• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    گېرمانىيەدە «ئالۋاستى سېستىرا » 86 ئادەمگە زىيانكەشلىك قىلغان

    مەنبە : news.xinhuanet.com
    يوللانغان ۋاقىت : 11:22 30-08-2017
    تەھرىر : زۇھرە
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    شىنخۇا تورى خەۋىرى: گېرمانىيە ساقچى تەرەپنىڭ 28– ئاۋغۇست دېيىشىچە، ئىككى يىل ئىلگىرى دورا- ئوكۇل بىلەن قەستلەپ ئادەم ئۆلتۈرگەن نېلىس ئېسىملىك ئەر سېستىرانىڭ زىيانكەشلىك قىلغان ئادىمنىڭ ئىككى ئادەم بولماستىن بەلكى، ئاز دېگەندىمۇ 86 ئادەم ئىكەن. دېلو يۈز بەرگىلى نەچچە يىل بولغاچقا، نۇرغۇن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ جەسىتىنى تەكشۈرۈش مۇمكىن بولمىغان، شۇڭا ئۇنىڭ ئەمەلىي قەستىلەپ ئۆلتۈرگەن ئادەم سانىنى بېكىتىش تەس بولغان، بۇ دېلو ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى گېرمانىيەدىكى ئەڭ ئېغىر بولغان قەستلەپ ئۆلتۈرۈش دېلوسى ھېسابلىنىدىكەن.

    نېلىس بۇ يىل 40 ياش بۇلۇپ، 1999–يىلدىن 2002–يىلغىچە گېرمانىيە ئولدېنبۇرگتىكى بىر دوختۇرخانىدا خىزمەت قىلغان، 2003 –يىلدىن 2055–يىلغىچە دېلمېنخورستكى دوختۇرخانىغا يۈتكىلىپ خىزمەت قىلغان. ئولدېنبۇرگ ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقىنىڭ دېيىشىچە، ئەڭ بۇرۇن بولغاندىمۇ 2003–يىلدىن باشلاپ، ئۇ دوختۇرخانىدا بىمارلارغا قول سالغان بۇلۇشى مۇمكىن بۇلغان بولسىمۇ ئۇ ۋاقتتا باشقىلارنىڭ دىققەت- ئېتىبارىنى قوزغىمىغان.
    2005 -يىلى، نېلىسنىڭ خىزمەتدىشى ئۇنىڭ بىمارغا ئۆلتۈرۈپ قويۇش ئىھتىماللىقى بار بولغان ئۇكۇلنى ئۇرغانلىقنى كۈرۈپ قالغان، بىمارلار ۋاقتىدا قۇتقۇزۇلۇپ، تەلىيى ئوڭىدىن كېلىپ بالا‐ قازادىن قۇتۇلۇپ قالغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ 2008- يىلى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش جىنايىتى ئەمەلگە ئاشمىغان دېگەن جىنايەت بىلەن، يەتتە يېرىم يىللىق قاماق جازاسىغا ھۈكۈم قىلىنغان. بىراق، دېلونىڭ پاش بۇلۇشى بىلەن، ئۆلگۈچىلەرنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ساقچىلار بىلەن ئالاقىلىشىشقا باشلىغان ھەمدە ئۇلار ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ كېسەل سەۋەبىدىن ئەمەس بەلكى، بۇ سېستىرانىڭ زىيانكەشلىك قىلىشى بىلەن قازا قىلغان دەپ گۇمانلىدىغانلقىنى ئېيتقان. 2015-يىلى نېلىس ئىككى قېتىملق قەستلەش ۋە كۆپ قېتىم ئەمەلگە ئاشمىغان قەستلەپ ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئەيىپلىنىپ، ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. تەپتىش مەھكىمىسى شۇ چاغدا ئۇ قەستىلەپ ئۆلتۈرگەن ئەمەلىي ئادەم سانى خېلىلا كۆپ بۇلۇشى مۇمكىن دەپ كۆرسەتكەنىدى.
    ئۇ 2003- يىلىدىن 2005- يىلىغىچە بولغان ئارلىقتا كېسىلى ئېغىر بىمارغا يۇقىرى مىقداردىكى دورىنى ئوكۇل قىلىپ، بىمارنىڭ يۈرەك زەئىپلىشىش سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. جاۋابكارنىڭ دېلو سادىر قىلىشتىكى مۇددىئاسىنى ئېغىر كېسەللەرنى پەرۋىش قىلغاندىكى جىددىي ئەھۋالدا، ئۆزىنىڭ سەككراتتىكى بىمارنى ئازاپتىن قۇتقۇزۇشتىكى قابىلىيىتىم، دەپ قارىغان.

    ساقچى تەرەپ 28– ئاۋغۇست ھۆكۈم ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: نېلىسنىڭ قىلمىشى ئادەم ئۆلتۈرۈش بىلەن پەرقلەنمەيدۇ. تەكشۈرۈش خادىملىرى ئۆلگەن 130 بىمارنىڭ يەرلىكىنى ئېچىپ جەسەتنى تەكشۈرگەن، ئاز دېگەندە ئۆلگەن 84 بىمارنىڭ زىيادە كۆپ دورا- ئوكۇل ئۇرۇلۇپ ئۆلگەنلىكىنى، يەنە نۇرغۇن بىمارنىڭ مىيىتى كۆيدۈرۈلگەن بولغاچقا، ئۆلۈش سەۋەبىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈشكە ئامال بولمىغانلىقىنى ئېيتتى.

    تەپتىش مەھكىمىسى ئاللىقاچان ئۇ بۇرۇن خىزمەت قىلغان ئىككى دوختۇرخانىغا بېرىپ مۇناسىۋەتلىك خادىملارغا قارىتا جىنايى ئىشلار بۇيىچە دىلو تۇرغۇزۇپتۇ.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى