• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    «تىتانىك ناملىق پاراخوت»فىلىمىدىكى ئارتىسلارنىڭ ھازىرقى ھالىتى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 11:51 08-08-2017
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    «تىتانىك ناملىق پاراخوت»فىىلىمى تىلغا ئېلىنسا ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولغان شۇ تەسىرلىك مۇھەببەت فىلىمى كۆز ئالدىمىزغا كېلىدۇ،گەرچە ئارىدىن 20 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، بۇ فىلىمدىكى ئاشۇ كۆرۈنۈشلەر يەنىلا كۆرگۈچىلەرنىڭ قەلب ئېكىرانىدىن يالت قىلىپ ئۆتىدۇ.

    «تىتانىك ناملىق پاراخوت»فىلىمىدە 1912– يىلدىكى تىتانىك ناملىق پوچتا پاراخوتىنىڭ تۇنجى سەپەرگە چىققىنىدا مۇز تاغقا سوقۇلۇپ كېتىپ چۆكۈپ كەتكەنلىكىدەك ۋەقە ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان بولۇپ، ئوخشىمىغان ئىككى تەبىقىدىكى ياش رەسسام جېك بىلەن ئېسىلزادە خېنىم روسسىنىڭ مۇھەببەت دېڭىزىغا غەرق بولغانلىقى، ئاخىرىدا جېك روسسىنى قوتقۇزۇش ئۈچۈش ئۆزىنى قۇربا ن قىلغانلىقىدەك ۋەقەلىك تەسۋىرلەنگەن.

    لىئاڭناردو.دىكاپۇلىئو فىلىمدىكى ئەر باش قەھرىمان جېكنىڭ رولىنى ئالغان، ئۇ فىلىمدە بىر مەيدان قىماردا تىتانىك ناملىق پاراخوتنىڭ بېلىتىنى ئۇتىۋېلىپ، پاراخوتقا چىقىدۇ ۋە ئۆلۈۋالماقچى بولغان روسسىنى قۇتۇلدۇرۋالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئىككىسى بىر بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ، ئەپسۇسلىنارلىقى ئاخىرىدا جېك روسسىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئۆز جىنىنى پىدا قىلىدۇ.

    كېت.ۋېنسىلېت فىلىمدىكى ئايال باش قەھرىمان روسسىنىڭ رولىنى ئالغان، ئۇ ئېسىلزادىلەر جەمەتىدىن بولۇپ ئەينى ۋاقىتتا ئۆزى قىلچە ياخشى كۆرمەيدىغان كار بىلەن توي قىلماقچى بولۇپ يۈرگەندە جېكقا ئۇچرايدۇ ھەمدە ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ. ئەسلىدە مەنزىلگە يېتىپ بارغاندا ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئاددىي تۇرمۇش كەچۈرۈش نىيىتىگە كەلگەن روسسى ئاخىرىدا يەنىلا ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالىدۇ.

    بىللىي.زېن بۇ فىلىمدىكى 2– ئەر باش قەھرىمان كارنىڭ رولىنى ئالغان بولۇپ، تىتانىك ناملىق پاراخوتنىڭ گەۋدىسىنىڭ ئاساسلىق قىسمىنى ئۇنىڭ دادىسىنىڭ پولات–تۆمۈر زاۋۇتى ياسىغان، 1929– يىلى سودىسى ۋەيران بولۇپ، 47 يېشىدا نىيۇيوركتا ئۆزىنى ئېتىپ ئۆلتۈرۋالغان. فىلىمدە ئۇ جېك بىلەن روسسىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ بولۇپ، ئىككىسىنىڭ مۇھەببىتىگە نۇرغۇن قىينچىلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن.

    «شىنلاڭ تورى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى