• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ شوپۇرلۇق ئىمتىھانىدىكى غەلىتە بەلگىلىمىلەر

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 12:08 17-08-2017
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    فىنلاندىيە : ھەممە ئادەم سىيرىلىپ مېڭىشنى بىلىدۇ

    فىنلاندىيە مۇسابىقە ئاپتوموبىلى ماھىرى ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا كېلىۋاتقان دۆلەت، مىكا خەككىنېن، كىمى رايكونېن قاتارلىق F 1 مۇسابىقە ئاپتوموبىلى ماھىرلىرىنىڭ ھەممىسى فىنلاندىيەلىك. بۇنىڭ فىنلاندىيەنىڭ دۆلەت ئەھۋالى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بار، چۈنكى فىنلاندىيە شىمالىي ياۋروپاغا جايلاشقان بولۇپ، يىل بويى قار بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ. يول بويىدىكى يېپىشىش كۈچى بەك تۆۋەن، قارلىق دالا بالونىغا ئېلېكترونلۇق تېيىلىشنى چەكلەش سىستېمىسىنىڭ ياردىمى قوشۇلغان تەقدىردىمۇ، يەنىلا يانغا قىيسىيىپ قېلىشنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ.

    شۇ سەۋەبتىن فىنلاندىيەنىڭ شوپۇرلۇق ئىمتىھانى يول لىنىيەسى ئىنتايىن قاتتىق لايىھەلەنگەن. مەسىلەن، بىر تۈرلۈك ئىمتىھان تۈرىدە سۇ بار نەم يول يۈزىدە ھەيدەيدۇ، جىددىي تورمۇزلىغان ئەھۋالدا، ئاپتوموبىل قىياپىتى مۇقىم بولغان-بولمىغانلىقىغا قارايدۇ، ناۋادا بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە مۇقىم قىياپەتتە ئاپتوموبىلنى تورمۇزلاپ توختىتالمىسا، ئۇنداقتا ئۆتەلمەيدۇ. فىنلاندىيەنىڭ ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى، ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە دائىم ياۋايى ھايۋانلار ئۇچرايدۇ، شۇڭا ئىمتىھان تۈرىدە يەنە كومپيۇتېر تەقلىدى ھالىتىنى ئىشلىتىش بار، ئۇزۇن ۋاقىت يول يۈرۈش جەريانىدا تۇيۇقسىز پەيدا بولغان ياۋايى ھايۋانلار، شوپۇرنىڭ جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارىنى سىنايدۇ.

    بۇنىڭدىن سىرت، فىنلاندىيەدە ھەتتا تېخى ئاپتوموبىل لەيلەپ سىلجىۋاتقان ھالەتتە ئاپتوموبىلنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى سىناش تۈرى بار، ئاساندىن قىيىنغىچە توققۇز ئىمتىھان تۈرى بار، ئىمتىھاندىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئېرىشىدىغىنى پەقەت ۋاقىتلىق پىراۋا بولىدۇ. ۋاقىتلىق پىراۋىنى ئېلىپ ئىككى يىل ئىچىدە قائىدىگە خىلاپلىق قىلىش سانى ئىككى قېتىمدىن ئاشمىسا، ئاندىن رەسمىي پراۋا تارقىتىلىدۇ.

    فىنلاندىيەنىڭ شوپۇرلۇق ئىمتىھانى جەريانى ئىنتايىن مۈشكۈل، ئەمما قاتناش قانۇنى تېخىمۇ قاتتىق. فىنلاندىيەدە شوپۇرغا قانچىلىك جەرىمانە قويۇش كىرىمى بويىچە دەرىجىگە ئايرىلغان. يۇقىرى كىرىملىكلەرگە كۆپ، تۆۋەن كىرىملىكلەر ئاز جەرىمانە قويۇلىدۇ. بىر قېتىم نوكىيا شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش لىدىرى سۈرئەت چەكلىمىسى 50km/h لىق يولدا، 75km/h لىك تېزلىكتە ماڭغانلىقتىن، 116 مىڭ ياۋرو جەرىمانە قويۇلغان.

    ياپونىيە : شوپۇرلۇق مەكتىپى يېمەك-ئىچمەك، تۇرالغۇ بىلەن تەمىنلەيدۇ

    ياپونىيەنىڭ شوپۇرلۇق ئىمتىھانى ئىنتايىن قىممەت ۋە قاتتىق، ئادەتتە 15-20 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا، تەربىيەلىنىش ۋاقتى 60 سائەتتىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك. ئالدى بىلەن يول قاتناش قانۇن-نىزام بويىچە تەربىيەلەش دەرسلىكى ئون سائەت، ئارقىدىنلا 15 سائەتلىك شوپۇرلۇق نەزەرىيە دەرس بار. نەزەرىيە ئۆگىنىپ بولغاندىن كېيىنكىسى بولسا 19 سائەتلىك ئەمەلىي يول شوپۇرلۇق مەشىقى ۋە 16 سائەتلىك كەسپىي بىلىم ئاشۇرۇش.

    بۇ پەقەت شوپۇرلۇق مەكتەپنى پۈتتۈرۈش، شوپۇرلۇق مەكتەپ كۇرسنى تاماملاش گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بېرىدۇ. ئۇ بولغاندا ئاندىن ئەڭ ئاخىرقى ئىمتىھانىغا قاتناشقىلى بولىدۇ. ناۋادا ئەڭ ئاخىرقى ئىمتىھانىدا لاياقەتسىز بولسا، قايتىدىن شوپۇرلۇق مەكتەپتە ئوقۇيدۇ.

    ناۋادا ھەممە ئىش ئوڭۇشلۇق بولسا، شوپۇرلۇق مەكتەپكە كىرىشتىن پراۋا ئېلىشقىچە تەخمىنەن ئىككى ھەپتە ئەتراپىدا ۋاقىت كېتىدۇ. شۇڭا ياپونىيەنىڭ بەزى شوپۇرلۇق مەكتىپى يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت چىقارغان، شوپۇرلۇق مەكتەپ ياتاق بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېيىش، ئىچىشى مەكتەپ ئىچىدە بولىدۇ، يىغىلىپ مەشىق قىلىش ئىككى ھەپتە بولىدۇ.

    گېرمانىيە: ئاۋۋال جىددىي قۇتقۇزۇشنى ئۆگىنىش

    گېرمانىيەدە پىراۋا ئېلىشقا تەخمىنەن ئۈچ ئايدىن ئالتە ئايغىچە ۋاقىت كېتىدۇ، ئومۇمىي خىراجىتى تەخمىنەن 1500 ياۋرو ئەتراپىدا بولىدۇ. گېرمانىيەدە شوپۇرلۇق ئىمتىھانىدىن بۇرۇن ئالدى بىلەن سەككىز سائەت جىددىي قۇتقۇزۇش بىلىمى، تەقلىدىي قاتناش ھادىسىسى نەق مەيدانىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆگىنىش كېرەك. يول مەشىقىدە بولسا كەسپىي ترېنېر بىلەن بىللە ھەر قېتىمدە ئەڭ ئاز بولغاندا 90 مىنۇت ھەيدەيدۇ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 12 قېتىم مەشىق قىلىدۇ. بۇ تۆت قېتىملىق يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ھەيدەش مەشىقى ۋە ئۈچ قېتىملىق كېچىلىك يول مەشىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

    گېرمانىيەدە مۇقىم ئىمتىھان يولى لىنىيەسى يوق، پۈتۈنلەي ترېنېرنىڭ كۆرسەتمىسىگە تايىنىدۇ، شەھەر مەركىزى، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قاتارلىقلاردا سىناق ئالىدۇ. پىراۋا تۈرىگە ئاساسەن، بىر قېتىملىق ئىمتىھان كۆپ ھاللاردا 30-75 مىنۇت بولىدۇ. ماشىنا توختىتىش ئىمتىھانى ماشىنىنى پارالىل توخىتىتىش، دۆڭ يولدا توختىتىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. گېرمانىيەدە شوپۇرلۇق ئىمتىھاننى كۆپ ئېلىنىدۇ، ھەر قېتىملىقىنىڭ ۋاقتىمۇ ناھايىتى ئۇزۇن. چۈنكى ئەمەلىي يول يۈرگەن ۋاقىتتىكى ھۆكۈم قىلىش ئىنتايىن سۇبيېكتىپ بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تاقابىل تۇرىدىغان ئەسلىھەمۇ ئىنتايىن كۆپ خىل بولىدۇ، مەسىلەن، ئالدى تەرەپتە بىر توسالغۇ جىسىم بار بولۇپ، ئايلىنىپ ئۆتۈپ، تورمۇزلاش، ياكى ماشىنىنى توختىتىپ قاراپ بېقىش، ھېچقايسىنىڭ مۇتلەق توغرا-خاتاسى بولمايدۇ. ئەمما ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق خاتا ھۆكۈم قىلسا ياكى خەتەرلىك ھەيدىسە لاياقەتسىز دەپ قارىلىدۇ.

    گېرمانىيەدە شوپۇرلۇق ئىمتاھانى بېرىدىغان ۋاقىتتا، ترېنېر يەنە ماتور قاپقىنى ئېچىپ شوپۇردىن ماتور بۆلمىسى ئىچىدىكى ھەر قايسى زاپچاسلارنىڭ ئىقتىدارى ۋە ھەر خىل سۇيۇقلۇقلارنى تەكشۈرۈش ۋە ئىشلىتىش دائىرىسىنى سورايدۇ.جىددىي قۇتقۇزۇشتىن، ھەيدەش، ئاسراش، ئۆگىنىشكىچە بولغان جەرياننى ئىنتايىن ئەتراپلىق دېيىشكە بولىدۇ. شوپۇرلۇق ئىمتىھانىدىن ئۆتسە بىر ماشىنا مۇتەخەسىسىگە ئايلىنىدۇ.

    كانادا: شوپۇرلۇق ئىمتىھانىغا ئىككى يىل كېتىدۇ

    كانادادا شوپۇرلۇق ئىمتىھانىغا كېرەكلىك بولغان ۋاقىت توپتوغرا ئىككى يىل، پۈتۈن جەريان مەشىق پراۋا (G1)، تەييارلىق پراۋا (G2)، رەسمىي پراۋا (G) نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ،ھەممىسىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، ئاندىن ئەڭ ئاخىرىدا يولغا چىقىش سىنىقىغا قاتنىشىشقا بولىدۇ.

    شوپۇرلۇق مەكتەپنىڭ ئىمتىھانىسىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، مەشىق پراۋىسى (G1) غا ئېرىشكىلى بولىدۇ، بىر يىل مەشىق قىلغاندىن كېيىن تەييارلىق پراۋا (G2) غا ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ، بۇ مەزگىلدە ناۋادا ئۆزى مۇستەقىل ماشىنا ھەيدەشكە بولمىسا، تۆت يىللىق شوپۇرلۇق سىتاژىغا ئىگە خادىم ھەمراھ بولىشى كېرەك. بۇنىڭدىن سىرت كەچ 12:00 دىن سەھەر 5:00 كىچە بولغان بۇ مەزگىلدە ماشىنا ھەيدەشكە بولمايدۇ، سائەتلىك تېزلىكىنى 80km/h لىق سۈرئەتتىن ئاشۇرۋېتىشكىمۇ بولمايدۇ.

    بىر يىلدىن كېيىن، شوپۇرلۇق مەكتەپنىڭ ماشىنىسىنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ ھەم ئۆزنىڭ ماشىنىسىنى ئىشلىتىپ ئەڭ ئاخىرقى ئىمتىھانىنى بەرسىمۇ بولىدۇ. بۇ جەرياندىن ئۆتكەندىن كېيىن تەييارلىق پراۋا (G2) نى ئالماشتۇرۇشقا بولىدۇ. بۇ مەزگىلدە باشقا كىشلەرنى ماشىنغا ئولتۇرغۇزسا بولمايدۇ، پەقەت ئۆزىلا ھەيدىشى كېرەك. يەنە بىر يىلدىن كېيىن، ئاندىن رەسمى پراۋا (G) نىڭ ئىمتىھانىغا ئېرىشىدۇ.

    ئامېرىكا : ئاددىي

    ئامېرىكىدا شوپۇرلۇق ئىمتىھانىسىنىڭ جەريانى ناھايىتى ئاددىي، يېزىقچە ئىمتىھان ۋە يول سىنىقىغا ئايرىلغان. يېزىقچە نەزىرىيە ئىمتىھانى ئاياقلاشقاندىن كېيىن، بىر ۋاقىتلىق پراۋىغا ئېرىشىدۇ، ۋاقىتلىق پراۋا بولسىلا يولغا چىقىپ مەشىق قىلسا بولىدۇ. ياخشى مەشىق قىلغاندىن كېيىن يول سىنىقىغا قاتنىشىدۇ، ئاندىن پراۋا ئالغىلى بولىدۇ.

    ئامېرىكىنىڭ يېزىقچە ئىمتىھانىمۇ ئىنتايىن ئاددىي، ئادەتتە پەقەت 30 سوئاللا بار، قاتناش قانۇن-نىزاملىرى ۋە يول بەلگىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يازمىچە ئىمتىھانىدىن بۇرۇن پەقەت ئاددىيلا كىتاب كۆرۈپ قويسا ناھايىتى ئاسانلا ئۆتەلەيدۇ. يېزىقچە ئىمتىھان ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ۋاقىتلىق پراۋىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ، ئۆزىنىڭ ماشىنىسىنى ھەيدەپ مەشىق قىلسا بولىدۇ، چۈنكى ئامېرىكىدا ھەممە ئائىلىدە دېگۈدەك ماشىنا بار، شوپۇرلۇق مەكتىپى بولمىسىمۇ، ئۆزىنىڭ ماشىنىسىنى ئىشلىتىپ ئۆگىنىۋالالايدۇ. ئەڭ ئاخىرقى يول سىنىقىدا ترېنېرنى ئېلىپ 50 كىلومېتىر ئەتىراپىدا يول يۈرىدۇ، بۇ جەريان تەخمىنەن 20 مىنۇت بولىدۇ، ئاندىن پراۋىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.

    كورىيە : ئەڭ ئاددىي

    كورىيەنىڭ شوپۇرلۇق ئىمتىھانىنى ئەڭ ئاددىي دېگەن سۆز بىلەن سۈپەتلەشكە بولىدۇ، كورىيەنىڭمۇ شوپۇرلۇق ئىمتىھانى يېزىقچە ئىمتىھان ۋە يول سىنىقى ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. يېزىقچە ئىمتىھان خەنزۇچە جاۋاب بېرىشنى قوللايدۇ، ئىمتىھانىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى يوق، يېزىقچە ئىمتىھانىدا 60 نومۇر ئالسىلا لاياقەتلىك بولىدۇ، شۇڭا كۆپرەك خاتا بولسىمۇ كارى يوق.

    كورىيەدە شوپۇرلۇق ئىمتىھانى بېرىش ئۈچۈن شوپۇرلۇق مەكتەپكە بېرىشنىڭ ھاجىتى يوق، ئۆيدە ماشىنا بولسىلا ئۆزى ئۆگىنىۋېلىپ بىۋاسىتە ئىمتىھان بەرسىلا بولىدۇ. ماھارەت ئىمتىھانى ئاساسلىقى ئاساسىي ئىقتىدارى، قوزغىتىش، ماشىنىنى توختىتىش، چوڭ چىراقنى ئىشلىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ماھارەت ئىمتىھانىدىن ئۆتكەندىن كېيىنكىسى ئەڭ ئاخىرقى يول سىنىقى. يول سىنىقى ھەممىسى مۇقىم، پەقەت ئىمتىھانىدىن ئىلگىرى بىر قانچە قېتىم مەشىق قىلسىڭىزلا مەسىلە يوق.

    كورىيەدىمۇ شوپۇرلۇق مەكتىپى بار، ئاساسلىقى ئۆيدە ماشىنىسى يوق كىشلەر ئۈچۈن تەييارلانغان.


    گەرچە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ شوپۇرلۇق ئىمتىھانى ئۇسۇلى ئوخشاش بولمىسىمۇ، ئەمما ماشىنا تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردە ئىمتىھان شۇنچە ئازادە، مەسىلەن، ئامېرىكا، كورېيە. تەبئىي، ئىجتىمائىي مۇھىتى مۇرەككەپ دۆلەتتە، ئىمتىھان شۇنچە قاتتىق، مەسىلەن، فىنلاندىيە؛ گېرمانىيەدە يۇقىرى سۈرئەتلىك سۈرئەت چەكلىمىسى يوق بولغانلىقتىن، شۇڭا شوپۇرلۇق ئىمتىھانىغا بەك قاتتىق تەلەپ قويىدۇ.






    «باش خەۋەر تورى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى