• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    خەلق ئارمىيەسىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قۇرۇش ئۈچۈن ئاتلىنايلى(5)

    مەنبە : uyghur.xjdaily.com
    يوللانغان ۋاقىت : 19:17 13-07-2017
    تەھرىر : ئىلمىرە ئۆمەر
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، ئۇلۇغ ئارزۇنى يۈكسەكلىككە كۆتۈرەيلى


        «جەنۇب شامىلى ئىللىتار قىشنى، كەلدىم دۇڭخەيگە باغلاپ رىشتىمنى. تېپىلماس پۇرسەتتە ئۆتكۈزدۇق بايرام، سۆيىمەن خەلقىمنى ھەم ئارمىيەمنى»


                 - شى جىنپىڭ


             رىشتە باغلاش

    ۋەتەن خەرىتىسىدىن كىشىلەر بۇ ئىككى قاراۋۇلخانىنى تەستە تاپالايدۇ: سەنجياۋشەن قاراۋۇلخانىسى، بۇ يەرنىڭ قىشى ناھايىتى سوغۇق بولۇپ، تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 50 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشىدۇ؛ دۇڭجى قاراۋۇلخانىسى بەك يىراق، ھەر كۈنى سەھەر ۋەتەندە قۇياش تۇنجى بولۇپ شۇ يەردىن كۆتۈرۈلىدۇ.

    چېگرا ئۆتكىلى خەتەرلىك ھەم يىراق، بۇ باش قوماندان تەشۋىشلىنىدىغان ئىشلارنىڭ بىرى.

     رەئىس شى جىنپىڭ 2016- يىل 5- ئاينىڭ 24- كۈنى 30 مېتىر ئېگىزلىكتىكى دۇڭجى قاراۋۇلخانىسىغا چىقىپ، ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ئەسلىھەلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى سورىدى، كۆزىتىش ئەھۋالىنى تىزىملاش دەپتىرىگە ئىمزا قويدى.

    داھىي بىلەن ئەسكەرلەرنىڭ قەلبداشلىق مېھرىدىن ھەممەيلەن تەسىرلەندى، سەنجياۋشەن قاراۋۇلخانىسى ئوفىتسېر- ئەسكەرلەرگە شۇنچىلىك تونۇش. رەئىس شى جىنپىڭ 2014- يىل 1- ئاينىڭ 26- كۈنى سوغۇق شامالغا قارىماي، 58 ئېگىز پەلەمپەينى بېسىپ قاراۋۇلخانىغا چىقتى. رەئىس شى جىنپىڭ بۇ يەردە ئوخشاشلا ئىمزا قويۇپ، تەسىرلىك قىلىپ مۇنداق دېدى: بۈگۈن مەن سىلەر بىلەن بىللە پوستتا تۇرۇپ ۋەزىپە ئىجرا قىلىمەن.

    «پارتىيەنىڭ يىلتىزى ئاساسىي قاتلامدا، ئارمىيەنىڭ يىلتىزىمۇ ئاساسىي قاتلامدا، ئاساسىي قاتلام ئىشەنچلىك ئارمىيە بىلەن قۇدرەت تاپىدۇ، ياش ئوفىتسېر _ ئەسكەرلەر ئىشەنچلىك بولسىلا، ئارمىيەنىڭ كەلگۈسىدىن ئۈمىد بار». رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قامەتلىك گەۋدىسى بەش يىلدىن بۇيان ئاساسىي قاتلامدىكى ئوفىتسېر- ئەسكەرلەر ئارىسىدا پات- پات پەيدا بولدى. رەئىس شى جىنپىڭ «لياۋنىڭ» ناملىق ئاۋىياماتكا، «خەيكۇ» ناملىق ئۇرۇش پاراخوتى، «جىڭگاڭشەن» ناملىق ئۇرۇش پاراخوتى قاتارلىقلارنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، ئوخشاشلا پاراخوتلارنىڭ يۈرۈش- توختاش كۈندىلىك خاتىرىسىگە ئىمزا قويدى.

    پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ھەربىي كومىتېتنىڭ ئون تۈرلۈك بەلگىلىمىسى تۈزۈلدى ھەم بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشتىن سىرت، بېغىشلىما يېزىپ بەرمەسلىك تەلىپى باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى. بىر ئاساسىي قاتلام كادىرى مۇنداق دېدى: جەڭ مەيدانىدا ئىمزا قويۇش ئادەتتىكى ئىش ئەمەس، بۇنى مەن رەئىسنىڭ ئۆزىنى ئادەتتىكى ئەسكەر دەپ قاراپ، بىز بىلەن چارلاشقا چىقىشى، پوستتا تۇرۇشى، دەپ چۈشەندىم.

    «رەئىس شى جىنپىڭ بىز بىلەن بىللە!» قىش كېتىپ ياز كەلدى، پۈتۈن ئارمىيەدىكى ئوفىتسېر- ئەسكەرلەر سانسىز تەپسىلاتلاردىن بۇ «پېشقەدەم ئەسكەر»نىڭ چىقىشقاقلىقىنى، شۇنداقلا بۇ ئالدىراش يۈرىدىغان «پېشقەدەم ئەسكەر»دىن روھنى ئۇرغۇتۇپ كەيپىياتنى كۆتۈرىدىغان كۈچ ئالغانلىقىنى ھېس قىلدى.
    رەئىس شى جىنپىڭ سىرتقا تەكشۈرۈشكە چىققاندا، قىسىمنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە ۋاقىت چىقارماي قويمايدۇ، رەئىس شى جىنپىڭ ھەر يىلى چاغان ھارپىسىدا ئاساسىي قاتلامدىكى ئوفىتسېر- ئەسكەرلەرنى مەخسۇس يوقلايدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ گۇتيەندە پۈتۈن ئارمىيەنىڭ سىياسىي خىزمەت يىغىنى ئېچىلىۋاتقان مەزگىلدە 11 ئاساسىي قاتلام كادىرى ۋە قەھرىمان نەمۇنىچىلار ۋەكىللىرى بىلەن «قىزىل ئارمىيە تامىقى» يېگەچ سەمىمىي پاراڭلاشتى. رەئىس شى جىنپىڭ سابىق 42- جىتۈەنجۈن ئاساسىي قاتلام ليەندۈيىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، مۇنچىخانىغا كىرىپ سۇنىڭ ئىسسىق- سوغۇقلۇقىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن خۇشال ھالدا: «جەڭچىلەر مەشىقتىن كېيىن راھەتلىنىپ مۇنچىغا چۈشۈۋالسا نېمە دېگەن ياخشى!» دېدى. «يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى قەھرىمان قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئاۋىياتسىيە تۈەنى»دە، ئۇچقۇچى جاڭ شاڭنيەننىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىمەن، دەپ توي مۇراسىمىنى توختىتىپ قويغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ توي مۇراسىمىنى تولۇقلاپ ئۆتكۈزۈشنى ئالاھىدە تاپىلىدى. ئۇ جۇڭگو ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى قوماندانلىق مەركىزىدە «ئەرش ئوردىسى − 2»دە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ئالەم ئۇچقۇچىلىرى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى، تۇرمۇش ۋە خىزمەت ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى.

    رەئىس شى جىنپىڭنىڭ باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولۇشى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ئورگىنى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ كىبىرنى تاشلاپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا مەدەت بولدى. رەئىس شى جىنپىڭ ئەسكەر بولغانلارنىڭ ليەندە تۇرۇش بەلگىلىمىسىگە بىۋاسىتە قاراپ چىقتى، كۆپ قېتىم مۇھىم كۆرسەتمە بېرىپ، قايتا- قايتا تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئەسكەر بولغاندىكىن چىن ئەسكەر بولۇش، ليەندە تۇرغاندىكىن ھەقىقىي تۇرۇش كېرەك، ئەسكەرلىككە قىيالمايدىغان بولۇش، ليەندە تۇرۇپ ياخشى ئىستىل تىكلەش كېرەك». ئاساسىي قاتلامدىكى ئوفىتسېر _ ئەسكەرلەر مۇنداق دېدى: ھازىر كادىرلار بىلەن تېخىمۇ يېقىن بولۇپ كەتتۇق، سەبداشلىق مېھرىمىز تېخىمۇ قويۇقلاشتى، قىسىم ئائىلىمىزگە ئوخشايدۇ، ھەممىمىز تولۇق بەخت تۇيغۇسى ۋە ئېرىشىش تۇيغۇسىغا چۆمدۇق.

    شىزاڭ ھەربىي رايونىدىكى 4500 مېتىردىن ئېگىز قاراۋۇلخانىلارنىڭ ھەممىسىدە «قۇياش نۇرى ئىسسىق ئۆيى» قۇرۇلغان؛ پۈتۈن ئارمىيەدىكى دېڭىز يۈزىدىن 4000 مېتىردىن يۇقىرى ئېگىزلىكتە تۇرىدىغان ئوفىتسېر- ئەسكەرلەر كارىۋات بېشىدىلا ئوكسىگېن سۈمۈرەلەيدۇ؛ 4G سىگنالى نەنشا ئاراللىرىنى قاپلىغان، يۇڭشۇ ئارىلىدا 2- دەرىجىلىك A دوختۇرخانا تەسىس قىلىندى؛ ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ ئىشلىتىلىدىغان ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى يىراق ۋە جاپالىق رايوندىكى قىسىملارنىڭ ئىشلىتىشىگە سەپلەپ بېرىلدى... ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار ئاساسىي قاتلامنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، ئوفىتسېر- ئەسكەرلەرنىڭ تەقەززاسىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، زور كۈچ چىقىرىپ ئىنكاس مەركەزلەشكەن گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈم بىلەن ئوفىتسېر- ئەسكەرلەرنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈردى.

    ئەسكەرلەرگە چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن مەدەت بېرىلدى. ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار رەئىس شى جىنپىڭنىڭ خىزمەتنىڭ مەركىزىنى ئاساسىي قاتلامغا قويۇش دېگەن كۆرسەتمە تەلىپىگە ئاساسەن، پارتىيە تەشكىلاتىنى تۇتۇشتا ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئۇرۇش ھازىرلىقى، مەشىقلەندۈرۈشنى تۇتۇشتا ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئوفىتسېر- ئەسكەر سوبيېكتىنى تۇتۇشتا ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشنى تۇتۇشتا ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئاساسىي قاتلامدا مۇستەھكەملەشنى ئىلگىرى سۈردى. زور مانېۋىر، مەشىقتىن تارتىپ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغداشقىچە، خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىن تارتىپ چېگرادا مىنا تازىلاشقىچە... پۈتۈن ئارمىيەدىكى قوماندان ۋە جەڭچىلەر تەدرىجىي كۆپ خىللاشقان ھەربىي ۋەزىپە جەڭگاھىدا باشتىن- ئاخىر تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن خەتەردىن قورقماي، ئېغىر مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، پارتىيە ۋە خەلق رازى بولغۇدەك جاۋاب بەردى.


             10. كۈچنى مۇجەسسەملەش

    «ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ ئۇيۇل تاشتەك ئىتتىپاقلىقى بىزنىڭ مەڭگۈ بارلىق قىيىنچىلىق، توسالغۇلارنى يېڭىپ، غەلىبىدىن غەلىبىگە قاراپ مېڭىشىمىزدىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەر». رەئىس شى جىنپىڭ مەيلى يەرلىكتە ياكى مەركەزدە خىزمەت قىلغاندا بولسۇن، ئارمىيە بىلەن يەرلىكنىڭ كۈچىنى بىرىكتۈرۈپ پولات سېپىل ھاسىل قىلىشقا باشتىن- ئاخىر ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى.

    1999- يىلى ئەتىيازدا، فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان شى جىنپىڭ بىرنەچچە تارماقنىڭ مەسئۇللىرىنى باشلاپ نەق مەيداندا ئىش بېجىردى، 18 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، فۇجيەن زاپاس زەمبىرەك شىسى ئوفىتسېرلار مەشىق مەركىزى قۇرۇشنى قارار قىلدى.

    2014- يىلى «1- ئاۋغۇست» ئارمىيە بايرىمى ھارپىسىدا، رەئىس شى جىنپىڭ فۇجيەندە تۇرۇشلۇق قىسىملاردىكى ئوفىتسېر- ئەسكەرلەرنى يوقلىدى، ئوخشىمىغان ئىش ئورنىدىن كەلگەن «ئىككىنى ھىمايە قىلىش»تىكى 11 ۋەكىلنى بۇ شىغا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى ۋە سەمىمىي ھال سورىدى.

    «ئارمىيە بىلەن ئارىمىزدا بۇزۇلماس مۇناسىۋەت بار، ئارمىيەگە رىشتىم چوڭقۇر باغلانغان». رەئىس شى جىنپىڭ بىرنەچچە قېتىم يۇقىرىقى يۈرەك سۆزىنى قىلدى. 6- قېتىملىق مەملىكەتلىك ھەربىيدىن كەسىپ ئالماشقانلارنى تەقدىرلەش يىغىنى ۋە 2014- يىللىق ھەربىيدىن كەسىپ ئالماشقانلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى يىغىنىغا كەلگەن ۋەكىللەرنى قوبۇل قىلغاندا تەسىرلىك قىلىپ مۇنداق دېدى: سىلەر كۆزۈمگە باشقىچە ئىسسىق كۆرۈندۈڭلار، چۈنكى مەنمۇ ھەربىيدىن كەسىپ ئالماشقان كادىر.

    رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ھەيدەكچىلىك قىلىشى ۋە تۈرتكە بولۇشى بىلەن مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم بېرىش، ئارمىيە ئىسلاھاتى مەزگىلىدە ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق 60 نەچچە تۈرلۈك سىياسەت، بەلگىلىمىنى مۇزاكىرە قىلىپ تۈزدى، جايلار ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ 320 تۈرلۈك يۈرۈشلۈك تۈزۈم تۈزۈپ، يۇقىرى بىلەن تۆۋەن ئۇدۇللاشقان سىياسەت، نىزام سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردى.

    ئارمىيە بىلەن خەلق بىر نىيەتتە بولسا، ھەرقانداق قىيىنچىلىقنى يېڭەلەيدۇ.

    2016- يىلى كۈزدە، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ شەھەر ئەتراپىغا جايلاشقان بىرونېۋىكلاشقان قىسىم قۇرۇلۇش ئىنستىتۇتىغا كىرىپ- چىقىۋاتقان ئاپتوموبىللار ئۈزۈلمەيتتى، بۇ يەردە ئۆتكۈزۈلگەن 2- نۆۋەتلىك ئارمىيە- خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتى يۇقىرى تېخنىكا نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسى جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ دىققىتىنى تارتتى.
    رەئىس شى جىنپىڭ 10- ئاينىڭ 19- كۈنى كۆرگەزمە زالىغا كىرىپ، سۇ ئاستى ماشىنا ئادىمى، ئارىلاشما ئېنېرگىيەلىك يېڭى ئېنېرگىيە ئېلېكتىر ئىستانسىسى، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان قاتارلىق ئەمەلىي بۇيۇم ۋە مودېللار ئالدىغا كەلگەندە توختاپ تەپسىلىي كۆرۈپ، چۈشەندۈرۈشنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تەپسىلىي سوراپ، ئىنتايىن ھاياجانلاندى.

    «ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇر راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئىشنى ئوبدان قىلىش كېرەك». رەئىس شى جىنپىڭ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان جۇڭگو ئارزۇسى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسى، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ۋە دۆلەت مۇداپىئەسى قۇرۇلۇشىنى ئىلمىي پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇشنى نەزەردە تۇتۇپ، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى ۋەزىيەتتە دۆلەتنى بېيىتىپ ۋە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ بىردەك ئىلگىرىلەش نىشانىنى كۆرسىتىپ بەردى.

    رەئىس شى جىنپىڭ 2015- يىلى 3- ئايدا 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3- يىغىنىدا ئازادلىق ئارمىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، ئېنىق قىلىپ مۇنداق دېدى: ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە كۆتۈرۈش كېرەك. بۇ ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى ئىستراتېگىيەسىنى دۆلەت قاتلىمىدىن چوڭقۇر يولغا قويۇشنىڭ تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىدۇر.

    ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت 2016- يىلى 7- ئايدا «ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ۋە دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى توغرىسىدا پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى. بۇ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ۋە دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان تۇنجى پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت.

    ئارمىيە ۋە جايلاردىكى ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليۇرۇق تەلىپىگە ئاساسەن بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىش، ئارمىيە بىلەن جايلار ماسلىشىش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەشكىلىي باشقۇرۇش سىستېمىسىنى راۋانلاشتۇرۇش، دۆلەت يېتەكچى بولۇش، ئېھتىياجنى يېتەكچى قىلىش، بازارنىڭ ئايلىنىشىنى بىرلەشتۈرۈش خىزمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، سىستېمىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جىپسىلاپ يۈرۈشلەشتۈرۈپ، ئۈنۈملۈك رىغبەتلەندۈرىدىغان سىياسەت- تۈزۈم سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق، تېخىمۇ چوڭقۇر ئىلگىرى سۈردى. ھازىر دۆلەت مۇداپىئە تېخنىكىسى سانائىتى، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش، ئارمىيە كاپالىتىنى ئىجتىمائىيلاشتۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردە بىرلەشتۈرۈش تەدرىجىي چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، دېڭىز- ئوكيان، ئالەم، تور بوشلۇقى قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەردە بىرلەشتۈرۈش ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىلىپ، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ پۈتۈن ئامىللىق، كۆپ ساھەلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يۇغۇرما تەرەققىيات ئەندىزىسى شەكىللەنمەكتە.

    بۇلتۇر 7- ئايدا پۈتۈن ئارمىيەنىڭ قورال- جابدۇقلار ئالدىن تەتقىقات تۈرى بولغان كومپاس ئۇچۇرى تۇنجى قېتىم توردا مەركەزلىك ئېلان قىلىنىپ، بوسۇغىسى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىلىپ، جەمئىيەتتىكى سۈپەتلىك بايلىقلار قورال- جابدۇق پەن- تەتقىقات ساھەسىگە جەلپ قىلىندى. ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدىكى چوڭ ئىستراتېگىيەنىڭ يېتەكلىشى بىلەن پۇقراۋى كارخانىلاردىن كەلگەن جەڭگىۋار قوشۇن قورال- جابدۇق تەتقىقاتىنى جانلاندۇرۇۋەتتى. ئارمىيە بىلەن جايلاردىكى ئالاقىدار كارخانىلار ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىشىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، توپلىشىش ئۈنۈمىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ تېخنىكىنى ئايلاندۇرۇشى تېزلىتىلدى. «سامانيولى − 2 » دەرىجىدىن تاشقىرى كومپيۇتېر، «سۇ ئەجدىھاسى» ناملىق ئادەملىك چۆككۈچ، «ئەرش ئوردىسى − 2»، «بوشلۇق تەجرىبىخانىسى C919 » چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئايروپىلانى قاتارلىق زور بىر تۈركۈم يۇقىرى تېخنىكا نەتىجىلىرى پۈتكۈل جەمئىيەتكە بەخت ياراتماقتا.


       تارىخ مۇساپىلەرنىڭ بىر- بىرلەپ ئۇلىنىشىدىن كەلگەن.

    رەئىس ماۋ زېدۇڭ 68 يىل ئىلگىرى يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى ئېلان قىلىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى ھەرقانداق قىيىنچىلىقتىن قورقماي، بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، ئاخىرىغىچە كۈرەش قىلىشقا چاقىرغانىدى.

    68 يىلدىن كېيىن رەئىس شى جىنپىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: كۆپچىلىك يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلىسەك، بىز بۇ بىر ئەۋلادنىڭ ئۇزۇن سەپىرىنى ئوڭۇشلۇق ماڭالايمىز.


       مۇساپە يىراق، ئەسلىي مەقسەت ئۇيۇل تاشتەك چىڭ.

    يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى بەرپا قىلدۇق؛ گۈزەل كەلگۈسىگە يۈزلەندۇق، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرى بىزنى داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، يەنە شانلىق نەتىجە يارىتىشقا چاقىرماقتا. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، «يۈگۇڭنىڭ تاغنى يۆتكىشى»دەك ئىرادە بىلەن پىلاننى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈچ قوشايلى!

    «تەڭرىتاغ تورى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى