• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    خەلق ئارمىيەسىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قۇرۇش ئۈچۈن ئاتلىنايلى

    مەنبە : uyghur.xjdaily.com
    يوللانغان ۋاقىت : 19:12 13-07-2017
    تەھرىر : ئىلمىرە ئۆمەر
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى قىسقىغىنا بەش يىل ئارمىيەمىز 90 يىللىق شانلىق مۇساپىدە ئەڭ ئېتىبارغا ئېرىشكەن، ناھايىتى قالتىس نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بەش يىل بولدى − پارتىيەمىزنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانى ئېنىق بېكىتىلدى، سىياسىي جەھەتتە ئارمىيە قۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ھەربىي تەلىم- تەربىيە، ئۇرۇش تەييارلىقى جىددىي قانات يايدۇرۇلدى، ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشتا دادىل قەدەم تاشلاندى، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىشتا يەر- جاھاننى زىلزىلىگە كەلتۈرگۈدەك قاتتىق تەدبىرلەر يولغا قويۇلدى...رەئىس شى جىنپىڭ خەلق ئارمىيەسىگە رەھبەرلىك قىلىپ ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئارمىيەنىڭ ئوبرازىنى ئومۇميۈزلۈك قايتا تىكلەپ، ئېغىر قىيىنچىلىق ۋە قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ۋە گۈللەندۈرۈش مۇساپىسىگە تارىخىي قەدەم باستى.

    قاتمۇقات قىيىنچىلىققا تولغان يېڭى ئۇزۇن سەپەر ئېگىزدە تۇرۇپ، يىراققا نەزەر سالىدىغان يول باشلىغۇچىدىن ئايرىلالمايدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسى، خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئالىي قوماندانى بولۇش سۈپىتى بىلەن ماركسىزمچى سىياسىيونغا خاس سىياسىي ئەقىل- پاراسىتى، نەزەرىيەۋى جاسارىتى، قالتىس ئىقتىدارى ۋە ئومۇمىيەتنى تىزگىنلەش ئىقتىدارى ئارقىلىق پارتىيەنى، دۆلەتنى، ئارمىيەنى زور غەيرەت- شىجائەت بىلەن ئىدارە قىلىپ، ئىچكى ۋە تاشقى ۋەزىيەتنى كەڭ نەزەر دائىرە بىلەن پىلانلاپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنى دادىل ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە، دۆلەت ۋە ئارمىيەنىڭ قىياپىتىدە غايەت زور ئۆزگىرىش ياساپ، ئاممىنىڭ ۋە پۈتۈن ئارمىيەدىكى ئوفىتسېر- ئەسكەرلەرنىڭ ھەقىقىي ئىززەت- ھۆرمىتىگە ئېرىشتى.

    تاغ- داۋانلاردىن ئېشىپ، دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەش. پۈتۈن ئارمىيەدىكى ئوفىتسېر- ئەسكەرلەر رەئىس شى جىنپىڭغا بولغان تولۇق ئىشەنچى ۋە ئىززەت- ھۆرمىتى، دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قۇرۇش قەتئىي ئىشەنچى بىلەن جۇڭگوچە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولىدا چوڭ قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىمەكتە.

      ئۇلۇغۋار ئىشلارنى پىلانلاپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش مۇساپىسىگە
    يېتەكچىلىك قىلىش


      «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ ئۇلۇغ ئارزۇسى. بۇ ئۇلۇغ ئارزۇ − دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسى، ئارمىيە ئۈچۈن ئېيتقاندىمۇ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىدۇر».

    شى جىنپىڭ


            پەيتنى پەملەپ، ۋەزىيەتنى كۆزىتىش

    جۇڭنەنخەيدىكى خۇەيرېنتاڭ زالى ھازىرقى زامان جۇڭگونىڭ روشەن سىياسىي بەلگىسى. پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مۇھىم سىياسەت- فاڭجېنلىرى مۇشۇ جايدا تۈزۈلىدۇ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ كوللېكتىپ ئۆگىنىشىمۇ مۇشۇ جايدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

    كۈچلۈك دېڭىز- ئوكيان دۆلىتى قۇرۇش، دۇنيا ھەربىي ئىشلار تەرەققىياتىنىڭ يېڭى يۈزلىنىشى ۋە ئارمىيەمىزنىڭ ھەربىي ئىشلاردا يېڭىلىق يارىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش... ج ك پ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى ھەربىي ئىشلارغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ بەش قېتىم كوللېكتىپ ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى.

    خەلقئارا ئىستراتېگىيەلىك ئەندىزە ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتىنىڭ چوڭقۇر ئۆزگىرىشىگە قانداق ماسلىشىپ، ئېلىمىزنىڭ خەلقئارادىكى ئورنىغا مۇۋاپىق كېلىدىغان، دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇلغان دۆلەت مۇداپىئەسى بەرپا قىلىش ۋە كۈچلۈك خەلق ئارمىيەسى قۇرۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى باشتىن- ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتقان مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك مەسىلە.

    ئۈزلۈكسىز ئۇزىراۋاتقان ئۆگىنىش تىزىملىكىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى پەيت بىلەن ۋەزىيەتنى سەگەكلىك بىلەن كۆزىتىش، ئامانلىق بىلەن خەۋپنى يىراقنى كۆزلەپ چوڭقۇر ئويلىنىشتىن ئىبارەت.

    «دۇنيادا مىسلىسىز زور ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، ئېلىمىز چوڭلۇقتىن كۈچلۈكلۈككە يۈزلىنىشنىڭ ھالقىلىق باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، ئارمىيەمىز بىر مەيدان ئىنقىلابىي ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىدۇ». − رەئىس شى جىنپىڭ يېڭى تارىخىي پەللىدە تۇرۇپ، كەڭ نەزەر دائىرە، چوڭقۇر تەپەككۇر بىلەن خەلق ئارمىيەسى قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىيات دەۋر كوردىناتىنى ئېنىق بېكىتىپ بەردى.

    بۈگۈنكى دۇنيادا خەلقئارا ۋەزىيەتتە چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، خەلقئارا سىستېما تېز ئۆزگىرىش ۋە چوڭقۇر تەڭشىلىش مەزگىلىگە كىردى، خەلقئارا كۈچ سېلىشتۇرمىسىدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ.

    بۈگۈنكى جۇڭگو دۇنيا سەھنىسىنىڭ مەركىزىگە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئارزۇسىغا مىسلىسىز يېقىنلىشىۋاتىدۇ.

    شۇنىڭغا سەل قارىماسلىق كېرەككى، ئېلىمىزنىڭ تېز تەرەققىي قىلىپ قۇدرەت تېپىشىغا ئەگىشىپ، بىز دۇچ كېلىۋاتقان بىخەتەرلىك تەھدىتى ۋە خەۋپ- خەتەر خىرىسى تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىۋاتىدۇ ۋە كەسكىنلىشىۋاتىدۇ. دۇنياۋى يېڭى ھەربىي ئىنقىلابىنىڭ تېز تەرەققىياتى، ئۇرۇش ھالىتىنىڭ تېز ئۇچۇرلىشىشقا قاراپ ئۆزگىرىش دولقۇنىدا، خەلق ئارمىيەسىدىكى «ئىككى ئىقتىدار كەمچىل بولۇش»، «ئىككى پەرق ناھايىتى زور بولۇش» مەسىلىسىنى جىددىي ھەل قىلىش زۆرۈر بولۇۋاتىدۇ.

    «پۈتۈن ئارمىيە جەزمەن ئېلىمىزنىڭ خەۋپسىزلىك ۋە تەرەققىياتتا دۇچ كېلىۋاتقان يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى خىرىسنى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم ئورنى ۋە رولىنى تولۇق تونۇپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغدايدىغان مۇھىم مەسئۇلىيىتىنى دادىللىق بىلەن زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك». نۇرغۇن مۇھىم يىغىن، مۇھىم سورۇنلاردا رەئىس شى جىنپىڭ پۈتۈن ئارمىيەنى ۋەزىيەتنى، ئومۇمىيەتنى كۆزىتىپ، دۇچ كېلىۋاتقان يېڭى بۇرچ، يېڭى تەلەپنى پۇختا ئىگىلەشكە ئاگاھلاندۇردى − مىللىي گۈللىنىشتىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىغا يېتىشتە، مۇناسىپ ئارمىيە قۇرۇش، ئارمىيەنى ئىدارە قىلىش ئومۇمىي تەدبىرىنى بېكىتىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى باشتىن- ئاخىر جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت چوڭ نىشانغا قويۇپ تونۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛

    ېلىمىزنىڭ چوڭلۇقتىن كۈچلۈكلۈككە ئۆزگىرىشىدە دۇچ كېلىدىغان خەۋپسىزلىك خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇشتا، ھەربىي ئىشلارغا يېتەكچىلىك قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىپ، دۆلەتنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىنىڭ دەخلى- تەرۇزغا ئۇچرىماسلىقىغا، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇمىيىتىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىماسلىقىغا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم مۇساپىسىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش؛

    خەلقئارا ھەربىي ئىشلار رىقابىتىدىكى ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈرۈشتە، خەلق ئارمىيەسىنىڭ كەلگۈسىنى پۈتۈنلەي يېڭىدىن لايىھەلەپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ چوڭ قەدەم بىلەن ئېقىمغا يېتىشىۋېلىشى، دەۋرنىڭ ئالدىدا مېڭىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛

    خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئوبرازىنى قايتا تىكلەشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، كونا ئىللەتلەرنى چۆرۈپ تاشلايدىغان جاسارەت ۋە يېڭى ئىدىيە بولۇشى، خەلق ئارمىيەسىنى قايتا تەرتىپكە سېلىپ، يېڭى ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىشقا يېتەكلەش كېرەك...

    ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرۈپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش. مۇھىم تارىخىي پەيتتە تۇرۇۋاتقان خەلق ئارمىيەسى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە يېڭى ئۇلۇغ مۇساپىگە ئاتلاندى.


              ئارزۇغا يېتىش

     2012- يىل 11- ئاينىڭ 29- كۈنى ئادەتتىكىدەك كۈن ئىدى. رەئىس شى جىنپىڭ «گۈللىنىش يولى» تېمىسىدىكى كۆرگەزمىنى كۆرگەندە دۇنياغا تەنتەنىلىك ھالدا: «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى ئەڭ ئۇلۇغ ئارزۇسى»، دەپ جاكارلىدى.

    ئارىدىن ئون كۈن ئۆتكەندە رەئىس شى جىنپىڭ تۇنجى قېتىم بېيجىڭدىن ئايرىلىپ قىسىمنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، نەنخەي ساھىلىدا: «بۇ ئۇلۇغ ئارزۇ − دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسى، ئارمىيە ئۈچۈن ئېيتقاندىمۇ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىدۇر»، دەپ مۇھىم ھۆكۈم چىقاردى.

    بۇ، تارىخ ئالدىدا بېرىلگەن ۋەدە، شۇنداقلا كەلگۈسىگە قىلىنغان خىتاب!

    شانلىق نەتىجە ياراتقان دۆلەتلا ئۇلۇغ گۈللىنىشنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى بىلەلەيدۇ؛ يەتكۈچە ئازاب- ئوقۇبەت تارتقان مىللەتلا دۆلەتنى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى شۇنچە ئارزۇ قىلىدۇ.

     رەئىس شى جىنپىڭ «يۈرەك ئاغرىقى» دەپ ئاتىغان جياۋۇ ئۇرۇشىنىڭ مەغلۇبىيىتى كىشىلەرنىڭ يۈرەك- باغرىنى پارە- پارە قىلغانىدى.

    دەرد- ئەلەملەرنى قايتا ئەسلەپ، خاتىرجەم شارائىتتا خەۋپ- خەتەرنى ئويلىشىمىز كېرەك. رەئىس شى جىنپىڭ چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشنىڭ ۋاسىتىسى ۋە تاللاش كۆپىيىپ، بۇنىڭدىن جانلىق پايدىلىنىۋاتقان بولساقمۇ، بىز ھەربىي ۋاسىتىنىڭ باشتىن _ ئاخىر تۆۋەن چەكنى ساقلاش ۋاسىتىسى ئىكەنلىكىنى ھەرگىز ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەك.

    نەزەرىمىز تارىخىي ئۇرۇش ئوتلىرىدىن ھالقىدى؛ كاللىمىزدا يىراق كەلگۈسىنىڭ پىلانى تۈزۈلۈۋاتىدۇ.

    2013- يىلى 3- ئايدىكى 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1- يىغىنىنىڭ ئازادلىق ئارمىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى ئومۇمىي يىغىنىدا رەئىس شى جىنپىڭ تەنتەنىلىك ھالدا: «پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنىدىغان، جەڭدە غەلىبە قىلالايدىغان، ئىستىلى دۇرۇس خەلق ئارمىيەسى قۇرۇش پارتىيەمىزنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانى»، دەپ جاكارلىدى.

    پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇش روھ، جەڭدە غەلىبە قىلىش يادرو، ئىستىلدا دۇرۇس بولۇش كاپالەت. پارتىيەمىزنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىدا مىللىي گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇلۇغۋار ئىشى كۆزلىنىپ، دۆلەتنى بېيىتىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئومۇمىيىتى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، تەرەققىياتنىڭ بىخەتەرلىك ئاساسى سېلىنىپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ چوڭ دۆلەت ئارمىيەسى، كۈچلۈك دۆلەت ئارمىيەسىلىك ئورنى بېكىتىلدى. ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتىكى «قۇدرەت تاپقۇزۇش» سىياسەت، ئۇرۇش قىلىش، ئىستىلنى ئومۇميۈزلۈك قايتا تىكلەش جەھەتلەردىكى «ئومۇميۈزلۈك قۇدرەت تاپقۇزۇش»تۇر، تىپنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىياتنى تېزلىتىشتىكى «ھالقىما قۇدرەت تاپقۇزۇش»تۇر، بىللە يۈگۈرۈش، يۈگۈرۈپ ئالدىغا ئۆتۈپ كېتىشتىن ئىبارەت «ھالقىما قۇدرەت تاپقۇزۇش»تۇر.

    مىللىي گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ھەرگىز ئېسىمىزدىن چىقارماسلىقىمىز؛ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ۋە گۈللەندۈرۈشنى ھەر ۋاقىت كۆڭلىمىزگە چىڭ پۈكۈشىمىز كېرەك. 2016- يىل 3- ئاينىڭ 23- كۈنى رەئىس شى جىنپىڭ دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇھىم سۆز قىلىپ، پۈتۈن ئارمىيەنى «ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىغا يېتىپ، دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قۇرۇش» قا چاقىرىق قىلدى. دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى ئارمىيەدىن ئېشىپ كېتىش ئۇلۇغۋار غايىسى ۋە جەسۇرانە ئىرادىسى مىليونلىغان ئارمىيە ۋە خەلقنىڭ كۆتۈرەڭگۈ روھ ۋە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش ئىرادىسىنى ئۇرغۇتتى

    «تەڭرى تاغ تورى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى