• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ئەلى بابانىڭ «قوش 11 مال سېتىۋېلىش بايرىمى» قانداق بارلىققا كەلگەن؟

    مەنبە : www.uycnr.com
    يوللانغان ۋاقىت : 17:18 29-08-2017
    تەھرىر : زۇھرە
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    2009-يىلى ئەلى بابانىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى جاڭ يوڭ «قوش 11 مال سېتىۋېلىش بايرىمى» پائالىيىتىنى ئىجاد قىلغان، ئۇ ھازىر دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ مال سېتىۋېلىش بايرىمىغا ئايلىنىپ بولدى. كېين تيەنماۋنىڭ كېلىشى بىلەن ئەلى ئېلېكتىرونلۇق سودا ساھەسىدىكى «سودىدىن خېرىدارلارغىچە» دەپ ئاتالغان، قىسقارتىلمىسى B2C بولغان سودا ئەندىزىسىدە ئۆزىنىڭ ئورنىنى بېكىتىپ پادىشاھلىق ئورنىدا تۇردى.

    ئۇنداقتا ئەسلىدە «بويتاقلار بايرىمى» بولغان 11-ئاينىڭ 11-كۈنى قانداقىسىگە «پۈتۈن دۇنيا مال سېتىۋېلىش كۈنى» بولغان «قوش 11»گە ئايلانغان؟


    ئەلى بابانىڭ ئاشكارىلىشىچە، 2009-يىلىدىكى ئاشۇ ۋاقىتتا تيەنماۋ تېخى يوق بولۇپ، ئۇنىڭ ئەسلى سالاھىيىتى تاۋباۋ سودا سارىيى ئىدى، شۇ چاغدا ئۇلار بىر ئېنىق بولغان مەخسۇس مال سېتىۋېلىش كۈنى بېكىتمەكچى بولۇپ، قايسى كۈننى بېكىتىش ھەققىدە ئويلىشىۋاتاتتى.

    ئۇيان تاللاپ بۇيان تاللاپ 11-ئاينىڭ بولىدىغانلىقى ھېس قىلغان، ئالدىدا 11 ئالتۇن مەزگىل بار، كەينىدە بولسا روژدېستىۋو بايرىمى، باھار بايرىمى بار بولۇپ، پەقەتلا 11-ئايدا ھىچقانداق بايرام يوق، يەنە كېلىپ پەسىل ئالمىشىدىغان ۋاقىتنىڭ كېلىدىغان مەزگىلى بولۇپ، مەيلى جەنۇب تەرەپ ياكى شىمال تەرەپ بولسۇن كىشلەرنىڭ سېتىۋالىدىغان نەرسىلىرى بىر قەدەر كۆپ، قىشنى ئۆتكۈزىدىغان ئىشتان-چاپان، ئاياق، پايپاقلارنىڭ بازىرىمۇ تازا بولىدۇ.

    ئەلى بابا يەنە قايسى كۈننى تاللاش كېرەكلىكى ھەققىدە كۆپ ئويلانغان، ئۇلار كالېندارنى بىر قۇر كۆرۈۋەتكەندىن كېيىن، پەقەت «1» رەقىمىلا بار بولغان، يەنى 11-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى 1111 بويتاقلار بايرىمىنى كۆرگەن. بويتاقلار جەمەتىنىڭ ئۆيلىرىدە قىلىدىغان باشقا ئىشلىرى بولمىغان ئىكەن، ئۇلارغا سوۋغات سېتىۋېلىپ كۆڭلىنى ياساش كېرەكتە. شۇنىڭ بىلەن مۇشۇنداقلا تۇنجى قوش 11 پائالىيىتى بارلىققا كەلگەن، ئاقىۋەتتە ئۇ «پۈتۈن دۇنيا مال سېتىۋېلىش كۈنى»گە ئايلىنىپ، ئىنتايىن مودا بولۇپ كەتكەن.

    ئەلى بابا: تۇنجى قېتىمدا گەرچە 27 كارخانا قاتناشقان بولسىمۇ، قوش 11 پائالىيىتىنىڭ ئاخىرلىشىدىغان شۇ كۈنى، ھېسابات سوممىسىغا قارىساق نورمال كۈندىكىدىن نەچچە ھەسسە ئېشىپ، 50 مىليون يۈەنلىك ئۆتكەلدىن ئ‍ۆتكەن ئىدى، دېدى.

    ئەڭ ئاخىرىدا شۇ قېتىملىق تۇنجى قوش 11 كۈنىدىكى ھېسابات سوممسى 52 مىليون يۈەن ئەتراپىدا توختىغان، ئەمما 2016-يىلىدىكى شۇ كۈندە بۇ سان نەچچە ھەسسىلىنىپ 120 مىليارد 700 مىليون يۈەنگە چىققان. سەككىز يىل ۋاقىت سەرپ قىلىنىپ مىليون يۈەندىن بىراقلار مىليارد يۈەنگە ئۆرلىگەن.

    بۇ يىل ئەلى بابا پات ئارىدا كېلىدىغان 2017-يىللىق قوش 11نى كۈتىۋالىدۇ.

    تۇنجى قېتىملىق قوش 11 پائالىيىتىدە خاتىرە رەسىمگە چۈشكەن ۋاقىتتا 50 مىليوندىكى بىر نۆل كام بولۇپ قېلىپ، خىزمەتچىلەر ئەلى بابا ئىشخانا تېمىدىكى سائەتنى ئېلىپ كاملاپ قالغان نۆلنىڭ ئورنىغا ئىشلەتكەن، كېيىن بىر پارچە قەغەزنى قوشقاندىن كېيىن 50 مىليون بولغان.

    《جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى》


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى