• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﺍ 1-ﺳﯧﻨﺘﻪﺑﯩﺮﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻳﺎﻥ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻧﺪﺍ ﺋﯘﺯﯗﻕ ﻳﻮﻟﻠﯘﻕ ﺳﯚﺯﻟﯩﺸﯩﺶ ﻛﻪﺯﻣﻪ ﮬﻪﻗﻘﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯨﻠﯩﺪﯗ

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 13:09 30-08-2017
    تەھرىر : زۇھرە
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ﺋﯜﭺ ﭼﻮﯓ ﺧﻪﯞﻩﺭﻟﯩﺸﯩﺶ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﺴﻰ 1- ﺳﯧﻨﺘﻪﺑﯩﺮﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ، ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺕ ﺋﯩﭽﻰ يانتېلېڧۇندا ﺋﯘﺯﯗﻕ ﻳﻮﻟﻠﯘﻕ ﺳﯚﺯﻟﯩﺸﯩﺶ ﻛﻪﺯﻣﻪ ﮬﻪﻗﻘﯩﻨﻰ ﺭﻩﺳﻤﯩﻲ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯨﺪﯗ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻤﯘ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻣﺎﺱ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﭘﯩﻼﻧﺪﯨﻜﻰ 1- ﺋﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻱ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﯘﺭﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ، ﺋﺎﺑﯘﻧﺘﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﻥ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻧﯩﺪﺍ ﺋﯘﺭﻏﺎﻥ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺕ ﺋﯩﭽﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻳﻮﻟﻠﯘﻕ ﺳﯚﺯﻟﯩﺸﯩﺶ ﮬﻪﻗﻘﻰ ﺋﯚﺯ ﻳﯧﺮﯨﺪىكى ﺳﯚﺯﻟﯩﺸﯩﺶ ﮬﻪﻗﻘﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﺪﯗ، ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﮬﻪﻗﺴﯩﺰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

    ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﻧﯩﯔ 28-ﺋﺎﯞﻏﯘﺳﺖ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺗﯧﻠﯧﮕﺮﺍﻓﻰ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﻛﯚﭼﻤﻪ ﺧﻪﯞﻩﺭﻟﯩﺸﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﻪ ﺧﻪﯞﻩﺭﻟﯩﺸﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺕ ﺋﯩﭽﻰ ﻳﺎﻥ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻥ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻳﻮﻟﻠﯘﻕ ﺳﯚﺯﻟﯩﺸﯩﺶ ﮬﻪﻗﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﻪﺯﻣﻪ ﮬﻪﻗﻘﯩﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﺵ، ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﻳﯜﺭﯛﺷﻠﯜﻙ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﻪﺕ ﮬﻪﻗﻘﻰ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺋﯩﭽﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻳﻮﻟﻠﯘﻕ، ﻛﻪﺯﻣﻪ ﮬﻪﻗﻘﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﺎﻥ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻥ ﺋﺎﺑﯘﻧﺘﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ.

    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺗﯧﻠﯧﮕﺮﺍﻓﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﺧﺎﺩﯨﻤﻰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﺪﻯ: ﺗﯧﻠﯧﮕﺮﺍﻑ ﺋﺎﺑﯘﻧﺘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﯜﺭﯛﺷﻠﯜﻙ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻳﻮﻟﻠﯘﻕ ﺳﯚﺯﻟﯩﺸﯩﺶ ﮬﻪﻗﻘﯩﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ (ﺳﻮﯞﻏﺎ ﯞﻩ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﯩﻨﻰ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﺍ) ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ، ﻛﻮﻧﻜﺮﯦﺖ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﺪﺍ ﮬﻪﺭﺑﯩﺮ ﺋﺎﺑﯘﻧﺖ ﺯﺍﻛﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻛﻮﻧﻜﺮﯦﺖ ﻳﯜﺭﯛﺷﻠﯜﻙ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﻪﺗﻜﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﺎﺑﯘﻧﺘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺯﺍﻛﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﯜﺭﯛﺷﻠﯜﻙ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻥ ﮬﻪﻗﻘﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺋﺎﺑﯘﻧﺘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﮬﺎﺟﻪﺗﺴﯩﺰ، ﺋﯚﺯﻟﯜﻛﯩﺪﯨﻦ ﻛﯜﭼﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. «ﻣﯧﻨﯩﯔ e ﺋﺎﺋﯩﻠﻪﻡ» 179 ﻳﯜﺭﯛﺷﻠﯜﻙ ﺋﺎﺑﯘﻧﺘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﯩﺴﺎﻝ ﺋﺎﻟﺴﺎﻕ، ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻧﻰ ﻣﯩﻨﯘﺗﯩﻐﺎ 0.15 ﻳﯜﻩﻥ، ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺕ ﺋﯩﭽﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻳﻮﻟﻠﯘﻕ ﮬﻪﻗﻘﻰ ﻣﯩﻨﯘﺗﯩﻐﺎ 0.29 ﻳﯜﻩﻥ، ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺕ ﺋﯩﭽﻰ ﻛﻪﺯﻣﻪ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﺶ ﮬﻪﻗﻘﻰ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺳﯩﻜﯘﻧﺘﯩﻐﺎ 0.07 ﻳﯜﻩﻥ، ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻳﻮﻟﻠﯘﻕ ﺳﯚﺯﻟﯩﺸﯩﺶ ﮬﻪﻗﻘﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﮬﻪﻗﺴﯩﺰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺋﯩﭽﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻳﻮﻟﻠﯘﻕ ﺳﯚﺯﻟﯩﺸﯩﺶ ﮬﻪﻗﻘﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻣﯩﻨﯘﺗﯩﻐﺎ 0.15 ﻳﯜﻩﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

    ﺋﯩﮕﻠﯩﻨﯩﺸﯩﭽﻪ، ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺗﯧﻠﯧﮕﺮﺍﻓﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﯜﺭﯛﺷﻠﯜﻙ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻳﻮﻟﻠﯘﻕ، ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺋﯩﭽﻰ ﺳﯚﺯﻟﯩﺸﯩﺶ، ﻛﻪﺯﻣﻪ ﺑﯩﺮ ﮔﻪﯞﺩﯨﻠﻪﺷﻜﻪﻥ ﻳﯜﺭﯛﺷﻠﯜﻙ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﻳﯜﺭﯛﺷﻠﯜﻙ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﻪﺗﺘﻪ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻳﻮﻟﻠﯘﻕ ﺳﯚﺯﻟﯩﺸﯩﺶ ﮬﻪﻗﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﻪﺯﻣﻪ ﮬﻪﻕ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﺪﻯ، ﺑﯘ ﺋﺎﺑﯘﻧﺘﻼﺭ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭﻏﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺩﯦﻴﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺗﯧﻠﯧﮕﺮﺍﻓﯩﻨﯩﯔ 920 ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻳﻮﻟﻠﯘﻕ، ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺋﯩﭽﻰ، ﻛﻪﺯﻣﻪ ﮬﻪﻗﻘﻰ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯜﺭﯛﺷﻠﯜﻙ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﯩﺘﻰ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺟﻪﻣﺌﯩﻲ 2ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ 550 ﻣﯩﯔ ﺋﺎﺑﯘﻧﺘﻰ ﺑﺎﺭ، 1-ﺳﯧﻨﺘﻪﺑﯩﺮ ﻳﺎﻥ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻥ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻳﻮﻟﻠﯘﻕ ﺳﯚﺯﻟﯩﺸﯩﺶ ﮬﻪﻗﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﻪﺯﻣﻪ ﮬﻪﻗﻘﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺑﯘ ﺋﺎﺑﯘﻧﺘﻼﺭﻏﺎ ﻧﻪﭖ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ.

    ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﻪ ﺧﻪﯞﻩﺭﻟﯩﺸﯩﺸﻰ 2009-ﻳﯩﻠﻰ 3G ﻧﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭘﻼ، ﻳﺎﻥ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻥ ﺋﺎﺑﯘﻧﺘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺕ ﺋﯩﭽﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻳﻮﻟﻠﯘﻕ ﮬﻪﻗﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﻪﺯﻣﻪ ﮬﻪﻗﻘﯩﻨﻰ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺳﻜﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ، ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻳﻮﻟﻠﯘﻕ، ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺋﯩﭽﻰ، ﻛﻪﺯﻣﻪ ﺑﯩﺮﮔﻪﯞﺩﯨﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﻳﯜﺭﯛﺷﻠﯜﻙ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﻪﺗﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﮔﻪﻥ. ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻛﯚﭼﻤﻪ ﺧﻪﯞﻩﺭﻟﯩﺸﯩﺸﯩﻤﯘ 2016-ﻳﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻳﻮﻟﻠﯘﻕ، ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺋﯩﭽﻰ، ﻛﻪﺯﻣﻪ ﺑﯩﺮ ﮔﻪﯞﺩﯨﻠﻪﺷﻤﯩﮕﻪﻥ ﻳﯜﺭﯛﺷﻠﯜﻛﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﺎﺗﻘﺎﻥ. ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺷﯩﺮﻛﻪﺕ ﻣﯘﻧﯘﻻﺭﻧﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﺩﻯ: ﺑﯩﺰ ﮔﯘﺭﯗﮪ ﺷﯩﺮﻛﻪﺕ ﺑﺎﺵ ﺋﯩﺸﺘﺎﺑﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺗﻪﻟﯩﭙﯩﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ، ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺕ ﺋﯩﭽﻰ ﻳﺎﻥ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻥ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻳﻮﻟﻠﯘﻕ ﺳﯚﺯﻟﯩﺸﯩﺶ ﮬﻪﻗﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﻪﺯﻣﻪ ﮬﻪﻗﻘﯩﻨﻰ ﻣﺎﺱ ﻗﻪﺩﻩﻣﺪﻩ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﺩﯗﻕ.

    ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﻳﯧﯖﻰ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﻛﯚﭼﻤﻪ ﺧﻪﯞﻩﺭﻟﯩﺸﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺳﯚﺯﻟﯩﺸﯩﺶ ﮬﻪﻗﻘﻰ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻠﻼ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﻳﻪﻧﻰ ﺳﯚﺯﻟﯩﺸﯩﺸﻨﯩﯔ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﺶ ﮬﻪﻗﻘﻰ. ﺑﯘ 1-ﺳﯧﻨﺘﻪﺑﯩﺮﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺕ ﺋﯩﭽﻰ ﻳﺎﻥ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻥ ﺳﯚﺯﻟﯩﺸﯩﺶ ﮬﻪﻗﻘﯩﻨﯩﯔ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ، ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﯞﻩ ﺳﯩﺮﺕ ﺳﯚﺯﻟﯩﺸﯩﺶ ﮬﻪﻗﻘﻰ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﻳﺮﯨﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺩﯦﺮﻩﻙ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ.

    « شىنخۇا ئاگىنىتلقى »

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى