• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    تيەنجىن شەھىرى تۆت يىل تىرىشىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت...

    مەنبە : www.uycnr.com
    يوللانغان ۋاقىت : 11:50 28-08-2017
    تەھرىر : گۈلمىرە
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    2013- يىلى 5- ئايدا باش شۇجى شى جىنپىڭ تيەنجىندە خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە گۈزەل تىيەنجىننى تىزدىن بەرپا قىلىش لازىم، دەپ كۆرسەتتى. تۆت يىلدىن بۇيان، تيەنجىن 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش پۇرسىتىنى غەنىيمەت بىلىپ، ئېكولوگىيەلىك ئولتۇراقلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، ئىقتىساد، ئېكولوگىيە قوش ئۈنۈمىنى قولغا كەلتۈردى.

    تيەنجىننىڭ باۋدى رايونىدىكى جيەنگەن دەرياسى بويىغا بارسىڭىز بۇنىڭدىن 20 يىل ئىلگىرى سېسىق سۇ ئاقىدىغان دەريادا سۇنىڭ سۈزۈكلۈكى، قىرغىقىنىڭ يېشىللىققا پۈركەنگەنلىكى، ئوتتۇرا ئېقىنىدىكى بېلىقلارنى كۆرەلەيسىز. باۋدى رايونلۇق سۇ ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باش ئىنژېنېرى دەي خوڭ مۇنداق دېدى: يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، مەركەزلىك تۈزەش ۋە دەريا باشلىقى تۈزۈمىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، جيەنگەن دەرياسىنىڭ سۇ سۈپىتى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى. ھازىر سۇ جانلىقلىرى ۋە ئۆسۈملۈكلىرى كۆپ خىللىشىشنىڭ ئەڭ روشەن ئىپادىسى سۇ سۈپىتىدە زور ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.

    تيەنجىن شەھىرىنىڭ باشلىقى ۋاڭ دوڭفېڭ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تيەنجىن ھاۋانى ساپلاشتۇرۇش، دەريا سۈيىنى سۈزۈلدۈرۈش، كەنت ۋە مەھەللە تازىلىقىنى ياخشىلاش، گۈزەللەشتۈرۈشنى پۈتۈن شەھەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتىكى ئاساسلىق كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، گۈزەل تيەنجىن بەرپا قىلىش ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى. يېقىندا يەنە چىلىخەي، داخۇاڭباۋ قاتارلىق تۆت زەيلىكنى قوغداش پىلانىنى تەتقىق قىلىپ يولغا قويدى.

    تۆتنى ساپلاشتۇرۇش بىرنى يېشىللاشتۇرۇش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش پۈتۈن كۈچ بىلەن يولغا قويۇلۇپ، دۆلەت بەلگىلىگەن PM2.5 نى تۆۋەنلىتىش نىشان ۋەزىپىسى مۇددەتتىن بۇرۇن ئورۇندالدى. شەھەر قىياپىتى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتتا يېڭى ئۆزگىرىش بولدى.

    تيەنجىننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنىڭ ياخشىلىنىشى كۆپلىگەن پەن- تېخنىكا ۋە مەدەنىيەت كارخانىلىرىنى مەبلەغ سېلىشقا جەلپ قىلدى. بۇ يىل 4- ئايدا ئەمدىلا قۇرۇلغان بولوڭ ئوۋخۇا خەلقئارا كىنو كەسپى بازىسى ئامېرىكىدىكى ھوللىۋود قاتارلىق كۆپلىگەن كىنو شىركەتلىرىنى تۇنجى تۈركۈمدە جەلپ قىلىپ، بۇ يەرنى كىنو ئەركىن سودا رايونىغا ئايلاندۇردى.

    ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ ياخشىلىنىشى تيەنجىننى ئىقتىساد، ئېكولوگىيە قوش ئۈنۈمىگە ئىگە قىلدى. تىيەنجىن شەھىرى 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىنى پۇرسەت بىلىپ، 110 دىن كۆپرەك كوچا، 2900 دىن كۆپرەك ئىمارەتنى رېمونت قىلدى، ئون كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى خەيخې دەرياسىنىڭ كېچىلىك مەنزىرىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈردى. ھازىر سۈپ سۈزۈك خەيخې دەرياسى، پاكىز يوللار، چاقناق چىراغلار مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى كۆرگىلى كەلگەنلەرگە تيەنجىننىڭ سەمىمىيىتى ۋە قايناق ھېسسىياتىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.

    «جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى »


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى