• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    كانادا بانف دۆلەت باغچىسى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 11:36 11-08-2017
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    بانف دۆلەت باغچىسى كانادانىڭ ئاربورت ئۆلكىسىدىكى روجى تاغ تىزمىسىغا جايلاشقان بولۇپ، 1885– يىلى قۇرۇلغان ئىكەن. ئومۇمىي كۆلىمى 6641 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان بۇ باغچىدا دۇنياغا داڭلىق نۇرغۇن مەنزىرىلىك ساياھەت نۇقتىسى بار ئىكەن.

    بىز ئولتۇرغان ئاپتوبۇس شەھەردىن يولغا چىقىپ، غەرىب تەرەپكە بانفقا قاراپ يول ئالدى. بانف باغچىسىغا كىرىش ھەققى ئالىدىكەن. باغچىغا ئاپتوموبىللار كىرمەكچى بولسا ھەر بىر ئاپتوموبىلغا 20 كانادا دوللىرى، يەنى 120 يۈەن خەلق پۇلى ئېلىنىدىكەن، لېكىن ئىشىكتىن كىرىپ قەيەرگە بارسىڭىز، ئاپتوموبىلنى قانچىلىك ئۇزاق توختاتسىڭىز ھەقسىز ئىكەن.

    باغچىغا كىرىپ كۆل بويىدا بىر ئاز ئارام ئېلىۋېلىپ، بانف باغچىسىنىڭ مەركىزى بانف بازىرىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتۇق. بانف بازىرىنىڭ يول بويىدىكى دەرەخلەر ئارىسىدىن كۆرۈنۈپ تۇرغان قېنىق قىزىل رەڭلىك قەدىمىي ياغاچ ئۆيلەر ئۆزىنىڭ ئۇزاق يىللىق تارىخىنى نامايان قىلىپ تۇراتتى. بازار مەركىزىدىكى 300 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى بانف يولىنىڭ ئىككى يېقىدا مېھمانخانا، تاللا بازىرى، ئاشخانا ۋە ساياھەت خاتىرە بۇيۇملىرىنى ساتىدىغان دۇكان بار بولۇپ، جاي – جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر بۇ دۇكانلارنى ئارىلاپ يۈرەتتى. بازاردىكى قۇرۇلۇشلار تولىمۇ كۆركەم ئىدى.

    بازاردىن ئايرىلىدىغان ۋاقىتتا ئاپتوموبىل دېرىزىسىدىن قىزىل تاشتىن قەلئە شەكلىدە سېلىنغان قۇرۇلۇشقا كۆزۈم چۈشتى، بۇ دەل داڭلىق بانف ئارشاڭ مېھمانسارىيى بولۇپ، بانف بازىرىنىڭ بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشى ئىدى. بانف ئارشاڭ مېھمانسارىيى تاغ ئېتىكىگە، سۇ بويىغا سېلىنغان بولۇپ، ئوتتۇرا ئەسىردىكى قەدىمىي قەلئەلەرگە ئوخشايتتى.

    ماتېرىياللاردىن بۇ مېھمانساراينىڭ 19– ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا سېلىنغانلىقىنى بىلدىم. 1884– يىلى كانادانى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان تۆمۈريول رۇككى تاغ تىزمىسىنىڭ بانف بۆلىكىگە كەلگەندە، تىنچ ئوكيان تۆمۈريول شىركىتى ئەگىمە دەريا شارقىراتمىسىدا تاغقا يانداشتۇرۇپ بۇ مېھانساراينى سالدۇرغانىكەن. بۇ قۇرۇلۇشقا 250 مىڭ كانادا دوللىرى سەرپ قىلىنغان بولۇپ، 1888– يىلى 6– ئايدا پۈتكەن ئىكەن، مېھمانسارايدا 250 ئېغىز ئۆي بار ئىكەن، مېھمانخانىغا يەنە 2100 مېتىر ئۇزۇنلۇقتا سولفۇر تېغى ئارشىڭىنىڭ ئىسسىق سۇ تۇرۇبىسى ئورنىتىلغان ئىكەن.

    بانف بازىرىدىن ئايرىلىپ، غەربىي جەنۇبقا تەخمىنەن 3 كىلومېتىر ماڭغاندىن كېيىن سولفۇر تېغى كابېل يولى بېكىتىگە كەلدۇق. كابېل يولى 1958– يىلى 9– ئايدا پۈتۈپ، ئىككىنچى يىلى 7– ئايدا سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن ئىكەن. ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1560 مېتىر كېلىدىغان فونىكۇليور سىستېمىسىدا 40 فونىكۇليور بار ئىكەن، فونىكۇليورلارنىڭ تېزلىكى سېكونتىغا تۆت مېتىر بولۇپ، سولفۇر تېغى چوققىسىغا چىقىشقا سەككىز مىنۇت كېتىدىكەن. فونىكۇليورنىڭ ئاستى ۋە ئۈستىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1583 مېتىر ۋە 2281 مېتىر، تىك ئېگىزلىكى 700 مېتىر كېلىدىكەن.

    بۇ يەردىكى فونىكۇليورلارنىڭ ئىچى ئازادە ھەم راھەت ئىكەن، ئەتىراپتىكى مەنزىرىنى تولۇق تاماشا قىلالايدىكەنسىز. سولفۇر تېغى چوققىسىغا چىققاندىن كېيىن ئايلانما شەكىللىك پەلەمپەي بىلەن سولفۇر تېغىنى تاماشا قىلىش سۇپىسىغا چىقتۇق، كۆز ئالدىمىزدا شۇ ھامان گۈزەل مەنزىرە نامايان بولدى، بۇ گۈزەل مەنزىرىگە قاراپ كىشىنىڭ قەلبى چەكسىز ھاياجانغا چۆمەتتى. ئېگىزدىن پەسكە قارىسا ئەگمە دەريا، بانف بازىرى، ئەگمە دەريا شارقىراتمىسى، ئارشاڭ مېھمانسارايلىرىنى ئېنىق كۆرگىلى بولاتتى. يىراققا نەزەر سالسىڭىز تۇتاش كەتكەن تاغلار، ئاپپاق قارلار تولىمۇ ھەيۋەتلىك كۆرۈنەتتى. بۇ يەردىكى بىر تاغ كىشىنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە جەلىپ قىلاتتى. بۇ تاغنىڭ تاغ جىنىس قاتلىمى ئېنىق ئايرىلغان، تاغ چوققىسى ھەرە چىشىغا ئوخشايدىكەن، تاغ ئۈستىدىكى قارلار تاغنى تېخىمۇ ھەيۋەت كۆرسىتىدىكەن.

    بۇ يەرنىڭ مۇلازىمىتى ئەتراپلىق بولۇپ، فونىكۇليور بىلەن تاغقا چىقىپ– چۈشۈشتە ھالىڭىزدىن خەۋەر ئالىدىغان مەخسۇس ئادەم بولىدىكەن.

    سولفۇر تېغىدىن چۈشكەندىن كېيىن، ئەگمە دەريا شارقىراتمىسىدىكى ساياھەت نۇقتىسىغا كەلدۇق، شارقىراتما شىددەتلىك ئاقاتتى، يىراقتىن ئارشاڭ مېھمانسارىيى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. بازاردىكى ۋاقتىمدا ئارشاڭ مېھمانسارىيىنى سۈرەتكە تارتالمىغانلىقىمدىن تولىمۇ ئەپسۇسلانغانىدىم، مانا ئەمدى ئاپپاراتىمنى ئالدىم– دە، ئارشاڭ مېھمانسارىيىنى سۈرەتكە تارتتىم.

    بانف بازىرىدىن شىمالغا سوزۇلغان يولدا نۇرغۇن داڭلىق ساياھەت نۇقتىلىرى بار ئىكەن. بۇ ساياھەت نۇقتىلىرىغا تۇتىشىدىغان ئىككى يول بار بولۇپ، بىرى 1– نومۇرلۇق يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول، يەنە بىرى يانداشما 1– نومۇرلۇق تاشيول ئىدى، بىز بۇ يولنى تاللاپ ماڭدۇق، چۈنكى بۇ ئورمانلىقلار ئارىسىدىكى يول بولۇپ، يول بويى نۇرغۇن گۈزەل مەنزىرىلەرنى كۆرگىلى بولىدىكەن، تەلىيىمىز كەلسە ياۋايى ھايۋانلارنى ئۇچرىتىپ قېلىشىمىزمۇ مۇمكىن ئىكەن.

    ئاپتوبۇس ئەگرى– بۈگرى ئورمان يولىدا ئىلگىرىلىمەكتە، يولنىڭ ئىككى تەرىپى قويۇق ئورمانلىق ئىدى. ‹‹بۈگۈن چوقۇم ياۋايى ھايۋانلارنى ئۇچرىتالايمىز›› دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە. دېگىنىمدەك يول بويىدا مۈڭگۈزلىرى باغجانلاپ كەتكەن بۇغىدىن ئۈچى پەيدا بولدى، ئۇلار خاتىرجەم ئوتلاۋاتاتتى.

    بىز داۋاملىق ئىلگىرىلەپ بانف دۆلەت باغچىسىنىڭ مۇھىم ساياھەت نۇقتىسى قەلئە تاغقا كەلدۇق. كۆز ئالدىمىزدا كۈلرەڭ، ھەيۋەتلىك تاغ پەيدا بولدى. قەلئە تاغنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 2766 مېتىر بولۇپ، شەكلى ئوتتۇرا ئەسىردىكى قەلئەلەرگە ئوخشاپ كەتكەچكە، قەلئە تاغ دېگەن نام بىلەن ئاتالغان ئىكەن. ئىگىلىشىمچە، 1946– يىلى 2– دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشىپ ئۇزاق ئۆتمەي، ئىتتىپاقداش دۆلەتنىڭ ياۋروپا ئۇرۇش مەيدانىدىكى ئالىي باش قوماندانى ئېيزىنخوۋېر كاناداغا زىيارەتكە كەلگەندە كانادا زۇڭتۇڭى ئۇنىڭغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش ئۈچۈن، قەلئە تاغنىڭ نامىنى ئېيزىنخوۋېر تېغى، دەپ ئۆزگەرتكەن، 1979– يىلى بۇرۇنقى نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ئىكەن.

    ئاخىرىدا بۇ قېتىمقى سەپىرىمىزنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسى بانف بازىرىدىن 60 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى داڭلىق لۇئىس كۆلىگە كەلدۇق. زۇمرەتتەك كۆل سۈيىدە قېيىقلار لەيلەپ تۇراتتى. قىرغاقتىكى ھەيۋەتلىك تاغلار ۋە مۇزلۇق چوققىلار كىشىنى ئۆزىگە جەلپ قىلاتتى. بۇ يەرنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1731 مېتىر بولۇپ، كۆلنىڭ ئىككى قىرغىقى تاغ ئىدى. لۇئىس كۆلىنىڭ سۈيى تاغدىكى قارلارنىڭ ئېرىشىدىن ھاسىل بولغان بولۇپ، بۇ كۆل سۈيىنىڭ سۈزۈكلۈكى بىلەن رۇككى تېغىدىكى ‹‹يېشىل ياقۇت›› دەپ تەرىپلىنىدىكەن.

    «شىنجاڭ گېزىتى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى