• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ﻧﯩﻤﻜﻪﺵ ﺋﯚﻳﻨﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﯘ ﻧﯘﻗﺘﯩﻼﺭﻏﺎ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﺴﯩﯖﯩﺰ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﺗﺎﺭﺗﻤﺎﻳﺴﯩﺰ

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 11:50 17-08-2017
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    ﺷﯩﻨﺨﯘﺍ ﺗﻮﺭﻯ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ. ﻳﯧﯖﻰ ﺋﯚﻱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ, ﻧﯩﻤﻜﻪﺵ ﺋﯚﻱ ﺑﯧﺰﻩﻟﮕﻪﻥ ﮬﻪﻡ ﺑﺎﮬﺎﺳﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﺮﻩﻙ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻧﯩﻤﻜﻪﺵ ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺋﻪﺳﻠﯩﮭﻪﻟﯩﺮﻯ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻟﺮﻩﻙ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ, ﺋﯚﻱ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﻧﯩﻤﻜﻪﺵ ﺋﯚﻱ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﺸﻨﻰ ﺑﻪﻛﺮﻩﻙ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ, ﻧﯩﻤﻜﻪﺵ ﺋﯚﻱ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻧﯘﻗﺘﯩﻼﺭﻏﺎ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﺗﺎﺭﺗﻤﺎﻳﺪﯗ?

    1. ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﻳﯩﻞ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻐﺎ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ. ﻧﯩﻤﻜﻪﺵ ﺋﯚﻱ ﺳﻮﺩﯨﺴﯩﺪﺍ, ﺑﻪﺯﻯ ﯞﺍﺳﺘﯩﭽﯩﻼﺭ ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﻳﯩﻞ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻨﻰ ﺧﺎﺗﺎ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻳﯩﻞ ﺋﺎﺯ ﺩﯦﺴﻪ ﻧﯩﻤﻪ ﺑﻮﭘﺘﯘ, ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺑﯩﻠﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯩﻼ ﺑﻮﻟﻤﺎﻣﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ, ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﻳﯩﻞ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﻗﻪﺭﺯﻯ ﺳﻮﻣﻤﯩﺴﯩﻐﺎ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯨﺪﯗ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ, ﻧﯩﻤﻜﻪﺵ ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﻳﯩﻞ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻪﺭﺯ ﻳﯩﻞ ﭼﯧﻜﯩﻨﯩﯔ ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﯨﺴﻰ 40 ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻰ ﻻﺯﯨﻢ. ﺋﻮﻣﯘﻣﻪﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ, ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﻳﯩﻞ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﺴﺎ, ﻗﻪﺭﺯﻧﯩﯔ ﻳﯩﻞ ﭼﯧﻜﻰ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

    2. ﺋﯚﻱ- ﻣﯜﻟﯜﻙ ﮬﻮﻗﯘﻗﯩﻨﻰ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﻲ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ. ﻧﯩﻤﻜﻪﺵ ﺋﯚﻱ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﺪﺍ, ﺋﯚﻱ-ﻣﯜﻟﯜﻙ ﮬﻮﻗﯘﻗﯩﻨﻰ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﻲ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﯘﮬﯩﻢ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ: ﺋﯚﻱ- ﻣﯜﻟﯜﻙ ﮔﯘﯞﺍﮬﻨﺎﻣﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯚﻱ ﺋﯩﮕﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﻱ ﺳﺎﺗﻘﯘﭼﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﻤﯘ, ﻣﯜﻟﯜﻙ ﮬﻮﻗﯘﻗﯩﻨﯩﯔ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻯ ﯞﻩ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻰ (ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﻛﯚﻟﯩﻤﻰ, ﺋﺎﺩﺭﯨﺴﻰ, ﺋﯚﻟﭽﻪﻣﻠﯩﻚ ﺑﺎﮬﺎﺳﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ) ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﻧﻤﯘ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﻥ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ, ﻣﯜﻟﯜﻙ ﮬﻮﻗﯘﻗﻰ ﺗﻮﻟﯘﻗﻤﯘ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺋﯧﻨﯩﻘﻼﺵ ﻻﺯﯨﻢ. ﭘﯘﻟﻨﻰ ﺗﯚﻟﯩﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻤﯘ ﺋﯚﻱ- ﻣﯜﻟﯜﻙ ﮔﯘﺍﮬﻨﺎﻣﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﻻﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ, ﻣﯜﻟﯜﻙ ﮬﻮﻗﯘﻗﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯚﻱ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

    3. ﺧﻮﺟﯩﻠﯩﻖ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﻧﺎﭼﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﺵ. ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯚﻳﺪﻩ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ, ﺧﻮﺟﯩﻠﯩﻖ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﻪﺗﻨﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﻧﺎﭼﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﮕﻪ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ.

    4. ﺑﯩﺰﻩﻙ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﻳﺪﯨﯖﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ. ﻧﯩﻤﻜﻪﺵ ﺋﯚﻱ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺑﯩﺰﻩﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ, ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺩﻩﺭﮬﺎﻝ ﻛﯚﭼﯜﭖ ﻛﯩﺮﯨﭗ, ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﭘﯘﻟﻨﻰ ﺗﯩﺠﻪﭖ ﻗﺎﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﯚﻳﻨﻰ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺰﯨﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯚﻱ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻐﯘﭼﯩﻼﺭ ﺋﯚﻱ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﺑﯩﺰﻩﻙ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺋﺎﻳﺪﯨﯖﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﻻﺯﯨﻢ.

    «شىنخۇا ئاگېنتلىقى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى