• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    بوللىۋودتىكى ئەڭ تەنناز 10 ئايال چولپان

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 12:51 07-08-2017
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    1.كاتىرىنا.كەيف

    كاتىرىنا ھازىر ھىندىستاندىكى ئەڭ ئالقىشلىق ئايال چولپانلارنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭ بالىلىق ۋە ئۆسمۈرلۈك ۋاقىتلىرى شىياڭگاڭ،ھاۋاي ۋە ئىنگىلاند قاتارلىق جايلاردا ئۆتكەن بولۇپ، ئۇ قۇرامىغا يەتكۈچە ھىندىستاندا ياشاپ باقمىغان بولغاچقا ھىندىستانچىنىمۇ سۆزلىيەلمەيدىكەن، بۇ ئۇنىڭ نۇرغۇن ھەۋەسكارلىرىنىڭ غەزىپىنى قوزغايدىغان بىر ھەقىقەت ئىكەن.


    كارىننا.كاپور
    كارىننا سەنئەتكارلار ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ھىندىستان خەلقى ئۇنىڭ ئېكىراندىكى ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىغا شاھىت ئىكەن. گەرچە ئۇ ئەنئەنىۋى گۈزەللەردىن بولمىسمۇ يەنىلا ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشكەن.كارىننا نۇرغۇن رومانتىك مۇھەببەت فىلىمرىدە رول ئالغان بولسىمۇ، كىشىلەرنىڭ ئەڭ دىققىتىنى تارتقىنى ئۇنىڭ ‹گۈزەل› فىلىمىدىكى شەھۋانىي خىزمەتچى ئوبرازى ئىكەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ‹ئۈچ ئەخمەق› فىلىمىدە رول ئالغان،بۇ فىلىم ئۇنىڭ ھىندىستان تارىخىدىكى ئەڭ ۋەكىل خاراكتىرلىق ئوبرازى بولۇپ قالغان.

    ئاشۋارىيا.راي

    ئاشۋارىيا سابىق دۇنيا گۈزىلى بولۇپ، 40 تىن ئارتۇق فىلىمدە رول ئېلىپ ‹دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل ئايال›دىگەن نامغا ئېرىشكەن، ئۇ يەنە خەير–ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەنمۇ نام چىقارغان.

    پىريانكا.چوپرا

    پىريانكامۇ سابىق دۇنيا گۈزىلى بولۇپ، ھىندىستاندىكى ئالقىشلىق ئايال چولپانلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ باش رول ئالغان بىر نەچچە فىلىم ئانچە مۇۋەپپىقىيەت قازىنالمىغان يەنە كېلىپ ئۇ بۇ فىلىملەرنىڭ ھەممىسىدە ئۈچىنچى شەخىسنىڭ رولىنى ئالغان. كېيىن ئۇ قەيسەر، رەزىل ئوبرازنىڭ رولىغا چىققاندا فىلىم مۇۋەپپىقىيەتكە ئېرىشكەن، ئۇ بۇ فىلىمدە مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش ئۈچۈن ۋاستە تاالىمايدىغان، ئاچكۆز، غەلبە قازىنىش ئۈچۈش ھەرقانداق ئىش قولىدىن كېلىدىغان مودىلنىڭ رولىنى ئالغان.


    شىلپا.شىتتىي

    شىلپامۇ 40 تىن ئارتۇق فىلىمدە رول ئالغان بولۇپ، گېزىتلەردە كۆزگە كۆپ چېلىقىپ تۇرىدۇ، ئۇمۇ ھىندىستان خەلقى ياخشى كۆرىدىغان ئايال چولپانلارنىڭ بىرىدۇر.


    مادۇرى.دىكشىت

    مادۇرى ھەققىي ھىندىستان گۈزىلى دەپ تەرىپلىنىدىغان ھىندىستان كىنو خانىشىدۇر، ئۇنىڭ كىنودا رول ئېلىش ماھارىتىلا ياخشى بولماستىن بەلكى ئۇسسۇل جەھەتتىمۇ ھەممىنىڭ ئالدى ھېسابلىنىدۇ.


    ئانۇشكا.شارما

    ئانۇشكا كۆپ ئىقتىدارلىق ، تالانتلىق ئارتىس ھەمدە ھىندىستاندىكى ئەڭ داڭلىق مودېللارنىڭ بىرىدۇر، ئەڭ دەسلەپتە ئۇ ‹خۇدا قوشقان بىر جۈپلەر› فىلىمىدە ساددا، گۈزەل قىزنىڭ رولىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ئېلىپ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە قاراتقان. ئۇنىڭدا بىر خىل جۇشقۇنلۇق بار بولۇپ، بۇ مىجەزى بەزىدە ياش ۋاقىتتىكى كاجولغا ئوخشاپ كېتىدۇ.


    سونام.كاپور

    سونام ھىندىستان چولپانلىرى ئىچىدە ئاز ئۇچرايدىغان ئالىي مەلۇماتلىق چولپان بولۇپ، ئۇ بىر قانچە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان. ئۇ ھىندىستان ۋە غەرىب گۈزەللىكىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن گۈزەللەردىن ھېسابلىنىدۇ، سونام رول ئالغان فىلىملەرنىڭ بەزىلىرى مەغلۇپ بولغان ،بەزىلىرى مۇۋەپپىقىيەتلەرگە ئېرىشكەن، ئۇ ھىندىستان ئەرلىرىنىڭ خىيالىدىكى ئوبىيكتى، دەپ نام ئالغان.


    ۋىدىيا.بالان

    ۋىدىيا گۈزەللىكى بىلەنلا ئەمەس بەلكى خىزمەتتىكى ئەستايىدىللىقى بىلەن كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن ئايال چولپان. ئۇ بۇ ساھەگە دەسلەپتە قەدەم قويغاندا قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىغان، ئۇ باش رول ئالغان بىر نەچچە فىلىم مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ئېلان ساھەسىگە قەدەم قويغان، كېيىن ئۇ بىر فىلىمدە مۇسكۇل ئوزۇقلۇقى ناچارلىق كېسىلى گىرىپتار بولغان بىر ئايالنىڭ رولىنى ئالغان، دەل مۇشۇ يىرگىنىشلىك ئوبراز ئۇنى گىگانىت چولپانغا ئايلاندۇرغان.


    خانىشكا.موۋالى

    خانىشكا 18 يېشىدىلا گىگانىت چولپانغان ئايلانغان. گەرچە ئۇنىڭ يېشى كىچىك بولسىمۇم ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىغا تايىنىپ بۇ ھاسەدە ئۆزىنى ئىسپاتلىغان.

    «تور دۇنياسى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى