• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    يەر شارىدىكى ئەڭ دوستانە دۆلەتلەر

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 13:14 17-08-2017
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    1-ئورۇندا تۇرىدىغان دۆلەت: يېڭى زېلاندىيە

    يېڭى زېلاندىيەدە تۇرۇپ قالغان كۆپ قىسىم مۇھاجىرلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار ناھايىتى ئاسانلا شۇ يەرنىڭ يېڭى مەدەنيىتىگە سىڭىشىپ كېتەلەيدىكەن. زىيارەتنى قوبۇل قىلغۇچى %55 كىشىنىڭ دېيىشىچە، ئۇلارنىڭ يېڭى زېلاندىيەدە تۇرۇپ قالغۇسى ياكى بۇ جايغا قايتا بارغۇسى بار ئىكەن.

    2-ئورۇندا تۇرىدىغان دۆلەت: ئاۋسترالىيە

    ئاۋسترالىيەدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان، زىيارەتنى قوبۇل قىلغۇچىلاردىن %77ىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار ناھايىتى ئاسانلا شۇ يەرنىڭ ئاھالىلىرىگە سىڭىشىپ كېتەلەيدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە %87 ئادەم بۇ يەردە خىزمەت قىلسا ناھايىتى قارشى ئېلىندىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇندىن باشقا ئاكتىپ ئامىللاردىن يەنە %95 زىيارەتنى قوبۇل قىلغۇچى ئاۋستىرالىيەنىڭ ئىقتىسادى مۇھىتى ياخشى دەپ قارىغان، بالىلىق بولۇپ، پەرزەنت تەربىيەلەش مۇھىتى ياخشى دەپ قارايدىغانلارمۇ خېلى زور نىسبەتنى ئىگىلىگەن.

    3-ئورۇندا تۇرىدىغان دۆلەت: جەنۇبىي ئافرىقا

    ئىززەت-ھۆرمەتكە نائىل بولغاندىن باشقا، بۇ يەردىكى زىيارەتنى قوبۇل قىلغۇچى %79 كىشىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئۇلار ناھايىتى ئاسانلا شۇ يەرنىڭ ئاھالىلىرىگە سىڭىشىپ كەتكەن. جەنۇبىي ئافرىقا يەنە ئىقتىسادىي جەھەتتە مۇھاجىرلارغا ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كەلگەن. %47 كىشى جەنۇبىي ئافرىقىغا كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن ئۇلار تېخىمۇ كۆپ زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرى بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان. ھالبۇكى %69 ئادەم تېخىمۇ كۆپ ئوتتۇرىچە كىرىمگە ئىگە بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

    4-ئورۇندا تۇرىدىغان دۆلەت: كانادا

    زىيارەتنى قوبۇل قىلغان نۇرغۇن كىشى كاناداغا كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن ئۆزلىرىنىڭ ئىنتايىن ياخشى خىزمەت مۇھىتىغا ئېرىشكەنلىكىنى، شۇنداقلا خىزمەت ۋە تۇرمۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ناھايىتى ياخشى بولغان تەڭپۇڭلۇققا ئىگە بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. زىيارەتنى قوبۇل قىلغۇچى %39 كىشى ئۆزلىرىنىڭ بۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قېلىشنى باەكمۇ خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

    5-ئورۇندا تۇرىدىغان دۆلەت: ئامېرىكا

    ئامېرىكىدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان مۇھاجىرلار بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن ماشىنا ۋە ئولتۇراق ئۆي شارائىتىنىڭ ياخشىلانغانلىقىنى ئېيتقان، بىراق، يەنە بەزى بىر قىسىم كىشىلەر ئامېرىكىنىڭ مەكتەپ ۋە داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش سىستېمىسىدىن ئەندىشە قىلىدىكەن.

    6-ئورۇندا تۇرىدىغان دۆلەت: ئەنگلىيە

    ئەنگلىيەدە ئولتۇراقلاشقان مۇھاجىرلارنىڭ بۇ يەردىكى يەرلىك ئاھالىلەرگە سىڭىشىپ كېتىشى نىسبەتەن ئاسان. بىراق، بۇ يەرنىڭ تۇرمۇش تەننەرقى بىر قەدەر قىممەت، ۋاھالەنكى، ئەنگلىيەنىڭ ئېنىقسىز ئىقتىسادىي مۇھىتى سەۋەبلىك بىر قىسىم كىشىلەر بۇ يەردىن ئايرىلىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ.

    7-ئورۇندا تۇرىدىغان دۆلەت: فىلىپپىن

    فىلىپپىن مۇھاجىرلارنىڭ ھەميانلىرىغا نىسبەتەن ئىنتايىن دوستانە. %47 ئادەم ئۆزلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپلىگەن راھەت-پاراغەتلىك تۇرمۇش بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن. مەسىلەن، مالاي ياللاش، سۈ ئۈزۈش كۆلچىكى، ئۆزلىرىنىڭ ئۆي-زېمىن خوجىلىقى قاتارلىقلار.

    8-ئورۇندا تۇرىدىغان دۆلەت: ئىسپانىيە

    مۇھاجىرلار ئىسپانىيەگە ناھايىتى ماسلىشىپ كېتەلەيدۇ. نۇرغۇنلىغان زىيارەتنى قوبۇل قىلغۇچىلار بۇ يەردىكى يەرلىك ئاھالىلەرگە ناھايىتى ئاسان سىڭىشىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن. يەرلىك مەدەنىيەتنى چۈشىنىش، يەرلىكلەر بىلەن دوستانە ئالاقىدە بولۇش، يەرلىكنىڭ تىلنى ئۆگىنىش ۋە ئۇنى ئىشلىتىش، شۇنداقلا خىزمەت، تۇرمۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆز ۋەتىنىدە(ئەنگلىيە، ئامېرىكا، فرانسىيە شۇنداقلا گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ(تۇرغاندىكىدىنمۇ تېخىمۇ ياخشىدەك ھېس قىلغان.

    9-ئورۇندا تۇرىدىغان دۆلەت: مالايسىيا

    بۇ يەردىكى نۇرغۇنلىغان مۇھاجىرلار ئۆزلىرىنىڭ شۇ يەرنىڭ يەرلىك تىلىنى ئۆگەنگەنلىكىنى، يەرلىكلەر بىلەن دوستلاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن. زىيارەتنى قوبۇل قىلغان بىر كىشى مۇنداق دېگەن: «مالايسىيا تىنچلىقنى سۆيىدىغان دۆلەت، باج-سېلىق ۋە جامائەت فوندى قاتارلىق جەھەتلەردە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت ئۈنۈمى ئىنتايىن يۇقىرى، بۇ جايدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ باھاسى نىسبەتەن ئەرزان ھەمدە مۇھىتى پاكىز، رەتلىك. كىشىلەرنىڭ مۇھىت ئېڭى كۈچلۈك».

    10-ئورۇندا تۇرىدىغان دۆلەت: برازىلىيە

    بۇ يىلقى تەكشۈرۈشتە يېڭىدىن تاللانغان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، برازىلىيە سىرتتىن كەلگەنلەرنى ناھايىتى قىزغىن قارشى ئالىدۇ. بىراق ئوخشىمىغان پۇل، دۆلەتلەر ئوتتۇرسىدىكى كاپىتال تۇراقسىزلىقى، شۇنداقلا مۇرەككەپ باج سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان پۇل مۇئامىلىنىڭ ھازىرقى ھالىتى نۇرغۇن كىشىلەرنى ئەندىشىگە سالىدۇ. ۋاھالەنكى، بۇ يەردىكى مۇھاجىرلار يەنىلا برازىلىيە ئىقتىسادىنىڭ ئىستىقبالىغا ئىشەنچ بىلەن قارايدۇ ھەمدە بۇ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىنىڭ كەلگۈسىدىكى بۇ بىر يىلدا ياخشىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

    11-ئورۇندا تۇرىدىغان دۆلەت: ئىتالىيە

    ئىتالىيەمۇ بۇ يىل يېڭىدىن تاللانغا دۆلەت. زىيارەتنى قوبۇل قىلغۇچى %88 كىشى بۇ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئىنتايىن ئاجىز شۇنداقلا يامانلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن ھەمدە %22 ئادەم بۇ يەردىن ئايرىلىشنى ئويلىشىۋېتىپتۇ.

    12-ئورۇندا تۇرىدىغان دۆلەت: مېكسىكا

    بۇ يەردىكى %62 مۇھاجىر بۇ جاينىڭ ئۆزلىرىنى جەلپ قىلىدىغان يېرى تېخىمۇ ياخشى بولغان خىزمەت ئىستىقبالى ۋە يۇقىرى كىرىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن. ھالبۇكى، مۇھاجىرلارنى بۇ دۆلەتتىكى كەينى-كەينىدىن يۈز بېرىۋاتقان تەبىئىي ئاپەتلەر شۇنداقلا بالا-چاقىلىرىنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى ئەندىشىگە سېلىپ قويغان.

    13-ئورۇندا تۇرىدىغان دۆلەت: سېنگاپور

    بۇ يەردىكى مۇھاجىرلار، سېنگاپورنى شەرق ۋە غەربنىڭ مەدەنىيەت جەۋھىرى مۇجەسسەملەشكەن، بىزنى تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇش ۋە خىزمەت تەرەققىياتى بىلەن تەمىن ئېتىدۇ، دەپ قارايدۇ. بىراق مۇھاجىلارغا نىسىبەتەن ئېيىتقاندا، شۇ يەردىكى ئاھالىلەر بىلەن سىڭىشىش ئۇنچىۋالا ئاسان ئەمەس. بۇ يەردە ئولتۇراقلاشقان چەت ئەللىكلەر باشقا مۇھاجىرلار بىلەن باردى-كەلدى قىلىشنى بەكمۇ ياخشى كۆرىدۇ، ئۇلار بالىلىرىنى خەلقئارالىق مەكتەپلەردە ئوقۇتۇشقا بەكرەك مايىل.

    14-ئورۇندا تۇرىدىغان دۆلەت: فرانسىيە

    پەرزەنتلىك بولۇش كۆرسەتكۈچىدە، فرانسىيە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ يەرنىڭ بالىلارنى تەربىيەلەش خىراجىتى نىسبەتەن تۆۋەن، تۇرمۇش ئۇسۇلى تېخىمۇ ساغلام بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئادەمدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ. ئۇندىن باشقا زىيارەتنى قوبۇل قىلغۇچى %93 كىشى ئۆزلىرىنىڭ فرانسۇز تىلىنى ئۆگىنىپ، ئىشلىتىپ سىناپ كۆرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. شۇ يەرنىڭ مەززىلىك تائاملىرىدىن ھۇزۇرلىنىش، شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت جەريانىدا قارشى ئېلىنىش نىسبىتى %71 ۋە %89 بولغان.



    «تەڭرىتاغ تورى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى