• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    بانكا قانداق كىشىلەرگە قەرز پۇل بېرىشنى خالىمايدۇ؟

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 22:41 14-07-2017
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    بانكا پۇل بىلەن تىجارەت قىلىدىغان پەۋقۇلئاددە كارخانا، ئامانەت پۇل بانكا تىجارىتىنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. بانكا جەمئىيەتتە بوش تۇرۇۋاتقان مەبلەغنى جەلپ قىلىپ، مەبلەغقە ئېھتىياجلىق كارخانا ۋە شەخسلەرگە قەرز پۇل بېرىدۇ. جەلپ قىلغان ئامانەت پۇلغا ئۆسۈم بېرىدۇ، تارقاتقان قەرز پۇلدىن ئۆسۈم ئالىدۇ. ئامانەت پۇل ئۆسۈمى بىلەن قەرز پۇل ئۆسۈمى ئوتتۇرىسىدىكى پەرق سوممىسى بانكىنىڭ تىجارەت پايدىسى ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر قەرز پۇل تارقىتىشتا مۇئەييەن شەرت ۋە ئۆلچەم بويىچە قەرز پۇل تارقاتمىسا، تارقاتقان قەرز پۇللار يىغىۋېلىنماي، بانكا تىجارەتتە زىيان تارتىدۇ. شۇڭا بانكا قەرز پۇل بەرگەندە تۆۋەندىكىدەك كىشىلەرنىڭ قەرز پۇل ئېلىش ئىلتىماسىنى رەت قىلىدۇ.

    ئىقتىسادىي كىرىمى ھەددىدىن زىيادە تۆۋەن كىشىلەر. ئىقتىسادىي كىرىمنىڭ يۇقىرى ياكى تۆۋەن بولۇشى بانكىنىڭ بىر كىشىنىڭ قەرز پۇل قايتۇرۇش ئىقتىدارىغا ھۆكۈم قىلىشتىكى ئۆلچىمى ھېسابلىنىدۇ. تۆۋەن كىرىملىك كىشىلەرنىڭ يېتەرلىك قەرز پۇل قايتۇرۇش ئىقتىدارى بولمايدۇ. ئەگەر بانكا بۇنداق كىشىلەرگە قەرز پۇل بەرسە، زور قەرز پۇل خەۋپ – خەتىرىگە تەۋەككۈل قىلغان بولىدۇ. گەرچە تۆۋەن كىرىملىك كىشىلەرنىڭ كىرىمى مۇقىم بولسىمۇ، بىراق بۇنداق كىشىلەرنىڭ قەرز پۇل قايتۇرۇش ئىقتىدارى تۆۋەن بولىدۇ.

    خىزمىتى مۇقىم بولمىغان كىشىلەر. بانكا خىزمىتى مۇقىم بولمىغان ئەركىن كەسىپكارلارغا قەرز پۇل بېرىشنى خالىمايدۇ. چۈنكى بۇنداق كىشىلەرنىڭ مۇقىم خىزمىتى بولمىغاچقا، ئىقتىسادىي كىرىمىمۇ مۇقىم بولمايدۇ.

    يېشى ئۆلچەمگە توشمايدىغان كىشىلەر. بانكا يېشى ئۆلچەمگە توشمايدىغان كىشىلەرگە قەرز پۇل بېرىشنى رەت قىلىدۇ. يېشى ئۆلچەمگە توشمايدۇ دېگەنلىك، قەرز پۇل ئالغۇچىنىڭ يېشى بەك چوڭ ياكى بەك كىچىك بولسا بولمايدۇ، دېگەنلىك. قەرز پۇل ئېلىشقا ئىلتىماس قىلغانلارنىڭ بىرىنچى شەرتى ئىلتىماس قىلغۇچىلار چوقۇم ھەق تەلەپ ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان تەبىئىي شەخسلەر بولۇشى كېرەك. 18 ياشقا كىرمىگەنلەرگە بانكا قەرز پۇل بېرىشنى رەت قىلىدۇ. قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ مۇقىم خىزمىتى ۋە كىرىمى بولمىغاچقا، ئالغان قەرز پۇلنى ۋاقتىدا تولۇق قايتۇرۇش ئىقتىدارىنى ھازىرلىمىغان بولىدۇ. قەرز پۇل خەۋپ – خەتىرى كېلىپ چىقىشتىن ساقلىنىش ۋە بەرگەن قەرز پۇلنى ئۆز قەرەلىدە قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن، بانكا ئادەتتە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە قەرز پۇل بەرمەسلىكى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، بانكا 65 ياشتىن ئاشقان ئەرلەر ۋە 60 ياشتىن ئاشقان ئاياللارغا قەرز پۇل بەرمەيدۇ. چۈنكى بۇ ياش باسقۇچىدىكى كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىدىن چاتاق چىقىشنىڭ مۇمكىنچىلىكى زور بولىدۇ. بانكىغا نىسبەتەن بۇ ياش باسقۇچىدىكى كىشىلەر قەرز پۇل بېرىشتە ئېھتىيات قىلىشقا تېگىشلىك كىشىلەر ھېسابلىنىدۇ.

    ئىقتىسادىي ماجىرا كۆرۈلۈپ، تېخى ھۆكۈمنامىنى ئادا قىلمىغان كىشىلەر. قەرز پۇل ئالغۇچىنىڭ زىممىسىدە بانكىغا ياكى باشقىلارغا قايتۇرۇشقا تېگىشلىك ھەق تەلەپ قەرزلىرى بولغان ئەھۋالدا، سوت مەھكىمىسى سوت ئېچىپ ھۆكۈم چىقارغان بولسىمۇ، بىراق قەرز پۇل قايتۇرغۇچى قەرز پۇل قايتۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىسا، سوت مەھكىمىسى ۋە بانكا بۇنداق كىشىلەرنى لەۋزىدە تۇرمىغان كىشىلەرنىڭ تىزىملىكىگە كىرگۈزىدۇ. بۇنداق كىشىلەرنىڭ لەۋزىدە تۇرمىغانلىق خاتىرىسى بانكىنىڭ ئىناۋەت گۇۋاھلىقى ئۇچۇرىنى باشقۇرۇش سىستېمىسىدا بەش يىل ساقلىنىدۇ. بۇنداق كىشىلەر ھەر قانداق بانكىدىن قەرز پۇل ئالالمايدۇ. لەۋزىدە تۇرمىغانلىق خاتىرىسىنىڭ ساقلىنىش ۋاقتى بەش يىلغا توشقان كۈندىن باشلاپ، ئۇنىڭ لەۋزىدە تۇرمىغانلىق خاتىرىسى سىستېمىدىن ئاپتوماتىك ئۆچۈرۈلگەندىن كېيىن، بانكا ئۇنىڭ قەرز پۇل ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىپ، قەرز پۇل بېرىدۇ. شۇڭا بانكا قەرز پۇل ئالماقچى بولغان كىشىلەرنىڭ ھەق تەلەپ ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان بولۇش، شەھەر – بازارلاردا دائىم تۇرۇشلۇق نوپۇسى بولۇش، مۇقىم كەسپى ۋە كىرىمى بولۇش، ئىناۋىتى ياخشى بولۇش، قەرز پۇلنىڭ دىرى بىلەن ئۆسۈمىنى ئۆز قەرەلىدە قايتۇرۇش ئىقتىدارى بولۇش، بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان رەنە بۇيۇمى، گۆرۈ بۇيۇمى بولۇش، كېپىل بولغۇچىنىڭ قەرز پۇلنى ۋاكالىتەن قايتۇرۇش ئىقتىدارى بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى