• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    جۇڭگونىڭ يېڭى تىپتىكى 10 مىڭ توننا دەرىجىلىك قوغلىغۇچى پاراخوتى تۇنجى سۇغا چۈشۈرۈلدى

    مەنبە : uy.ts.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 11:58 29-06-2017
    تەھرىر : زۇھرە
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>



    جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى: جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ يېڭى تىپتىكى 10 مىڭ توننا دەرىجىلىك قوغلىغۇچى پاراخوتىنىڭ تۇنجى سۇغا چۈشۈرۈلۈش مۇراسىمى 28-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن شاڭخەي جياڭنەن پاراخوت ياساش (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە ئۆتكۈزۈلدى. مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ھەربىي ئىشلار كومىتېتى قورال-ياراغ ئەسلىھەلىرى تەرەققىيات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جاڭ يوۋشيا مۇراسىمغا قاتناشتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى.
    چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9:00 ئەتراپىدا مۇراسىم باشلاندى، نەق مەيداندا دۆلەت شېئىرى ئوقۇلۇشى بىلەن تەڭ، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ئاستا-ئاستا كۆتۈرۈلدى. لېنتا كېسىش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، بوتۇلكا چېقىش مۇراسىمى ئېلىپ بېرىلدى، شامپاندىن ئېتىلىپ چىققان بۇژغۇنلار بىلەن تەڭ يېڭى تىپتىكى قوغلىغۇچى پاراخوتتا گۈدۈك چېلىندى، بۇنىڭ بىلەن پۈتۈن مەيداندا گۈلدۇراس ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن قوغلىغۇچى پاراخوت دېڭىزغا چۈشۈرۈلدى.


    « تەڭرىتاغ تورى» دىن ئېلىندى


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى