• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    نېمە ئۈچۈن ئادەم قېرىغانسېرى چېچى ئازلاپ كېتىدۇ؟

    مەنبە : uy.ts.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 15:04 30-08-2017
    تەھرىر : گۈلمىرە
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئادەمنىڭ چېچى تەدرىجىي ئازىيىپ شالاڭلىشىپ كېتىدۇ. ياپونىيە ئالىملىرى بۇنىڭ تۈك خالتىسى غول ھۈجەيرىسىنىڭ ئىقتىدارىنى ساقلاپ قالغۇچى ئاقسىلنىڭ پارچىلىنىپ كېتىپ، تۈك خالتىسىنىڭ تەدرىجىي يىگىلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى ھەم ئىقتىدارىنى يوقاتقانلىقىدىن بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. ئادەمنىڭ چېچى ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە ئۆسكەندىن كېيىن تەبىئىيلا چۈشۈپ كېتىپ ئورنىدىن يەنە يېڭى چاچ ئۆسۈپ چىقىدىكەن، بۇ تۈك خالتىسى غول ھۈجەيرىسىنىڭ ئۆز– ئۆزىنى نۇسخىلاپ كۆپەيتىش بىلەن بىللە چاچ ياسايدىغان ھۈجەيرىلەرنى پەيدا قىلىپ، چاچنى قايتا ئۆستۈرۈش ۋە چۈشۈرۈش جەريانىدىن ئىبارەتتۇر.

    تەتقىقاتچىلار تەجرىبە چاشقىنى تۈك خالتىسى غول ھۈجەيرىسى ئىقتىدارىنىڭ ئۆزگىرىشىنى ئۇزاق مۇددەت تەكشۈرۈش ئارقىلىق، چاشقاننىڭ يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ تۈك خالتىسى غول ھۈجەيرىسىنىڭ ئۆزلۈكىدىن نۇسخىلىنىپ كۆپىيىش ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىشىپ ئەسلىدىكى ئىقتىدارىنى يوقىتىدىغانلىقىنى ھەم ئاستا – ئاستا تېرە يۈزىگە يۆتكىلىپ ئاخىرىدا چۈشۈپ كېتىدىغانلىقىنى، رولىنى قايتا جارى قىلدۇرالمىغان تۈك خالتىسى غول ھۈجەيرىسىدە ‹‹17 تىپلىق كوللاگېنلىق ئاقسىل›› دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ئاقسىلنىڭ پارچىلىنىپ كېتىدىغانلىقىنى بايقىدى. ئىنسانلار تۈك خالتىسىنىڭ يىگىلەپ كېتىش مېخانىزمى تەجرىبە چاشقىنى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىكەن. 35 ~ 45 ياشلىق ساغلام ئاياللارنىڭ باش تېرىسىدىكى يىگىلەپ كەتكەن تۈك خالتىلىرىنىڭ سانى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئومۇمىي تۈك خالتىسى سانىنىڭ %2.2 ىنى ئىگىلەيدىكەن، ئەمما 55~ 70 ياشلىق ساغلام ئاياللارنىڭ باش تېرىسىدە تەخمىنەن %15 تۈك خالتىسى يىگىلەپ كېتىدىكەن. ئەگەر بىز ‹‹17 تىپلىق كوللاگېنلىق ئاقسىل›› نىڭ پارچىلىنىپ كېتىشىنى چەكلەيدىغان ماددىنى تاپالىساق، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ چاچ چۈشۈشنى داۋالىغىلى بولىدىكەن.

    «تەڭرىتاغ تورى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى