• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    شاھرۇھ خان رول ئالغان ئەڭ نادىر فىلىملەر

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 18:44 16-08-2017
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    1.Raju Ban Gaya Gentleman–

    1992–يىلى

    بۇ فىلىمدە شاھرۇھخان دارجېلىنگنى پۈتتۈرگەن ياش ئىنژىنىر ئوقۇغۇچى Raj Mathur نىڭ زور ئۈمىد بىلەن بومباي كېلىپ كۆزگە كۆرۈنگەن ئېنژىنىرغا ئايلانغانلىقىدەك ۋەقەلىك تەسۋىرلەنگەن.

    2.Baazigar

    1993–يىلى

    شاھرۇھ خان بۇ فىلىمدە سەلبىي ئوبرازنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ياراتقان بولۇپ، ھازىرقى زاماندىكى ئۆز مۇدداسىغا يېتىش ئۈچۈن ۋاستە تاللىمايدىغان بىر قاتىلنىڭ رولىنى ئالغان.

    3.Darr

    1993–يىلى

    بۇ فىلىمدە ئۇ يەنە بىر سەلبىي ئوبرازنى ياراتقان بولۇپ، ئۇ بىر توي قىلىپ بولغان قىزغا سەۋدايىلارچە ئاشىق بولۇپ قالغانلىقىدەك ۋەقەلىك تەسۋىرلەنگەن.

    4.Dilwale Dulhania Le Jayenge–‹كىلىن يۆتكەش›

    1995–يىلى

    بۇ فىلىم شاھرۇھ خان بىلەن كاجولنىڭ ئەڭ نادىر فىلىملىرىنىڭ بىرى بولۇپ،بۇ فىلىم قويۇلغاندىن كېيىن پۈتۈن دۇنيانى زىلزىلگە سالغان. ھازىرمۇ بۇ فىلىم قويۇلۇش ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن بولغان رېكورتنى ساقلاپ كەلمەكتە. 2012–يىلى بۇ كونا فىلىم بومبايدىكى كىنوخانىلاردا قايتا قويۇلغان، دەل مۇشۇ فىلىم شاھرۇھ خان بىلەن كاجولنى ‹ئېكىراندىكى ئەڭ قاملاشقان بىر جۈپلەر› دىن قىلىپ قويغان.

    5.Yes Boss–‹خوپ،باشلىق›

    1997–يىلى

    بۇ بىر رومانتىك، كومىدىيەلىك فىلىم بولۇپ، شاھرۇھ خان رولنى ئالغان Rahul ئۆزىنىڭ خوجايىنىنىڭ ئىشلىرىنى قىلىپ بېرىپ پايدا ئالىدىغان ھەم شۇ ئارقىلىق شىركەتتىكى ئورنىنى قولغا كەلتۈرگەن ئوبراز، لېكىن ئۇ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ خوجايىنىنىڭ قىز دوستىنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ.


    6.Dil To Pagal Hai–‹كۆڭۈل دىگەن ساراڭ›

    1997–يىلى

    فىلىمدە بىر ئۇسۇل ئۆمىكىدىكى ئۇسۇل رېژىسسورى ۋە ئىككى ئۇسۇلچى ئوتتۇرسىدىكى ئۈچبۇرجەكلىك مۇھەببەت ھىكايىسى سۆزلەنگەن.

    7.Kuch Kuch Hota Hai–‹بۇنداق ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ›

    1998–يىلى

    بۇ شاھرۇھ خان بىلەن كاجول ھەمكەرلاشقان 4–فىلىم بولۇپ، فىلىمدە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئانجىلىنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى راھۇلنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقى، لېكىن راھۇلنىڭ ئۇلارنىڭ يەنە بىر يېقىن دوستى تىنانى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقى، كېيىن تىنا تۇغۇتىدا ۋاپات بولغاندىن كېيىن راھۇلنىڭ قىزىنىڭ راھۇل بىلەن ئانجىلىنى قايتىدىن جەم قىلغانلىقىدەك ھېكايە تەسۋىرلەنگەن.


    8.Mohabbatein–‹قىزىل يوپۇرماق›

    2000–يىلى

    شاھرۇھ خان بۇ فىلىمدە بىر ئالىي مەكتەپنىڭ مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ مۇتەسسىپ مەكتەپ مۇدىرىغا قارشى تۇرىدۇ ۋە ئۈچ ئوقۇغۇچىسىنىڭ مۇھەببەتكە ئېرىشىشىگە ياردەم بەرگەنلىكىدەك ۋەقەلىك تەسۋىرلەنگەن. ئۇ بۇ فىلىمدە ئالغان رولىغا تايىنىپ FF مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. بۇ فىلىم شاھرۇھ خان بىلەن ئامىتاب.باچچاننىڭ تۇنجى ھەمكارلاشقان فىلىمى بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا تاماشا ساھەسىدىكىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان.

    9.Devdas

    2002–يىلى

    بي ڧىلىم بىر مۇھەببەت مەغلۇبىيەتچىسىنىڭ ئېچىنىشلىق ھىكايىسى بولۇپ، شاھرۇھ خان بۇ فىلىم ئارقىلىق يەنە بىر قېتىملىق FF نىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

    10.Kal Ho Naa Ho–‹ئەتە بولسۇن بولمىسۇن›

    2003–يىلى

    بۇ فىلىمدە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى نەينا (پىرىتى.زىنات رول ئالغان)نىڭ قوشنىسى ئامان (شاھرۇھ خان رول ئالغان) نى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقى،لېكىن ئاماننىڭ راك كىسەلنىڭ ئاخىرى باسقۇچىغا بېرىپ قالغاچقا ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان بۇ قىزنى ئەڭ ياخشى دوستى روھىت بىلەن ياراشتۇرۇپ قويماقچى بولغانلىقى سۆزلەنگەن.

    11.Veer-Zaara–ۋېر–زارا

    2004–يىلى

    ھىندىستانلىق ھاۋا ئارمىيە پولكوۋنىكى ۋېرنىڭ پاكىستانلىق زارانى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىدەك دۆلەت ھالقىغان تەسىرلىك مۇھەببەت ھېكايىسى سۆزلەنگەن.

    12–Don –دون

    شاھرۇھ خان بۇ فىلىمدە 1978–يىلى ئامىتاب.باچچان ياراتقان دون ئوبرازىنى قايتا ياراتقان .

    13.Rab Ne Bana Di Jodi–‹خۇدا قوشقان بىر جۈپلەر›

    2008–يىلى

    بۇ فىلىمدە ئاسسىي ھۆكۈمەت خىزمەتچىسى سۇرىندىرنىڭ مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى ئۆزىنى قەتتىي ياخشى كۆرمەيدىغان شوخ قىز تانى بىلەن مەجبۇر توي قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن يۇمۇرىستىك راجغا ئايلىنىپ ئۇنىڭ بىلەن مۇسابىقىدە ھەمرالاردىن بولغانلىقىدەك ۋەقەلىك سۆزلەنگەن.

    «بەيدۇ تورى»


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى