• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪﻩ ﻳﺎﺷﺎﻧﻐﺎﻧﺪﺍ ﻛﯜﺗﯜﻧﯜﺵ ﭘﯘﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﻠﯩﻖ ﺳﻪﯞﯨﻴﻪﺳﻰ 3000 ﻳﯜﻩﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﻟﺪﻯ

    مەنبە : xj.news.163.com
    يوللانغان ۋاقىت : 12:13 30-08-2017
    تەھرىر : زۇھرە
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ۋاڭيى تورى خەۋىرى: نۆۋەتتە، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ كارخانىلاردىن پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە كۈتۈنۈش پۇلى 3013.84 يۈەن بۇلۇپ، بولتۇرقىدىن 203.33 يۈەن ئېشىپ، ئېشىش نىسبىتى% 7.2 بولغان.

    مۇخبىرنىڭ 29 - ئاۋغۇسىت شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، بۇ يىل كارخانىلاردىن پېنسىيىگە چىققان خادىملارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى ئۇدا 13 يىل تەڭشەلگەن؛ 2–قېتىم ماس قەدەملىك كارخانا ۋە ئورگان كەسپىي ئىش ئورۇنلىرى پېنسىيونېرلىرىنىڭ كۈتۈنۈش پۇلىنى تەڭشەش سەۋىيىسى يۇقىرى كۈتۈرۈلگەن. ھازىرغىچە، شەھەر بويىچە تەڭشەش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك تاماملانغان، شەھەر بويىچە بىۋاسىتە 260 مىڭ كارخانا ۋە ئورگان كەسپىي ئىش ئورۇنلىرى پېنسىيونېرلىرىغا نەپ يەتكۈزگەن.

    تەڭشەلگەندىن كېيىنكى كارخانىلاردىن پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە كۈتۈنۈش تەمىناتى ﺗﻪﻣﯩﻨﺎﺗﻰ 3013.84 ﻳﯜﻩﻥ بولغان. شەھەرلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئىدارىسىنىڭ ئۇنىۋېرسال مۆلچەرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىملىق تەڭشەش ئارقىلىق، ئورگان كەسپىي ئىش ئورۇنلىرى پېنسىيونېرلىرىنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە كۈتۈنۈش ﺗﻪﻣﯩﻨﺎتىغا 227.69 يۈەن قوشۇلغان.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى