• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ھىندىستاندىكى تۆۋەن مائاشلىق تازىلىقچى ئاياللار رېكورت ياراتتى

    مەنبە : uy.ts.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 17:48 29-08-2017
    تەھرىر : گۈلمىرە
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ئەنگىلىيە ‹‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى ›› نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستاندىكى ئىككى ئايال تازىلىق ئىشچىسى 40 يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، تەرەت تۇڭى يۇيۇپ ، تىرىشچانلىق ۋە ئەستايىدىللىق بىلەن ئىشلەپ، ئاخىرىغا كەلگەندە ئاران 64 پۇند (تەخمىنەن 640 يۈەن) لۇق ئازغىنە كىرىمگە ئېرىشىپ، مائاشىنىڭ تۆۋەنلىكىدە يېڭى جىننېس دۇنيا رېكورتى ياراتقان .


    59 ياشلىق Akku بىلەن Leela Sherigar ھىندىستاننىڭ جەنۇبىدىن بولۇپ، 1971-يىلى ئىككىيلەن ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى بىر ئايال ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش ئورنىدا ئىشلىگەن. دەسلەپتە ھاجەتخانا تازىلاپ، ھەر ئايدا پەقەت 15 رۇپىيە (تەخمىنەن 1.75 يۈەن) مائاش ئالغان، بىر يىلدا جەمئىي 180 رۇپىيە (تەخمىنەن 21 يۈەن) ئالغان . ئۇلار شۇ ئىشلىگەنچە 40 يىل ئىشلىگەن، يەنە كېلىپ بىر كۈنمۇ ئىش تاشلىمىغان. مۇشۇنداق تۇرۇپمۇ، 40 يىلدىن بۇيان ئۇلارنىڭ مائاشى پەقەتلا ئۆسۈپ باقمىغان .

    Akku مۇنداق دېگەن: ئۇلار ھەر يىلى مائاشنى ئۆستۈرىمىز، دەپ ۋەدە بېرىدۇ، بىراق بۇ كۈن مەڭگۈ يېتىپ كەلمىگۈدەك. ئىككىيلەننىڭ سەۋر- تاقىتى ئاخىرى چېكىگە يېتىپ، 2001-يىلى ھىندىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئۇدۇپ ئۆلكىسى كارناتاكا شەھەرلىك مەمۇرىي سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلغان، نەتىجىدە، ئىككىيلەننىڭ مائاشى بىراقلا توختىتىۋېتىلگەن. بۇ خىزمەتنى قىزغىن سۆيىدىغان بۇ ئىككىيلەن مانا مۇشۇنداق ئەھۋالدىمۇ بۇ ئورۇنغا يەنە 11 يىل ھەقسىز ئىشلىگەن. كارناتاكا شەھەرلىك يۇقىرى سوت ۋە ئالىي سوت مەھكىمىسى ئادىل ھۆكۈم چىقارغاندىمۇ، بۇ ئىككىسى ئېرىشىشكە تېگىشلىك مائاشىغا ئېرىشەلمىگەن.


    «تەڭرىتاغ تورى »

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى