• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    دىيابېت ئاغرىقلىرى مېۋە–چېۋە يېگەندە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار ​

    مەنبە : uy.ts.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 13:00 30-08-2017
    تەھرىر : گۈلمىرە
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>



    دىيابېت ئاغرىقلىرى ئالدى بىلەن بەدىنىدىكى قان شېكىرىنى كونترول قىلغان ئەھۋالدا مېۋە– چېۋىنى مۇۋاپىق مىقداردا يەپ بەرسە بولىدۇ.

    مېۋە– چېۋىنىڭ كالىتسىي تولۇقلاش ۋە راكقا قارشى تۇرۇشقا پايدىسى كۆپ. دىيابېت ئاغرىقلىرى مېۋە– چېۋىنى چوقۇم ئىككى تاماق ئارىلىقىدا يېيىشى، مېۋە– چېۋە يېگەندە ئاساسلىق تاماق مىقدارىنى ئازايتىش لازىم. مېۋە– چېۋە يېيىشتىن ئاۋۋال ئاچ قورساق قان شېكىرىنى ئۆلچىگەندە يەتتىدىن تۆۋەن بولۇشى، تاماقتىن ئىككى سائەت كېيىنكى قان شېكىرى 10 دىن تۆۋەن بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ. ئاغرىقلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ئوخشىمىغان بولغاچقا، بەزىلەر قەنت مىقدارى تۆۋەن مېۋە– چېۋىنى يېسىمۇ قان شېكىرى تېزلا ئۆرلەپ كېتىدۇ. شۇڭا دىيابېت ئاغرىقلىرى مېۋە– چېۋىلەرنى تاللىشى لازىم. تاۋۇز، شاپتۇل، بۆلجۈرگەن، مايمۇن شاپتۇلى، ئۈرۈك تۈرىدىكى مېۋە – چېۋىلەرنىڭ ھەر 100 كىلوگىرامى 40–20 كىلو كالورىيە ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلگەچكە، يېيىشكە مۇۋاپىق. بانان، ئانار، نەشپۈت، ماڭگو قاتارلىق مېۋىلەرنىڭ 100 گىرام تەركىبىدىكى قەنت مىقدارى 11~20 گىرامغىچە بولۇپ، 50~90 كىلو كالورىيە ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەيدۇ . شۇڭا بۇلارنى ئازراق يېيىش كېرەك، چىلان ، قۇرۇق ئۈزۈم ۋە قوغۇن، ئۈزۈم قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە ئىسسىقلىق مىقدارى 100 كىلو كالورىيەدىن يۇقىرى بولغاچقا، يېرىم سائەتتىلا قان شېكىرىنى تېزلىكتە ئۆرلىتىۋېتىدۇ . شۇڭلاشقا بۇ مېۋىلەرنى ئاز يېيىش ياكى يېمەسلىك لازىم .

    «تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى