• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    پانامانىڭ سابىق ھۆكۈمەت رەھبىرى مانۇئېل نورېگا ئالەمدىن ئۆتتى

    مەنبە : news.xinhuanet.com
    يوللانغان ۋاقىت : 10:16 31-05-2017
    تەھرىر : زۇھرە
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    شىنخۇا تورى خەۋىرى: پاناما تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پاناما زۇڭتۇڭى29 - چېسلا كەچقۇرۇن پانامانىڭ سابىق ھۆكۈمەت رەھبىرى، سابىق دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى باش قوماندانى ماۇئېل نورېگا (Manuel Antonio Noriega Moreno)كېسەل سەۋەبىدىن 83 يېشىدا قازا قىلغانلىقنى بىلدۈرگەن.
    تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشغا ئاساسلانغاندا، نورېگا بۇرۇن پېرۇ پايتەختى لىمادىكى بىر ھەربىي مەكتەپتە ئوقۇغان بۇلۇپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، پاناما مىللىي مۇھاپىزەتچىلەر ئەترىتى پارتىيىسىگە كىرىپ، 22 يىل ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن.ئۇ 1968-يىلى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 1983-يىلى پاناما دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسىنىڭ باش قوماندانى بولۇپ، پانامادىكى ئەمەلىي ھوقۇقدار شەخسكە ئايلانغان. ئۇ ئىچكى جەھەتتە ھەربىي تەشكىلىي قانۇن تۈزۈپ چىققان؛ سىرتقا قارىتا ئامېرىكىغا ئومۇميۈزلۈك قارشىلىق كۆرسىتىپ، ئامېرىكىدىن پاناما - ئامېرىكا شەرتنامىسى تۈزۈشنى ، 1999 -يىلى يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ چېكىنىپ چىقىپ كىتىشنى، پاناما قانال رايونىنىڭ پۈتۈنلەي ئىگىلىك ھوقۇقىنى پۈتۈنلەي ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان ئىكەن.
    ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا ، نورېگا ئامېرىكا مەركىزى ئاخپارات ئىدارىسى(CIA) بىلەن زىچ ئالاقە باغلاپ، ئالاقىسى تاكى1987–يىلغىچە داۋاملاشقان. ئىسپانىيە « دۆلەت گېزىتى» نىڭ 30-چىسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا 1988-يىلى ئۇنى زەھەر ئەتكەسچىلىكىگە چېتىشلىق دەپ ئەيىبلىگەن پاناماغا ئەسكەر چىقىرىپ، ھەربىي ھەرىكەت قوللانغان. 1990-يىلى، نورېگا ئامېرىكا ئارمىيەسىگە تەسلىم بولغاندىن كېيىن مىئامىغا ئېلىپ بىرىلىپ، سوراق قىلىنغان. ئامېرىكا سوت مەھكىمىسى 1992- يىلى زەھەر ئەتكەسچىلىكى ۋە قاقتى - سوقتى قىلىش جىنايىتى بىلەن ئۇنىڭغا 40 يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلغان، كېيىن جازاسى17 يىلغا كېمەيتىلگەن. 2007 - يىلى، نورېگا تۈرمىدىن چىققان ھەمدە 2010-يىلى فرانسىيەگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىگەن، 2011 - يىلى فرانسىيە نورېگانىڭ پاناماغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.
    2017-يىلى 1-ئايدا تۈرمىدە جازا ئۆتەۋاتقان نورېگا مېڭە ئۆسمىسى ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇش سەۋەبلىك ئائىلىسىدە ئۈچ ئاي نەزەربەنت قىلىنىپ ئوپېراتسىيەگە تەييارلىق قىلىش ئىجازىتىگە ئېرىشكەن، كېيىن يەرلىك دوختۇرخانىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئۇنىڭ ئائىلىسىگە نەزەربەنت قىلىنىش ۋاقتى بىر يىلغا ئۇزارتىلغان.
    83 ياشلىق نورېگا 3-ئاينىڭ 7-كۈنى دوختۇرخانىدا مېڭە ئۆسمىسىنى كەستۈرۈۋېتىش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغاندىن كېيىن، مېڭىسىگە قان چۈشۈپ ھوشسىز ھالەتكە چۈشۈپ قالغان، شۇ كۈنى قايتا ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇشقا مەجبۇر بولغان، ئەمما كېسەللىك ئەھۋالى يەنىلا ياخشىلانمىغان ئىكەن.
    پاناما زۇڭتۇڭى ژان كارلوس ۋارېلا نورېگانىڭ ئالەمدىن ئۆتكەنلىك ئۇچۇرىدىن خەۋەردار بولغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ شەخسىي ئىجتىمائىي ئالاقە ھېساباتىدا: «نورېگانىڭ ئالەمدىن ئۆتىشى دۆلىتىمىز تارىخىنىڭ بىر سەھىپىسىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ» دېگەن.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى