• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    2025-يىلى تەنتەربىيە كەسپىنىڭ كۆلىمى بەش تىرىليون يۈەندىن ئاشىدۇ

    مەنبە : www.uycnr.com
    يوللانغان ۋاقىت : 11:59 29-08-2017
    تەھرىر : زۇھرە
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى خەۋىرى:27- ئاۋغۇست 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تيەنجىندە باشلاندى، بۇ نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە يارقىن نۇقتىلار مەيدانغا كېلىپ، «مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، ساغلام جۇڭگو» باش تېمىسى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلدى. مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ماھارەت تەنتەربىيەسى بىلەن ئاممىۋى تەنتەربىيەنىڭ بىرىكىشى، ئومۇمىي خەلقنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇشى بىلەن ئومۇمىي خەلق ساغلاملىقى يۇغۇرۇلغان يېڭى سەھنىگە ئايلاندى.

    مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئومۇمىي خەلق تەنتەربىيەسى تەنتەربىيە كەسپى بىلەن ساغلاملىق كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپ، ئىستېمالنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ساغلام ئىقتىساد دەۋرىنى باشلاشقا يېتەكچىلىك قىلىدىكەن. تەنتەربىيە كەسپى، ساغلاملىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش- يېڭىدىن ئىقتىسادنىڭ ئېشىش نۇقتىسىنى يارىتىش، ئىقتىساد جەمئىيەتنىڭ سىجىل تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم كۈچكەن.

    گوۋۇيۈەن بېسىپ تارقاتقان «تەنتەربىيە كەسپىنى تېزدىن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تەنتەربىيە ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»دە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: 2025-يىلغىچە، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق، ئىقتىدارى مۇكەممەل، تۈرلىرى تولۇق تەنتەربىيە كەسپى سىستېمىسى ئاساسى جەھەتتىن تۇرغۇزۇلىدۇ، تەنتەربىيە كەسپىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 5 تىرىليون يۈەندىن ئاشۇرۇلىدۇ. گوۋۇيۈەن ئىشخانىسىنىڭ «چېنىقىش ئىستىراھەت كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2025-يىلغىچە، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق، ئىقتىدارى مۇكەممەل، تۈرلىرى تولۇق چېنىقىش ئىستىراھەت كەسپى تەرەققىيات ئەندىزىسى ئاساسى جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈلۈپ، چېنىقىش ئىستىراھەت كەسپىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 3 تىرىليون يۈەنگە يەتكۈزۈلىدۇ.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى