• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ئانتىبىيوتىك دورىلار ئۆپكىنى كاردىن چىقىرىدۇ

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 12:46 17-08-2017
    تەھرىر : زۇھرە
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    يۆتىلىپ قالغاندا بەزىلەر ئۇزاققىچە ئانتىبىيوتىك دورا يېسىمۇ كېسىلىدە ياخشىلىنىش بولمايدۇ، ئەكسىچە ئۆپكىسى سېسىپ كېتىشى مۇمكىن. مۇتەخەسسىسلەر بۇ ھەقتە توختالغاندا مۇنداق دېيىشتى: «كىشىلەر ئادەتتە زۇكام بولۇپ قىزىپ قالسا، سەۋەبىنى ئېنىقلاتمايلا ئانتىبىيوتىك دورىلارنى يەيدۇ، بىراق بۇ چاغدا ئانتىبىيوتىكلار ۋىرۇسنى يوقىتالمايلا قالماستىن، ئەكسىچە ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. ناۋادا ئانتىبىيوتىك دورىلارنى قالايمىقان ۋە ئۇزاق يېسە، كۆكەرتكۈچى زەمبۇرخ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى تەڭپۇڭسىزلاشقان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ كېسەللىك پەيدا قىلىدۇ».

    مۇتەخەسسىسلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى: «ئەگەر ئادەم راستتىنلا باكتېرىيە بىلەن يۇقۇملىنىپ قالغان ياكى زۇكام بولغان بولسا، ياخشىسى ئانتىبىيوتىك دورىلارنى يېمەي، كۆپرەك قايناق سۇ ئىچىپ ئارام ئالسا، ياغسىز يېمەكلىكلەرنى يەپ بەرسە پايدىسىنى كۆرىدۇ. ئادەتتە ئانتىبىيوتىك دورىلارنى ئىشلەتكەندە مۇنداق پىرىنسىپلارغا رىئايە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ:

    1. يېيىش زۆرۈرىيىتى بولمىغان ئانتىبىيوتىك دورىلارنى يېمەسلىك؛

    2. زىيادە كۈچلۈك ئانتىبىيوتىك دورىلارنى يېمەسلىك؛

    3. بىر خىللا ئانتىبىيوتىك دورىنى يېيىش؛

    4. يېنىك ياكى ئوتتۇراھال زۇكام بولغاندا زۇكام دورىلىرىغا ئانتىبىيوتىك دورىلارنى قوشۇپ يېمەسلىك؛

    5. ئەگەر كونا تىپتىكى ئانتىبىيوتىك دورىلار ئۈنۈم بەرسە، يېڭى تىپتىكىسىنى يېمەسلىك كېرەك».

    «ئۈرۈمچى كەچلىك گىزىتى »


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى