻﻗﻪ. ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﺎﺩﺩﯨﻲ ﺳﯩﻤﺴﯩﺰ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ، ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻠﻼﺭ ﺋﯚﺯ-ﺋﺎﺭﺍ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻗﺎﺗﻨﺎﺵ ﮬﺎﺩﯨﺴﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﺯﺍﻳﺘﺎﻻﻳﺪﯗ. ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭘﯧﺸﯩﭗ ﻳﯧﺘﯩﻠﯩﺶ ﯞﺍﻗﺘﻰ: ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯩﻠﻐﯩﭽﻪ. ﮬﻪﺭ ﻳﯩﻠﻰ 1 ﻣﯩﻠﻴﻮﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻗﺎﺗﻨﺎﺵ ﮬﺎﺩﯨﺴﯩﺴﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ.


    ﮔﯘﮔﯘﻝ «ProjectLoon». ﺑﯘ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﺘﯩﻜﻰ ﮬﺎﯞﺍ ﺷﺎﺭﯨﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺗﻪﻧﻨﻪﺭﺧﻠﯩﻖ، ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﺗﻮﺭﯨﻐﺎ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﻳﺪﯗ. ﭼﻪﺕ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭﻧﯩﻤﯘ ﻗﺎﭘﻼﻳﺪﯗ. ﺋﺎﻻﻗﻪ ﺗﻮﺭﯨﻐﺎ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ، ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺗﻮﺭغا ﭼﯩﻘﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ 4 ﻣﯩﻠﻴﺎﺭﺩ 300 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﻧﻮﭘﯘﺳﻘﺎ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﯞﻩ ﻳﯧﯖﻰ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ ﭘﯘﺭﺳﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ.

    ﺳﯘﻳﯘﻕ ﮬﺎﻟﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﻳﺎﻟﭙﺎﻗﻼﺵ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﺴﻰ. ﺑﯘ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ DNA ﺋﯚﻟﭽﻪﺵ ﺋﻪﺳﯟﺍﺑﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﺎﻥ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ، ﺭﺍﻙ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﻰ ﺑﺎﻟﺪﯗﺭ ﺑﺎﻳﻘﺎﺷﺘﺎ ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭘﯧﺸﯩﭗ ﻳﯧﺘﯩﻠﺪﻯ. ﮬﺎﺯﯨﺮ ﮬﻪﺭ ﻳﯩﻠﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﻣﯩﻘﻴﺎﺳﯩﺪﺍ 8 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺭﺍﻙ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ.


    ﻛﻪﯓ ﻛﯚﻟﻪﻣﻠﯩﻚ ﺩﯦﯖﯩﺰ ﺳﯜﻳﯩﻨﻰ ﺗﯘﺯﺳﯩﺰﻻﻧﺪﯗﺭﯗﺵ. ﺑﯘ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﺪﺍ ﺩﯦﯖﯩﺰ ﺳﯘﻳﯩﻨﻰ ﺗﯘﺯﺳﯩﺰﻻﻧﺪﯗﺭﯗﺵ ﺗﻪﻧﻨﻪﺭﺧﻰ ﺯﻭﺭ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﻪﻳﺪﯗ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺳﯜﻳﯩﻨﻰ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻼﻻﻳﺪﯗ. ﮬﺎﺯﯨﺮﭼﻪ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﭘﺎﻛﯩﺰ ﺳﯘ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻧﻮﭘﯘﺳﻨﯩﯔ ﺗﻪﻟﯩﭙﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﯗﺭﺍﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.

    ﻣﯧﯖﻪ ﮬﯜﺟﻪﻳﺮﻩ ﺗﻮﭘﻰ ﻳﯧﺘﯩﺸﺘﯜﺭﯛﺵ. ﺑﯘ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ، ﻧﯧﺮﯞﺍ ﮬﯜﺟﻪﻳﺮﯨﺴﻰ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﯛﺵ ﻗﺎﭼﯩﺴﯩﺪﺍ ﮬﺎﻳﺎﺕ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﻣﯧﯖﻪ ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﯘﭼﻪ ﻳﯧﺘﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ ﮬﺎﻳﺎﺕ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﻣﯧﯖﻪ ﮬﯜﺟﻪﻳﺮﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﺘﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻨﻰ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺩﻭﺭﺍ ﺋﺎﺭﯨﻼﺷﻤﯩﻠﯩﺮﻯ ﻳﺎﻛﻰ ﮔﯧﻦ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﺶ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﻛﯚﺭﻩﻟﻪﻳﺪﯗ. ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﯩﻼﺭ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻳﯧﯖﻰ ﺋﯘﺳﯘﻝ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻣﯧﯖﻪ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﻪﻟﻪﻳﺪﯗ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻨﻰ ﺳﯩﻨﺎﻕ ﻗﯩﻼﻻﻳﺪﯗ.


    ﻓﻮﺗﻮﺳﯩﻨﺘﯧﺰ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺗﯧﺰﻟﯩﺘﯩﺶ. ﺑﯘ ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ ﮔﯧﻦ ﻗﻮﺭﺍﻟﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ، ﺩﺍﻧﻠﯩﻖ ﺯﯨﺮﺍﺋﻪﺕ ﻗﯘﻳﺎﺵ ﻧﯘﺭﯨﻨﻰ ﺋﯧﻨﯧﺮﮔﯩﻴﻪﮔﻪ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﺶ ﺳﯜﺭﺋﯩﺘﻰ ﺯﻭﺭ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺗﯧﺰﻟﯩﺸﯩﭗ، ﺋﺎﺷﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ھوسۇل ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﭖ، ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚﭖ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﻳﺪﯗ. ﺑﯘ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﺑﻪﺵ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ 10 ﻳﯩﻠﻐﯩﭽﻪ ﭘﯧﺸﯩﭗ ﻳﯧﺘﯩﻠﯩﺪﯗ.


    DNA ﺋﺎﻻﻗﻪ ﺗﻮﺭﻯ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﺴﻰ. ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ DNA ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺕ ﺋﺎﻣﺒﯩﺮﻯ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﺋﻮﺭﻧﯩﺘﯩﻠﯩﭗ، ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﻻﻳﯩﮭﻪﺳﻰ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺭﻧﻪﻙ ﺋﺎﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى