• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    غەربلىكلەر قىزلارنىڭ «ئولتۇرۇپ قېلىش»ىنى چوڭ بىلمەيدۇ

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 13:38 07-08-2017
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    «ئولتۇرۇپ قالغان قىز»لار مەسلىسى دۆلىتىمىزدىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەردىمۇ مەۋجۇت . غەرب ئەللىرىدە قىزلارنىڭ «ئولتۇرۇپ قېلىشى» ئانچە ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس .

    ئامېرىكىدا كېچىكىپ توي قىلىش، ھەتتا توي قىلماسلىق، كىشلەرنىڭ بىر خىل تۇرمۇش ئۇسۇلىغا ئايلانغان. «ئولتۇرۇپ قالغان قىز»لار پۇقرالار ئارىسىدىلا بولۇپ قالماي، داڭلىق شەخىسلەر ئارىسىدىمۇ كۆپ. بولتۇرقى ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا ، ئامېرىكىدا قورامىغا يەتكەن %40 ئادەم بويتاق بولۇپ، 45 ياشتىن يۇقىرى ئاياللارنىڭ يېرىمى، يەنى 25 مىليون ئايال بويتاق تۇرمۇش كەچۈرمەكتە ئىكەن.

    فىرانسىيەدە كىشلەر 30 ياشتىن ئېشىپمۇ توي قىلمىغان قىزلارنى ئولتۇرۇپ قالغان، دەپ قارىمايدۇ. توي قىلىش، نىكاھسىز بىللە تۇرۇش ۋە بويتاقلىق فىرانسىيەلىكلەرنىڭ بىر خىل تۇرمۇش ئۇسۇلى ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار توي خېتىنى مۇھىم بىلمەيدۇ. پەقەت خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق، تۇرمۇشىنىڭ بەختلىك بولۇشىنىلا قوغلىشىدۇ . فىرانسىيەدە نىكاھسىز بىللە تۇرۇش قانۇننىڭ قوغدىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، نىكاھسىز تۇغۇلغان بالىلارمۇ جەمئىيەتنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشىدۇ .

    ئاۋسترالىيەدە قىزلار يىگىتلەر 25 ياشتا توي قىلسا، كىشلەر ھەيران قېلىشىدۇ . ئاۋسترالىيە ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە ئاۋسترالىيەلىك ئەرلەرنىڭ توي قىلىش يېشى تەخمىنەن 31.6، ئاياللارنىڭ 29.3 ئىكەن . ئاۋسترالىيەدە كېچىكىپ توي قىلىش ئومۇميۈزلۈك ئەھۋال بولۇپ، توي قىلماسلىقمۇ نورمال ئىش ھېسابلىنىدىكەن .

    «تەڭرىتاغ تورى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى