• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى شەرەپلىك نام بەرگەن تۇنجى تۈەن دەرىجىلىك ئورۇن — دېڭىز - ھاۋا بۈركۈتى تۈەنى: كۆپ قېتىم دۇنيا ھاۋا ئۇرۇشى تارىخىدىكى بىرىنچ

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 22:29 14-07-2017
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


     سۈرەتتە دېڭىز ئارمىيەسى «دېڭىز - ھاۋا بۈركۈتى تۈەنى» ئۇچۇش 1-چوڭ ئەترىتى ھاۋادا ئىككى ئايروپىلاندىن سەپ تۈزۈپ ئۇچۇش مەشىقى قىلماقتا (ماتېرىيال سۈرەت).

      2014- يىلى 5- ئاينىڭ 18- كۈنى، سىم- سىم يامغۇردا، 81 ياشقا كىرگەن شۇ جىچېڭ يەنە بىر قېتىم تەكلىپكە بىنائەن دېڭىز ئارمىيەسى شەرقىي دېڭىز فىلوتى مەلۇم ئاۋىياتسىيە دېۋىزىيەسىنىڭ «دېڭىز - ھاۋا بۈركۈتى تۈەنى»گە كېلىپ، بارلىق ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرگە جەڭ مىسالى سۆزلەپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشقا كۈچ چىقاردى. «56 يىل ئىلگىرى، مەنمۇ چاغاننىڭ بىرىنچى كۈنى ئۇچۇپ ئۇرۇش قىلغان ئىدىم»، دېدى، ئىلگىرى «دېڭىز- ھاۋا بۈركۈتى تۈەنى»نىڭ مۇئاۋىن تۈەن باشلىقى بولغان شۇ جىچېڭ ياش ئۇچقۇچىلارنى كۆرۈپ ئىنتايىن ھاياجانلانغان ھالدا.

      1958- يىل 2- ئايدا، شەندۇڭ يېرىم ئارىلى ئاسمىنىدا، شۇ جىچېڭ قەيسەرلىك ۋە پەم بىلەن يېتەكچى ئايروپىلاننى قوغداپ، قوش ئايروپىلان بىلەن تەيۋەن گومىنداڭ ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ بىر يۇقىرى ھاۋا بوشلۇقى رازۋېدكا ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەن.

      شۇ جىچېڭنىڭ قارىشىچە، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىدە، «دېڭىز - ھاۋا بۈركۈتى تۈەنى»نىڭ نامى داڭلىق. بۇ تۈەننىڭ ئۇچقۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇ ئەينى يىللىرى يەنە ھەممە ئادەم بىلىدىغان قەھرىمان شەخس بولۇپ، ئىلگىرى جەڭ ئايروپىلانىنى ھەيدەپ، تۇنجى قېتىم ئوخشاش تېمپېراتۇرا قەۋىتىدە ئوق چىقىرىپ، دۈشمەن ئايروپىلانىدىن ئۈچنى ئېتىپ چۈشۈرۈپ، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بەرگەن «كۈرەش قەھرىمانى» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن.

      «<دېڭىز -=""> يېڭى 4- ئارمىيە 6-شى 18-لۈسى 54- تۈەنى ئاساسىدا قۇرۇلغان». جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھەربىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تەتقىقاتچىسى شۈ شۆسوڭ زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ياپونغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە، بۇ تۈەن ئىلگىرى شىڭخۇا ئۇرۇشىدا ئۆزىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ ياپونىيە قورچاق ئارمىيەسى بىلەن قىلىچ ئۇرۇشى قىلىپ، «شىڭخۇا تۈەنى» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى