• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ﺋﯩﺴﭙﺎﻧﯩﻴﻪ A ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﭘﯘﺗﺒﻮﻝ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﻪ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺴﯩﻨﯩﯔ 20 ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺟﯘﻏﻼﻧﻤﺎ ﻧﻮﻣﯘﺭ ﺭﻩﺕ ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﻰ

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 12:25 30-05-2017
    تەھرىر : زۇھرە
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ﺷﯩﻨﺨﯘﺍ ﺗﻮﺭﻯ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ. 20 ﻳﯩﻞ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﯩﺴﭙﺎﻧﯩﻴﻪ A ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﭘﯘﺗﺒﻮﻝ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﯩﺴﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻳﺪﺍﻥ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺪﻩ ﺋﯘﺗﻘﺎﻧﺪﺍ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻧﻮﻣﯘﺭﻧﻰ ﺋﯜﭺ ﻧﻮﻣﯘﺭﻏﺎ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﺘﻰ. ﺋﯩﺴﭙﺎﻧﯩﻴﻪ «ﻣﺎﻛﺎ» ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ ﻣﯘﺷﯘ 20 ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﻪ ﭘﻪﺳﻠﯩﺪﻩ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺟﯘﻏﻼﻧﻤﺎ ﻧﻮﻣﯘﺭ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﻨﻰ ﺳﯩﺘﺎﺗﯩﺴﺘﯩﻜﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ. ﮔﻪﺭﭼﻪ، «ﺑﺎﺭﺳﯧﻠﻮﻧﺎ» ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺴﻰ ﺑﯘ ﭘﻪﺳﯩﻠﻠﯩﻚ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺪﻩ ﭼﯧﻤﭙﯩﻴﻮﻧﻠﯘﻗﻨﻰ ﻗﻮﻟﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺑﻪﺵ ﻧﻮﻣﯘﺭ ﺋﯜﺳﺘﯜﻧﻠﯜﻙ ﺑﯩﻠﻪﻥ «ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﺎﺩﺭﯨﺪ» ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ.
    ﺑﯘ 20 ﻳﯩﻠﺪﯨﻜﻰ 760 ﻣﻪﻳﺪﺍﻥ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺪﻩ، ﺋﻪﯓ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻧﻮﻣﯘﺭ 2260 ﻧﻮﻣﯘﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. «ﺑﺎﺭﺳﯧﻠﻮﻧﺎ» ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺴﻰ ﺟﻪﻣﺌﯩﻲ 1616 ﻧﻮﻣﯘﺭﻏﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﭗ، ﺋﯩﺴﭙﺎﻧﯩﻴﻪ A ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﭘﯘﺗﺒﻮﻝ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﻪ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺗﯩﺰﯨﻠﻐﺎﻥ. «ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﺎﺩﺭﯨﺪ» ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺴﻰ 1611 ﻧﻮﻣﯘﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﻐﺎ، «ﯞﺍﻟﯧﻨﺴﯩﻴﺎ» ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺴﻰ 1249 ﻧﻮﻣﯘﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﻐﺎ ﺗﯩﺰﯨﻠﻐﺎﻥ. ﺗﯚﺗﯩﻨﭽﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﻐﺎ ﺗﯩﺰﯨﻠﻐﯩﻨﻰ «ﻣﺎﺩﺭﯨﺪ ﺭﯨﻘﺎﺑﻪﺕ» ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ، ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯩﺴﭙﺎﻧﯩﻴﻪ A ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﭘﯘﺗﺒﻮﻝ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﻪ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺴﯩﮕﻪ 18 ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﭗ 1068 ﻧﻮﻣﯘﺭ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ.
    ﺑﻪﺷﯩﻨﭽﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﯨﻦ ﺋﻮﻧﯩﻨﭽﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﻐﯩﭽﻪ ﺗﯩﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﻼﺭ: «ﺑﯧﻠﺒﺎﯞ ﺭﯨﻘﺎﺑﻪﺕ» ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺴﻰ، «ﺳﯧﯟﯨﻠﻼ» ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺴﻰ، «ﯞﯨﻠﻼﺭﯦﺌﺎﻝ» ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺴﻰ، «ﻻﻛﺮﯗﻧﯩﻴﺎ» ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺴﻰ، «ﺋﯩﺴﭙﺎﻧﯩﻴﻪﻟﯩﻜﻠﻪﺭ» ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺴﻰ، «ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ» ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺴﻰ.
    ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ 20 ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﻪ ﭘﻪﺳﻠﯩﺪﻩ، «ﺑﺎﺭﺳﯧﻠﻮﻧﺎ» ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺴﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﻧﯩﻴﻪ A ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﭘﯘﺗﺒﻮﻝ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﻪ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺴﯩﺪﻩ 10 ﻗﯧﺘﯩﻢ ﭼﯧﻤﭙﯩﻴﻮﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. «ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﺎﺩﺭﯨﺪ» ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺴﻰ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﻗﯧﺘﯩﻢ، «ﯞﺍﻟﯧﻨﺴﯩﻴﺎ» ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺴﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ، «ﻻﻛﺮﯗﻧﯩﻴﺎ» ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺴﻰ ﯞﻩ «ﻣﺎﺩﺭﯨﺪ ﺭﯨﻘﺎﺑﻪﺕ» ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺴﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﭼﯧﻤﭙﯩﻴﻮﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ.

    « شىنخۇا ئاگېنتلىقى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى