• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ‹‹خەلقئارا ھەربىي ئىشلار مۇسابىقىسى 2017›› نىڭ جۇڭگو ئۈستىگە ئالغان مۇسابىقە تۈرى 7–ئاينىڭ 30–كۈنى باشلىنىدۇ

    مەنبە : uy.ts.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 13:17 26-07-2017
    تەھرىر : زۇھرە
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 – ئاينىڭ 25 – كۈنى تېلېگراممىسى. مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، ‹‹خەلقئارا ھەربىي ئىشلار مۇسابىقىسى 2017››نىڭ جۇڭگو ئۈستىگە ئالغان مۇسابىقە تۈرى 7– ئاينىڭ 30– كۈنىدىن 8– ئاينىڭ 12– كۈنىگىچە شىنجاڭ كورلا، جىلىن چاڭچۈن ۋە خۇبېي گۇاڭشۈيدە بىرلا ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ، ئارمىيەمىز تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك خەلقئارا ھەربىي ئىشلار مۇسابىقىسى ھېسابلىنىدۇ.

    جۇڭگو ئارمىيەسى 2014– يىلىدىن باشلاپ خەلقئارا ھەربىي ئىشلار مۇسابىقىسىگە ئۇدا قاتناشتى، بۇ يىل رۇسىيە، بېلارۇسىيە، ئەزەربەيجان، قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە مۇسابىقە ئۆتكۈزىدۇ. مۇسابىقىدە 28 تۈر تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگو ئالتە تۈرنى ئۈستىگە ئالدى، جۇڭگو قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى شىنجاڭ كورلىدا ‹‹سۇۋوروۋ تۇيۇقسىز زەربە بېرىش››، ‹‹سۈزۈك ئاسمان››، ‹‹بىخەتەر مۇھىت››، ‹‹ھەربىي قورال– ياراغ ماھىرى›› مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىدۇ؛ جۇڭگو ھاۋا ئارمىيەسى جىلىن چاڭچۈندە ‹‹ئاۋىياتسىيە ئۇچار خەنجىرى›› مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىدۇ، خۇبېي گۇاڭشۈيدە ‹‹پاراشۇتتىن سەكرەش پېيى›› مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىدۇ. ھازىر رۇسىيە، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، بېلارۇسىيە، ۋېنېسۇئېلا، ئانگولا، ئىران، مىسىر، ماراكەش، جەنۇبىي ئافرىقا، زىمبابۋې قاتارلىق 11 دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ جۇڭگودا ئۆتكۈزۈلىدىغان تۈر مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغانلىقى بېكىتىلدى.

    ھەربىي ئىشلار كومىتېتى تەلىم– تەربىيە باشقۇرۇش بۆلۈمى تەلىم– تەربىيە ئىدارىسى تەلىم– تەربىيەگە يېتەكچىلىك قىلىش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى سەي يۆدۇڭ مۇنداق دېدى: خەلقئارا ھەربىي ئىشلار مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش جۇڭگو ئارمىيەسىنىڭ دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت ئارمىيەسىدىن ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، زىچ ھەمكارلىشىش، ئۆزئارا ئىشەنچنى چىڭىتىش، دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم سەھنە بولۇپ، دۇنياغا ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتىكى كارامىتىنى كۆرسىتىدىغان، دۇنيانى جۇڭگو ۋە جۇڭگو ئارمىيەسىنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدىغان مۇھىم كۆزنەك. بۇ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قۇرۇپ چىقىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، جۇڭگونىڭ مۇسابىقىگە قاتناشقان ئوفىتسېر– ئەسكەرلىرى قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ، غەلىبە قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 19– قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالىدۇ.

    ھازىر، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان خادىملىرى، ئەسلىھەلىرى مۇسابىقە مەيدانىغا يېتىپ كېلىپ، ماسلىشىش خاراكتېرلىك مەشىقنى قانات يايدۇرۇۋاتىدۇ.

    ئىگىلىنىشىچە، مۇسابىقە مەزگىلى دەل جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىق خاتىرىسىگە توغرا كېلىدىكەن، ھەر قايسى مۇسابىقە رايونلىرى يەنە ئەسلىھەلەرنى نامايان قىلىش، ئۇچۇش ماھارىتىنى كۆرسىتىش ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرىدىكەن، ئارمىيەمىزنىڭ كۆپ خىل ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ۋە يەر ئۈستى قوراللىرى كۆرسىتىلىپ، ۋاقتى كەلگەندە جەمئىيەتكە، ئاممىغا ئېچىۋېتىلىدىكەن.


    «تەڭرىتاغ تورى »

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى