• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ئەرلەرنىڭ ئۆيلىنىشتىن ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى سېلىشتۇرمىلىرى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 13:39 17-08-2017
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    * ئەرلەر ئۆيلەنمىگەن چاغدا ھەممە نەرسىنى رەتلىك ، جاي -جايىدا قويىدۇ ، ئۆيلەنگەندىن كېيىن تۇرمۇشتا تەرتىپسىزلىشىپ كېتىدۇ ، بۇ ئۇلارنىڭ ھورۇنلىشىپ كەتكەنلىكىدىن ئەمەس . ئۇلار خوتۇنىنىڭ نەرسە يىغىشتۇرغاچ ئانچە-مۇنچە قاقشاپ قويۇشلىرىنى خۇشاللىق دەپ بىلىدۇ ؛

    * ئەرلەر ئۆيلەنمىگەن چاغدا كېسەل بولۇپ قالسىمۇ ، دورا يەپ يۈرۈپ ساقىيىدۇ ، ئۆيلەنگەندىن كيىن ئانچىكى كېسەل بولۇپ قالسىمۇ ۋايجانلاپ يېتىۋالىدۇ ، چۈنكى ئۇلار بۇنداق چاغدا خوتۇنىنىڭ ئەتراپىدا پايپېتەك بولۇپ يۈرگەن ھالىتىنى كۆرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ ؛

    * ئەرلەر ئۆيلەنمىگەن چاغدا ھەمىشە ئايال بولغۇچى چوقۇم ئېرىنىڭ سىزىقىدىن چىقماسلىقى كېرەك ، دەپ ئويلايدۇ ، ئۆيلەنگەندىن كېيىن ئاندىن ئاياللارنىڭمۇ ئۆز ئالدىغا پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقى ، ياشاش ئۇسۇلى بارلىقىنى ھېس قىلىدۇ ؛

    * ئەرلەر ئۆيلەنمىگەن چاغدا ئەر كىشى چوقۇم ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك، دەپ ئويلايدۇ ، ئۆيلەنگەندىن كېيىن ئايالىغا ئانچە-مۇنچە يالغان سۆزلەپ قويسىمۇ بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ ؛

    * ئەرلەر ئۆيلەنمىگەن چاغدا ئاياللارنىڭ نېمە ئۈچۈن كۆپ ياش تۆكىدىغانلىقىنى چۈشەنمەيدۇ ، ئۆيلەنگەندىن كېيىنلا ئۇلارنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادىمى بەرگەن ئازابقا چىدىماي يىغلايدىغانلىقىنى بىلىدۇ .



    «تەڭرىتاغ تورى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى