• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    گېرمانىيەنىڭ يېڭى قانۇنىدا ئاتا-ئانىلار بالىغا ۋاكسىنا ئەملىتىشنى رەت قىلىسا جەرىمانە قويۇلىدىكەن

    مەنبە : news.xinhuanet.com
    يوللانغان ۋاقىت : 12:57 30-05-2017
    تەھرىر : زۇھرە
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    شىنخۇا تورى خەۋىرى: گېرمانىيە ھۆكۈمىتى بىر يېڭى قانۇن لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئەگەر ئاتا-ئانىلار بالىغا ۋاكسىنا ئەملىتىشنى رەت قىلسا، ھۆكۈمەت رەت قىلغان ئاتا- ئانىلارغا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 2500 ياۋرو (تەخمىنەن 19 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى) جەرىمانە قويىدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن. گېرمانىيە پارلامېنتى بۇنىڭغا قارىتا 6-ئاينىڭ 1-كۈنى بېلەت تاشلاش ئېلىپ بارىدىكەن.
    گېرمانىيە سەھىيە مىنىستىرى خېرمەن (Hermann Grohe)، نۆۋەتتە قىزىل يۇقۇمى ئۇشتۇمتۇت پەيدا بولغان بۇلۇپ، بۇ قانۇننى ئېلان قىلىشتىكى مەقسەت ۋاكسىنا ئەملەش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش. «كىشىلەر قىزىل يۇقۇمى سەۋەبلىك قازا قىلىۋاتىدۇ، شۇڭا تېخىمۇ قاتتىق ۋاكسىنا ئەملەش بەلگىلىمىسى ئېلان قىلىشىمىز كېرەك دېگەن.
    يېڭى قانۇن بەلگىلىمىسىدە، ئەگەر ئائىلە باشلىقلىرى بالىغا ۋاكسىنا ئەملەتكەنلىك ئىسپاتى تەمىنلىيەلمىسە گېرمانىيە يەسلىلىرى بۇنداق بالىلارنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىدىغانلىقى ۋە ھۆكۈمەتكە ئائىلە باشلىقىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى دوكلات قىلىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن ئىكەن.
    لېكىن گېرمانىيە فېدېراتسىيەسى كېڭەش پالاتاسى( پارلامېنت يۇقىرى پالاتاسى)نىڭ قارىشىچە، يەسلىنى ھۆكۈمەت داۋالاش ئورگانلىرىغا ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ ئۇچۇرىنى مەلۇم قىلىشقا مەجبۇرلاش ئۇچۇرنى قوغداشقا ئالاقىدار قانۇنلارغا خىلاپ بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
    قىزىل يۇقۇمى بىر خىل يۇقىرى بولغان يۇقۇملۇق ۋىرۇسى بۇلۇپ، ئۆپكە ياللۇغى، كۆزى كۆرمەسلىك ۋە مېڭە ياللۇغى قاتارلىق ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقرىدىكەن، بۇنىڭ تەسىرگە ئۇچرىغانلارنىڭ كۆپ قىسمى بالىلار ئىكەن. گېرمانىيە كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ئاپاراتى Robet Koch تەتقىقات ئورنىىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل 4-ئاينىڭ ئوتتۇرىغىچە گېرمانىيەدە جەمئىي 410 قىزىل كېسىلى بىمارى بايقالغان، 2016-يىلى گېرمانىيەدە 325 بىمار بايقالغانىكەن.
    ئەنگلىيە « كۈندىلىك پوچتا گېزىتى » نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مدۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئالدىنقى ئايدا ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىپ، قىزىل يۇقۇمىنىڭ ياۋروپادا ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، بۇ رايوننىڭ قىزىل ۋاكسىنىسى ئەملەش نىسبىتى ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلەۋاتىدۇ دېگەن. ئامېرىكا فوكس ئاخباراتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، كىشىلەرنىڭ بالىلىرىغا قىزىل ۋاكسىنىسى ئەملىتىشنى خالىماسلىقىدىكى سەۋەب ۋاكسىنانىڭ ئەكس تەسىرى بولۇشىدىن ئەنسىرىگەن بولۇشى مۇمكىن.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى