• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ئاپتونوم رايونىمىز تور بازىرى مۇھىتىنىڭ تېخىمۇ ساغلام بولۇشى ئۈچۈن...

    مەنبە : uy.ts.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 10:32 30-08-2017
    تەھرىر : زۇھرە
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تور سودىسى ۋە مۇلازىمىتى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە بارغانسېرى مۇھىم رول ئوينىماقتا. ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، 2016– يىلى مەملىكىتىمىزدە تور سودىسى ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرىليون 150 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %25.2 ئاشقان. بۇ يىل 1– پەسىلدە، مەملىكىتىمىزدە تور سودىسى ئومۇمىي سوممىسى 1 تىرىليون 400 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %32.1 ئاشقان. 2016– يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدا تور سودىسى ئومۇمىي سوممىسى 43 مىليارد 740 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %34.6 ئېشىپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىستېمال بويۇملىرى پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %15.5ىنى ئىگىلەپ، ئېشىش نىسبىتى ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرى پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى جەھەتتە مەملىكىتىمىزنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىگە يەتكەن.

    ئەمما تور بازىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، بىر قىسىم مەسىلىلەرمۇ كۆرۈلدى. بىر قىسىم قانۇنسىز ئۇنسۇرلار تورنىڭ مەۋھۇملۇقى ۋە ئاسان تەكشۈرۈشكە بولمايدىغانلىقىدىن پايدىلىنىپ، ساختا، سۈپەتسىز ماللار، چەكلەنگەن ماللارنى سېتىش، سۈپەتسىزنى سۈپەتلىكنىڭ، ساختىنى راستنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى– تەرۇز قىلىپ، ئىناۋەتكە تەسىر يەتكۈزۈش، ساختا سودا قىلىپ، ساختا ئېلان بېرىش، باھا ئالدامچىلىقى قاتارلىق قىلمىشلارنى سادىر قىلدى.

    ئۇنداقتا، تور سودىسىدا كۆپ ئۇچرايدىغان قانۇنسىز قىلمىشلارنى قانداق پەرقلەندۈرۈش كېرەك؟

    ئاپتونوم رايونلۇق سودا– سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى تور سودىسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باشقارمىسىدىن سۈن جىنخەي مۇنداق دېدى: تور سودىسىدا ئۆزىمىزنى قوغداش ئېڭىمىزنى كۈچەيتىپ، قانۇنسىز قىلمىشلارنى پەرقلەندۈرۈشكە ماھىر بولۇشىمىز كېرەك. بىرىنچىدىن، تور سودىسىدا مۇتلەقلەشتۈرۈۋەتكەن سۆز– ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. مەسىلەن: توردىكى سېتىلىشى ئۇدا نەچچە يىل بىرىنچى بولغان؛ تەرەققىياتى غەربىي شىمال رايونى بويىچە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ، دېگەندەك سۆز– ئىبارىلەر ‹‹ئېلان قانۇنى››نىڭ 8– ماددىسىغا خىلاپ. ئىككىنچىدىن، توردا سېتىلىدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئۈنۈمىنى كۆپتۈرۈۋېتىشكە بولمايدۇ، بۇ ‹‹ئېلان قانۇنى››نىڭ 18 – ماددىسىغا خىلاپ. ئۈچىنچىدىن، ساختا ئېلان بېرىشكە بولمايدۇ. بۇ ‹‹ناتوغرا رىقابەتكە قارشى تۇرۇش قانۇنى››نىڭ 5– تارمىقى ۋە 11– تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ. مەسىلەن: مەلۇم شىركەت 2014– يىلى قۇرۇلغان بولسىمۇ، شىركىتىمىزنىڭ مەھسۇلاتى 20 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئالقىشقا ئېرىشىپ كەلگەن، سېتىلىش سوممىسى 2 مىليون 120 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ...، دېگەندەك ساختا ئېلان سۆزلىرىنى ئىشلەتسە بولمايدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن، توردىن مەھسۇلات سېتىۋالغاندا، ‹‹بىرنى سېتىۋالسا، بىرسى سوۋغا قىلىنىدۇ›› دېگەن سۆزگە ئېنىق چۈشەنچە بەرمىسىمۇ قانۇنسىز قىلمىش ھېسابلىنىدۇ، بۇنىڭدا ئوخشاش تۈردىكى مەھسۇلاتتىن بىرسى سوۋغا قىلىنامدۇ ياكى باشقا تۈردىكى مەھسۇلات سوۋغا قىلىنامدۇ؟ دېگەنگە ئېنىق چۈشەنچە بېرىش كېرەك.

    ‹‹جىڭدۇڭ›› گۇرۇھى غەربىي شىمال رايونىنىڭ ئاممىۋى ئىشلار باش نازارەتچىسى چېن يۈتاۋ مۇنداق دېدى: 20 يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسىدە، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى ئەڭ تېز ھەم مۇھىم تەركىبكە ئايلاندى. يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، كىچىكلىكتىن زورىيىپ، كەسىپلىشىشتىن كەسىپنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقىچە بولغان جەرياندا، قانۇن– نىزاملار ئېلېكتىرونلۇق سودا بىلەن تەڭ قەدەمدە مېڭىپ، ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ تەرەققىياتىغا توغرا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. ‹‹جىڭدۇڭ›› گۇرۇھى بۇ يىل ئاپتونوم رايونلۇق سودا– سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ قوللىشىدا ‹‹12315››ئىستېمالچىلارنىڭ زىددىيەت– ماجىرالىرىنى تېز ھەل قىلىش لىنىيەسى ئېچىپ، شىنجاڭدىكى ئىستېمالچىلارنى تېز، قولايلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى.

    ئاپتونوم رايونلۇق سودا– سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى مىڭيەن مۇنداق دېدى: تور بازىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، تور سودىسىدىكى قانۇنسىز قىلمىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، دۆلەت سودا– سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، تەرەققىيات– ئىسلاھات كومىتېتى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقى قاتارلىق 10 ئورۇن بىرلىشىپ، بۇ يىل 5– ئايدىن 11– ئايغىچە تور بازىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلدى. بۇ ھەرىكەتكە ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق سودا– سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات – ئىسلاھات كومىتېتى، ئۇچۇر– ئالاقە باشقۇرۇش ئىدارىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى، سودا ئىشلىرى نازارىتى قاتارلىق 10 ئورۇن بىلەن ھەمكارلىشىپ، بىرلەشمە ھەرىكەت پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تارماقلارنىڭ ئۆزئارا ماسلىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تور بازىرىنى ساھە، رايون، فۇنكسىيەلىك تارماق ھالقىپ تەڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سودا– سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ۋە بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى مەخسۇس ھەرىكەت پىلانى تۈزۈپ، جايلاردىن پىلاننى چۆرىدەپ، ھوقۇق– مەنپەئەتكە دەخلى– تەرۇز قىلىش، ساختىلىق قىلىش قىلمىشلىرى، شۇنداقلا توردىكى ساختا تەشۋىقات قىلىش، ساختا، قانۇنسىز ئېلان بېرىش قىلمىشلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىش، تور بازىرىدىكى ناتوغرا رىقابەت، مونوپوللۇق، شاخلىتىپ سېتىش قىلمىشلىرىنى ئېنىقلاش، تور بازىرىدا ‹‹ئۈچ قانۇنسىز›› ۋە چەكلەنگەن بۇيۇملارنىڭ سېتىلىشىنى چەكلەش ئارقىلىق، تور بازىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى يېڭىلاشنى تەلەپ قىلدى. تور بازىرىنىڭ ساغلام بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇنى نازارەت قىلىش خىزمىتىدە ھەممەيلەننىڭ ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈشى، كۈچ چىقىرىشىغا توغرا كېلىدۇ. ئىشىنىمىزكى، ھەممەيلەن ئورتاق تىرىشساقلا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تور بازىرىنى تېخىمۇ ساغلام مۇھىتقا ئىگە قىلالايمىز.

    «تەڭرىتاغ تورى»


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى