• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ھىندىستان گۈزىلى ئاشۋارىيانى چۈشىنەمسىز؟

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 12:31 17-08-2017
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    ئاشۋارىيا راي 1973-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى ھىندىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئەنئەنىۋى ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ئاشۋارىيا راينىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان كەسپى قۇرۇلۇش كەسپى بولۇپ، ئۇ ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن ئىشتىن سىرت مودېللىق قىلغان، ئۇ ئىلگىرى كېيىن بولۇپ نۇرغۇن ئېلانلارغا چىققان.بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ داڭلىق بولغىنى «پېپسى كولا» نىڭ ئېلانى بىلەن «ھىندىستان سارى»سىنىڭ ئېلانىدۇر.

    1994-يىلى، ئاشۋارىيا راي جەنۇبى ئافرىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن «دۇنيا خانقىزى» نى تاللاش مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغان، شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ ھىندىستاننىڭ ئەڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن ساھىبجامال دېگەن نامغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ ھېلىقى بىر جۈپ يېشىل كۈل رەڭ ئارىلاش كۆزى ھىندىستان كىنو چەمبىرىكىنى ئاللىقاچان ئۆزىگە جەلپ قىلغان بولۇپ، نۇرغۇن رېژىسسورلار ئۇنى فىلىملىرىدا رول ئېلىشقا تەكلىپ قىلىشقا باشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ كىنو-فىلىم ئىشلەش ھاياتى باشلىنىدۇ. ئۇ رول ئالغان تۇنجى كىنو ئەسىرى «ئۇسسۇل شاھزادىسى舞蹈王子» ھىندىستان كىنو باھالىغۇچىلىرىنىڭ ماختىشى ۋە ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇنىڭ ئەڭ داڭلىق كىنو ئەسەرلىرىدىن «ئاق كۆڭۈل يالغانچىلىق»善良的谎言، «بوللىۋودتىكى ھايات-ماماتلىق مۇھەببەت»(宝莱坞生死恋) قاتارلىقلار بار.

    2003–يىلى فىرانسىيەدىكى «گانا كىنو فېستىۋالى»دا ئاشۋارىيا راي تارىختىن بۇيانقى تۇنجى ھىندىستانلىق فىلىم باھالىغۇچى بولۇپ نۇرغۇنلىغان ھوللىۋود چولپانلىرىدىن ھالقىپ كەتتى.ئۇ ئاخبارات ۋاستىلىرى تالىشىپ زىيارەت قىلىدىغان داڭدار شەخىسكە ئايلاندى.

    ئۇنىڭ سۈرەتلىرى «بۈگۈنكى ھىندىستان»، «دەۋر ژۇرنىلى» قاتارلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ژۇرنال باش مۇقاۋىسىغا چىقىپ تۇرىدۇ. ئۇ يەنە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، ئەنگلىيە، جۇڭگو، رۇسىيە، ئىسرائىلىيە، ئىتالىيە، بىرازىلىيە، ئىسپانىيە ۋە فىرانسىيە قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ژۇرنال مۇقاۋىسىغا چىقتى. ئۇ «دەۋر ژۇرنىلى» تەرىپىدىن «يەر شارىدىكى 100 نەپەر ئەڭ تەسىر كۈچكە ئىگە شەخس» دەپ باھالاندى، hello ژۇرنىلى ئۇنى «دۇنيادىكى ئەڭ جەلپكار ئايال» دەپ تەرىپلىدى، «ئەرلەر گۇروھى»، «نىيۇيورك دەۋر ژۇرنىلى» قاتارلىق ژۇرناللارمۇ ئۇنى ئۇنتۇپ قالمىدى-ئەلۋەتتە. لوندوندىكى دۇنياغا داڭلىق ئىندېكسى خانىم سارىيىغا ئۇنىڭ موم ھەيكىلى قويۇلدى، ئۇ بۇ شان-شەرەپكە ئېرىشكەن تۇنجى ھىندىستانلىق ئايال چولپان بولۇپ قالدى.

    ئاشۋارىيا توي قىلىشتىن بۇرۇن سالمانخان ۋە ۋىۋېك.ئوبروي قاتارلىق بىر نەچچە ئەر چولپانلار بىلەن يۈرگەنلىك خەۋەرلىرى تارقالغان.

    2007-ﻳﯩﻠﻰ 20-ﺋﺎﭘﺮﯦﻞ ﮬﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻧﺪﺍ بوللىۋودﻧﯩﯔ 31 ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺋﻪﺭ ﺋﺎﺭﺗﯩﺴﻰ ئابىشېك ﺑﺎﭼﭽﺎﻥ بىلەن ﺗﻪﻧﺘﻪﻧﯩﻠﯩﻚ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠدى.

    ئابىشېك ﺑﺎﭼﭽﺎﻥ 1976-ﻳﯩﻠﻰ ﮬﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻧﺪﺍ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﮬﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺋﻪﺭ ﺋﺎﺭﺗﯩﺴﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ. ئابىشېك ﺑﺎﭼﭽﺎﻥ ﺑﻮﻟﻠﯩﯟﻭﺩ ﻛﯩﻨﻮ ﺳﺎﮬﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﻛﻮﻧﺎ ﺳﻪﺭﻛﻪﺭﺩﯨﺴﻰ ﺋﺎﻣﯩﺘﺎب ﺑﺎﭼﭽﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﺳﻮﺩﺍ-ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺕ ﭘﻪﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ﺋﻪﯞﻩﺗﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘ ﺋﺎﺗﺎ ﻣﯩﺮﺍﺳﯩﻐﺎ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯩﻨﻮ ﺋﺎﺭﺗﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﻰ ﺗﺎﻟﻠﯩﻐﺎﻥ. ئۇ ھازىرقى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى دادىسىنىڭ كۈچىگە ئەمەس ئۆزىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ قولغا كەلتۈرگەن، ﻛﯧﻴﯩﻨﭽﻪ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺋﺎﺭﺯﯗﺳﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ بوللىۋود ﻛﯩﻨﻮ ﺳﺎﮬﻪﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺋﻪﺭ ﺋﺎﺭﺗﯩﺲ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ. ھازىر ئۇلارنىڭ ئوماق بىر قىزى بار.

    ئاشۋارىيا راي ئانا بولۇپ، زىيادە سەمرىپ كەتكەچكە، ھىندىستان خەلقى ئۇنىڭ ئۈستىدىن سوتقا ئەرز قىلغان، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە، ئاشۋارىيا راي پۈتۈن ھىندىستان خەلقىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ گۈزەللىكى نۇقسانسىز ساقلىنىشى كېرەكمىش، ئەمما بۇخىل ئىنكاسلارغا ئاشۋارىيا راي «مەن ئانا بولغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن ھەم ھازىرقى بۇ ھېسسىياتىمدىن ئىنتايىن ھۇزۇرلىنىمەن» دەپ جاۋاب قايتۇرغان.

    ھازىر ئۇ مۇۋەپپىقىيەتلىك ئورۇقلاپ يەنە بۇرۇنقىدەك تەنناز ھالىتىگە قايتىپ يېڭى فىلىملەردە رول ئالماقتا.


    «بەيدۇ تورى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى