• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    رۇسىيە بىلەن ش ئا ئە ت نىڭ بالتىق دېڭىزى ئاسمىنىدىكى «خەتەرلىك ئويۇنلىرى» نېمىشقا كۆپىيىپ قالدى؟

    مەنبە : www.uycnr.com
    يوللانغان ۋاقىت : 16:41 30-06-2017
    تەھرىر : زۇھرە
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ئىيۇن كىرگەندىن بۇيان، رۇسىيە بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بالتىق دېڭىزى ئاسمىنىدا بىر- بىرىگە يېقىنلىشىش ۋە بىر-بىرىنى قوغلاشتەك «خەتەرلىك ئويۇن»لارنى ئوينىدى، رۇسىيە بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىر- بىرىنى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى خەتەرلىك ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكەتلىرىنى قىلدى، دەپ ئەيىبلىدى ھەمدە ئۆز ھەرىكىتىنىڭ ئالاقىدار خەلقئارا قانۇن ۋە بىخەتەر ئۇچۇش قائىدىسىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

    بالتىق دېڭىزى رۇسىيەنىڭ ياۋروپاغا چىقىشتىكى مۇھىم ئېغىزى، ئەمما رۇسىيە بىلەن غەرب ئەللىرىنىڭ مۇناسىۋىتى ئۇدا پەسكويدا تۇرىۋاتقان ئەھۋالدا، تار فىنلاندىيە قولتۇقى رۇسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ شەرققە كېڭىيىشىگە تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرەلمىدى، ئەكسىچە نازۇك ستراتېگىيەلىك مۇھىم جايغا ئايلىنىپ قالدى. بۇ قېتىم ئىككى تەرەپ بالتىق دېڭىزى ئاسمىنىدا قېتىم سانى كۆپ، ھەرىكىتى چوڭ، خەۋپى كۈچلۈك «خەتەرلىك ئويۇن» ئوينىدى.

    6- ئىيۇن رۇسىيەنىڭ بىر ئۇرۇش ئايروپىلانى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ رۇسىيە ھاۋا تەۋەلىكىدە ئۇچۇۋاتقان B-52 تىپلىق ستراتېگىيەلىك بومباردىمانچى ئايروپىلانىنى توسىدى. 19-ئىيۇن، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ سۇ-27 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى ئامېرىكىنىڭ RC-135 تىپلىق ئىككى رازۋېدكا ئايروپىلانىنى ئارقا-ئارقىدىن توسىدى. رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانى 20- ئىيۇن شىۋىتسىيە ئارمىيەسىنىڭ رازۋېدكا ئايروپىلانىغا يېقىنلاشتى، شىۋىتسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بۇ ئىش توغرىسىدا رۇسىيە باش ئەلچىسىنى چاقىرتتى.

    21- ئىيۇن، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ F-16تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى رۇسىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگىي كۇژۇگېتوۋىچ شويگۇنىڭ بالتىق دېڭىزى ئاسمىنىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈۋاتقان مەخسۇس ئايروپىلانىغا يېقىنلاشماقچى بولغاندا، بۇ ئۇرۇش ئايروپىلانىنى رۇسىيەنىڭ قوغداپ ئۇچۇۋاتقان سۇ-27 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى قوغلىۋەتتى. شۇ كۈنى قايتىش سەپىرىدىمۇ شويگۇنىڭ مەخسۇس ئايروپىلانىغا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئەگىشىۋالدى.

    رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 16- ئىيۇندىن 22- ئىيۇنغىچە بولغان بىر ھەپتىدە، رۇسىيە 14 قېتىم ئۇرۇش ئايروپىلانى چىقىرىپ، ئامېرىكا، نورۋىگىيە، ئەنگلىيە، فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ رۇسىيەنىڭ غەربىي چىگرىسىغا يېقىنلاشقان رازۋېدكا ئايروپىلانلىرىنى توسىغان. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى تاراتقۇلارغا: رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ئۇچۇش قېتىم سانى كۆپىيىپ قالدى، دېدى.

    رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى: 19-ئىيۇندىكى توسۇش ھەرىكىتىدە، ئامېرىكا ئايروپىلانى ئىغۋاگەرچىلىك قىلدى، دېدى. ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ئىككى ئايروپىلاننىڭ ئارىلىقى بىر يېرىم مېتىرلا قالدى، دېدى.

    نوپۇزلۇق ھەربىي ئوبزورچى شى خۇڭ مۇنداق دەپ قارىدى: ئۇرۇش ئايروپىلانىنى كۆپلەپ توسۇش رۇسىيە بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ بىر-بىرىگە ھەيۋە كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. بۇنداق توسۇش ھەرىكىتىدە، ئەگىشىپ ئىز قوغلاپ نازارەت قىلغان تەقدىردىمۇ 30-40 مېتىر ئارىلىق ناھايىتى يېقىن ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا 10 مېتىر ئىچىدىكى يېقىنلىشىش ئىنتايىن خەتەرلىك ھەرىكەت.

    شى خۇڭ مۇنداق دېدى: بىر يېرىم مېتىر قالدى دېگەنلىك ئىككى ئايروپىلاننىڭ قانىتى تېگىشەي دەپ قالدى دېگەنلىك، ئايروپىلان تېز ئۇچۇۋاتقاندا، ئۇچقۇچى يېرىم سېكونتقىمۇ يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئىنكاس قايتۇرۇپ بولۇشى كېرەك، بۇنىڭدا پۈتۈنلەي تەبىئىي ئىقتىدارغا تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ، سەللا ھۇدۇقسا سوقۇلۇپ كېتىدۇ.

    بۇ قېتىم رۇسىيە بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ھاۋادا كۆپ قېتىم ئېلىشقانلىقى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بالتىق دېڭىزىدا ئۆتكۈزىۋاتقان يىللىق كۆپ دۆلەت ھەربىي مانىۋېرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، رۇسىيە بۇنداق ھەربىي مانىۋېرلارنى رۇسىيەگە قارشى ھەرىكەت، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دۆلەتلىرىنىڭ رۇسىيەنى توسۇشىدىكى مۇھىم ھەربىي ۋاسىتىسى دەپ قاراپ كەلگەن ھەمدە بۇنىڭغا قارشى ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم بىلدۈرگەن ئىدى.

    رۇسىيەنىڭ ھەربىي سىياسىي ئالىمى، رۇسىيە پىلىخانوف ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى ئالېكساندىر پېترىيېۋ مۇنداق دەپ قارىدى: رۇسىيە بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ھاۋادا ئېلىشقانلىقى ئىككى تەرەپتىكى دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ يىراقلىشىۋاتقانلىقى، بىر-بىرىنى قىياس قىلىش ۋە توسۇش ئەھۋالىنىڭ پەيدا بولۇۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قورال كۈچىنى نامايەن قىلىشنىلا ئويلاپ قالماستىن، كىمنىڭ بالتىق دېڭىزى ئاسمىنىنىڭ ئىگىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشنى ئويلايدۇ.

    2014-يىلىدىن بۇيان، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى شەرقىي ياۋروپا رايونى ۋە بالتىق دېڭىزى بويىدىكى ھەربىي مانىۋېر كۆلىمىنى چوڭايتىپلا قالماستىن، رۇسىيە چىگرىسىنى بويلاپ يېڭى ھەربىي بازا ئۈسكۈنىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، رۇسىيەگە ئۇدا بېسىم قىلدى، بۇلتۇر شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ۋارشاۋا باشلىقلار يىغىنىدا ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا رايونىدىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقنى زورايتىپ، بالتىق دېڭىزىدىكى ئۈچ دۆلەت ۋە پولشادا كۆپ دۆلەت قىسمى ئورۇنلاشتۇرۇش قارار قىلىنىپ، رۇسىيەنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقى قوزغالغان ئىدى.

    شى خۇڭ مۇنداق دەپ قارىدى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى شەرقىي ياۋروپا تەرەپكە ئەسكەر كۆپەيتىشتە رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىنكاسى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشىنى بىلىشى كېرەك، شۇڭا ھەدەپ يېقىنلىشىپ رازۋېدكا قىلىدۇ.

    رۇسىيە دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئاممىۋى ئەمەلىي مەسىلىلەر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئالېكساندىر تىللىن مۇنداق دېدى: رۇسىيە چىگرىسى ئەتراپىدا ئەڭ كۆپ ئۇچقىنى ئامېرىكىنىڭ RC-135 تىپلىق رازۋېدكا ئايروپىلانى. بۇنداق ئېلىكترونلۇق رازۋېدكا ئايروپىلانى رۇسىيە ئارمىيەسى بىلەن باشقا مۇھىم تارماقلار ئوتتۇرىسىدىكى خەۋەرلىشىشنىڭ سىمسىز تېلېگراف چاستوتىسىنى جەزملەشتۈرەلەيدۇ، ئۇرۇش يۈز بېرىپ قالسا، ئېلىكترونلۇق ئۇرۇش قىسمى دەخلى قىلالايدۇ ۋە ئوغرىلىقچە ئاڭلىيالايدۇ.

    ئالېكساندىر تىللىن مۇنداق دەپ قارىدى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ رازۋېدكا نىشانى رۇسىيەنىڭ پۈتكۈل غەربىي ھەربىي رايونىنىڭ باشقۇرىلىدىغان بومبىغا قارشى تۇرۇش مۇداپىئە ئۈسكۈنىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇندىن باشقا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بۇ ئارقىلىق رۇسىيەنىڭ ۋەزىپە ئۆتەيدىغان قىرغۇچى ئايروپىلانلىرىنىڭ ھاۋاغا كۆتۈرۈلۈش سۈرئىتى، ئۇچۇش سۈرئىتى، خەۋەرلىشىش چاستوتىسى قاتارلىقلارنى ئىگىلىمەكچى.

    شى خۇڭ يەنە مۇنداق دېدى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دۆلەتلىرى رۇسىيە بىلەن يۈز-تۇرانە توقۇنۇشۇپ قېلىشنى ئۈمىد قىلمايدۇ، ئۇنداق قىلىش پۈتكۈل ياۋروپانىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە مۇقىملىقىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى رۇسىيەنىڭ بالتىق دېڭىزىدىكى ئۈچ دۆلەت ۋە شەرقىي ياۋروپاغا تۇيۇقسىز قول سېلىشىدىن ساقلىنىش. رۇسىيەنىڭ داۋراڭ بىلەن جاۋاب قايتۇرۇشتىكى مەقسىتى جىددىيلىكنى كەلتۈرۈپ چىقارغان مەسئۇلىيەتنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدا ئىكەنلىكى، رۇسىيەنىڭ پەقەت ئۆز خەۋپسىزلىك مەنپەئەتىنى قوغداشنىلا ئويلايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، رۇسىيە يەنە ئارمىيەنىڭ يۈكسەك ھازىرلىق دەرىجىسىنى نامايەن قىلىپ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئايروپىلانلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى ئۈنۈملۈك نازارەت قىلدى ھەمدە ھاۋادىكى ھەرقانداق «ئىغۋاگەرچىلىك»لەرگە تېزدىن ئىنكاس قايتۇردى.


    « جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى