• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    بېسىم ئاياللارنىڭ چوڭ مېڭىسىنى ئاسانلا ياللۇغلاندۇرىدىكەن

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 17:38 01-08-2017
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، بىلىش ئىقتىدارى چېكىنگەن ئاياللارنىڭ سانى ئەرلەرنىڭكىدىن يۇقىرى ئىكەن. ئەمەلىيەتتە، ئاياللار ھەر خىل تۈردىكى ياشانغانلار دېۋەڭلىك كىسىلىنىڭ تەھدىتىگە ئاسانلا ئۇچىرايدىكەن.

    نۆۋەتتە، تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، ئاياللارنىڭ بىلىش ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىشى ئۇلاردىكى بېسىمنىڭ ئېغىرلىقى سەۋەبىدىن ئىكەن. بېسىمنىڭ ئاياللارغا ئېلىپ كەلگەن زىيىنى ئەرلەرنىڭكىگە قارىغاندا ئېغىر ئىكەن.

    تەتقىقات گۇرۇپپىسى 55 نەپەر ئوخشىمىغان ياشتىكى ئەر- ئايال ئۈستىدە سېلىشتۇرۇپ ئانالىز ئېلىپ باردى.

    بۇ تۈردىكى تەتقىقاتنىڭ نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئاياللارنىڭ چوڭ مېڭىسىدىكى ياشنىڭ قېرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان گېنلارنىڭ ئىپادىلىنىشىنىڭ ئۆزگىرىش جەريانى ئەرلەرنىڭكىدىن پەرقلىنىدىكەن ھەمدە يۈز بېرىش ۋاقتى بالدۇر ھەم جەريانى تېز بولىدىكەن.

    ئاساسلىقى ئېنىرگىيەنىڭ شەكىللىنىشى، مېڭىنىڭ ئىقتىدارى ۋە ئىممۇنىتېت تەسىرىنىڭ تەڭشىلىشى قاتارلىق جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدىكەن. ئاياللارنىڭ قېرىشى ئەرلەرنىڭكىدىن تېز بولىدىكەن.

    تەتقىقاتچىلارنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئاياللارنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ قېرىشىنىڭ تېز بولۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب بىيولوگىيەلىك ئايرىمىلىق سەۋەبىدىن بولماستىن بەلكى بىر قىسىم ئاياللاردىكى قېرىلىق ئۆزگىرىشىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئىپادىلىنىش جەريانى ئىكەن، بېسىم بولسا ئاياللارنىڭ چوڭ مېڭىسىنى ئاسانلا ياللۇغلاندۇرىدىكەن.

    «ساغلاملىق بىلىملىرى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى