• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    جۇڭگولۇقلاردىكى ماشىنا سېتىۋېلىشتىكى «غەلىتە كېسەل» لەر

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 13:07 15-08-2017
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    نۇرغۇن جۇڭگولۇقلارنىڭ ئۆي سېتىۋالالمىسىمۇ، چوقۇم ماشىنا ۋە گاراژ (ماشىنا توختىتىش ئىسكىلاتى) سېتىۋالىدىغان ئوسال ئادىتى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ. مەيلى پۇلى بولسۇن- بولمىسۇن، ھەممە ئادەم ماشىنا سېتىۋېلىشنى ئويلىغاچقا، جۇڭگودىكى ماشىنا باھاسى دۇنيا بويىچە ئەڭ قىممەت، شۇنداقتىمۇ بۇ جۇڭگولۇقلارنىڭ ماشىنا سېتىۋېلىشىغا توسالغۇ بولالمايدۇ. تۆۋەندە بىز جۇڭگولۇقلارنىڭ ماشىنا سېتىۋېلىشىدىكى 10 چوڭ «غەلىتە كېسەل» نى سۆزلەپ ئۆتىمىز.

    1. يۈز ئابرۇي ھەممىدىن مۇھىم. بىرىنچىدىن، نۇرغۇن ئادەم شارائىتى يار بېرىدىغان دائىرىدە ئۆزىگە توغرا كېلىدىغىنىنى ئەمەس، ئەڭ قىممىتىنى سېتىۋالىدۇ. كىچىكىنى ئەمەس، چوڭىنى، قۇيرۇقسىزنى ئەمەس، قۇيرۇقلۇق چوڭ ماشىنىنى سېتىۋالىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، باشقىلار قايسىنى ياخشى دېسە شۇنى تاللايدۇ، ئۆزىگە توغرا كېلىدىغان- كەلمەيدىغىنى بىلەن ھىساپلاشمايدۇ؛ ئۈچىنچىدىن، مەيلى ئادەم ئولتۇرسۇن ياكى ئولتۇرمىسۇن، ئارقا رەت بوشلۇقى چوقۇم چوڭنى سېتىۋالىدۇ؛ تۆتىنچىدىن، سەپلىمىسى چوقۇم باشقىلارغا كۆرۈنۈپ تۇرۇشى كېرەك، مەسىلەن: ئاپتوماتىك ھاۋا تەڭشىگۈچ، چوڭ ئېكران، كۆپ ئىقتىدارلىق رول قاتارلىقلار. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە كۆرۈنۈشى ھەيۋەت بولۇشى كېرەك.

    2. باشقىلارغا ئەگىشىش. باشقىلار ياخشى دېگەن، كوچىدا كۆپ ئۇچرايدىغان، ئۇرۇق- تۇغقان ۋە دوستلىرى چوڭ كۆرىدىغان، يەرلىكتە قىممىتى بار ماشىنىلارنى مەڭگۈ ئاساسى ئېقىم دەپ قارايدۇ. زىيان تارتسىمۇ، چوقۇم ئاساسىي ئېقىمغا ئەگىشىدۇ؛ ئەگەشمىسە يۈزى تۆكۈلۈشتىن ئەنسىرەيدۇ. جۇڭگونىڭ ماشىنا بازىرىغا دىققەت قىلىدىغان بولساق، شۇنداق بىر قىزىقارلىق ھادىسىنى، يەنى ھەقىقىي ياخشى ماشىنىلارنىڭ ھەمىشە سېتىلىشى ياخشى ئەمەسلىكىنى بايقايمىز. كونكرېتراق قىلىپ ئېيتقاندا، سېتىلىش مىقدارى ئالدىنقى 10 نىڭ ئىچىدە تۇرىدىغان ماشىنىلارنىڭ سۈپىتى ناھايىتى ئادەتتىكىچە بولۇپ، ئەكسىچە سېتىلىش مىقدارى 10 دىن 20-گىچە ئورۇندا تۇرىدىغان ماشىنىلارنىڭ ھەقىقىي ياخشى ماشىنىلار ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. شۇڭا، ماشىنا سېتىۋالغاندا ئەستايىدىل ئويلىشىش كېرەك.

    3. ماشىنا سېتىۋېلىش ۋە ماشىنا ئىشلىتىش باھاسى قىممەت. ماشىنىنىڭ جۇڭگو بىلەن تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردە ئوينايدىغان رولى ئوخشاش ئەمەس. جۇڭگودا يۈز- ئابرۇي ۋە سالاھىيەتنىڭ سىمۋولى، ياۋروپا ۋە ئامېرىكا قاتارلىق تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردە پەقەتلا بىر قاتناش قورالى، تۇرمۇش قورالى. جۇڭگودا ماشىنىلاردىن ئېلىنىدىغان ھەقلەر ئىنتايىن كۆپ، ھەتتا ماشىنا زاپچاسلىرىنىڭ توشۇش ھەققى، ماشىنىلارنىڭ ھەر قايسى جايلاردىكى 4S دۇكانلىرىغا يەتكۈزۈلۈشى قاتارلىق جەريانلاردىكى ھەقلەرنىمۇ ئىستېمالچىلار ئۈستىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، جۇڭگودىكى چەت ئەل بىلەن ھەمكارلاشقان كارخانىلارنى جۇڭگو بىلەن چەت ئەل تەڭ كونترول قىلىدىغان بولغاچقا، ئوخشاش بىر ماشىنىنىڭ پايدىسى ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. بۇنداق بولغاندا، ئوخشاش تۈردىكى ماشىنىنىڭ جۇڭگودىكى باھاسى چەت ئەلدىكىگە قارىغاندا قىممەت بولىدۇ. كارخانىلار ئالىدىغان پايدىنى ئاخىرىدا يەنىلا ئىستېمالچىلار ئۈستىگە ئالىدۇ.

    4. بىخەتەرلىككە سەل قاراش. جۇڭگودا باشلانغۇچ دەرىجىدىكى ماشىنىلاردا يەل خالتىسى بولماسلىقتىن ئىككى يەل خالتىسى بولۇشقا نەق 10 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىندى. ئىككى يەل خالتىسىدىن ئالتە يەل خالتىسى بولۇشقا ئۆزگىرىشى ئۈچۈن يەنە نەچچە يىل ۋاقىت كېتىدۇ؟ ھېچقانداق كونترول سەپلىمىسى يوق بولۇشتىن ABS+EBD بولۇشقا نۇرغۇن يىل ۋاقىت سەرپ قىلىندى، ھەممە ماشىنىلاردا ESP بولۇشى ئۈچۈن يەنە نەچچە يىل ۋاقىت كېتىدۇ؟ يان تەرەپ سوقۇلۇشتىن ساقلىنىش لىمى، ئالدى، ئارقا سوقۇلۇشتىن ساقلىنىش لىمى ئومۇملىشىشى ئۈچۈنچۇ؟

    5. ماشىنىنىڭ كونترول ئىقتىدارىغا سەل قاراش. جۇڭگولۇقلارنىڭ ماشىنا سېتىۋېلىشى خۇددى كىيىم سېتىۋالغانغا ئوخشايدۇ. سىرتقى كۆرۈنۈشىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئىچى بىلەن كارى بولمايدۇ. ماشىنىنىڭ تەگلىكى ۋە ئاسما سىستېمىسىنىڭ مۇستەقىل ياكى ئەمەسلىكى قاتارلىقلارغا سەل قارىلىدۇ.

    6. قاتناش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش ئادەتكە ئايلانغان. قىزىل چىراغنى بۆسۈپ ئۆتۈش، سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ ھەيدەش، قوش سېرىق سىزىقتىن ھالقىپ ئۆتۈش، پىيادىلەر كېسىشمە يولىدا سۈرئەتنى ئاستىلاتماسلىق قاتارلىقلار ھەممىلا يەردە ئۇچراپ تۇرىدۇ.

    7. ماشىنا بولغان ئىكەن گاراژ بولۇش. ئۆزى توڭلاپ قالسا، شامالدا ياكى قار-يامغۇردا قالسا مەيلىكى، ئامراق ماشىنىسى توڭلاپ قېلىشقا، قار- يامغۇردا قېلىشقا بولمايدۇ. لايىق تاپماي تۇرۇپ ئۆي ئالمىسا بولمايدۇ، ماشىنا ئالماي تۇرۇپ گاراژ ئالمىسا بولمايدۇ.

    8. ھۆكۈمەت ماشىنىسىنى شەخسىي ئىشقا ئىشلىتىش. «ھۆكۈمەت» نىڭلا بولىدىكەن پۇل خەجلىمىسە خەجلەيدىغان ئادەم بار، ئىشلەتمىسە ئىشلىتىدىغان ئادەم بار، خەجلىسە بىكارغا خەجلەيدۇ، ئىشلەتسە بىكارغا ئىشلىتىدۇ، كىمنىڭ بىكارغا خەجلىگۈسى، بىكارغا ئىشلەتكۈسى يوق؟ ھەر يىلى دۆلەت ھۆكۈمەت ماشىنىلىرى ئۈچۈن ئاجرىتىدىغان 200 مىليارد يۈەن ئىچىدە رەھبەرلەرنىڭ، شوپۇرلارنىڭ، رەھبەرلەرنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ، ھەتتا شوپۇرلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭمۇ ھەققى بار. بىر دانە ھۆكۈمەت ماشىنىسى نەچچە دانە شەخسىي ماشىنىنى باقالايدۇ، رېمونت قىلسا پۇل خەجلىمەيدۇ.

    9. دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ماشىنىلاردىن بىزار بولۇش. تىلى بىلەن دىلى بىر ئەمەس. بىر تەرەپتىن ئاغزىدا مەلۇم دۆلەتنىڭ ماللىرىنى بايقۇت قىلىدۇ، مەلۇم دۆلەتنىڭ ماشىنىلىرىنى سۆكىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن بولسا ئۈستەك بېرىپ شۇ دۆلەتنىڭ ماشىنىلىرىنى سېتىۋالىدۇ. ياپوننىڭ ماشىنىلىرىنى سېتىۋالسا يۈز ئابرۇيى ئاشىدۇ، گېرمانىيەنىڭ ماشىنىسىنى سېتىۋالسا ئۈلگە بولىدۇ، ئامېرىكىنىڭ ماشىنىسىنى سېتىۋالسا پۇلدار ھېسابلىنىدۇ، پۇلى ئازلار ھېچبولمىغاندا كورىيەنىڭ ماشىنىسىنى سېتىۋالىدۇ، جۇڭگونىڭ ماشىنىلىرىنى ئامال بار ئالمايدۇ. لېكىن، ئۆز گېپىمىزگە كەلسەك، جۇڭگودا ئىشلەنگەن ماشىنىلارنىڭ سۈپىتى ھەقىقەتەن كىشىنى تازا رازى قىلالمايدۇ.

    10. ئادەمنىڭ جېنىغا سەل قاراش. ئادەم سوققان ئىكەن سوقۇپ ئۆلتۈرىۋېتىش، ئۆلمىسە يەنە سوقۇش، سوققانغا ئۆلمىسە پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرۈش. تۆلەم تۆلەشكە سۇغۇرتا شىركىتى بار، سوتقا چىقسا ئەمەلدار دادىسى بار، ھاراق ئىچىپ تۇتۇلۇپ قالسا ئىزدەيدىغان ئادىمى بار. تېگى- تەكتىدىن ئالغاندا، يۇقىرىدىكى غەلىتە كېسەللەرنىڭ تۈپ يىلتىزى يەنىلا يۈز- ئابرۇي بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

    «تور دۇنياسى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى