• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    7- نۆۋەتلىك شىمالىي شىنجاڭ رايونىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى

    مەنبە : uyghur.xjdaily.com
    يوللانغان ۋاقىت : 12:14 30-05-2017
    تەھرىر : زۇھرە
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يۇغۇرما تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتايلى ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرەيلى
    7- نۆۋەتلىك شىمالىي شىنجاڭ رايونىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى مۇھاكىمە
    يىغىنى ئېچىلدى

    يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى 2017- يىللىق 7- نۆۋەتلىك شىمالىي شىنجاڭ رايونىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى مۇھاكىمە يىغىنى 5- ئاينىڭ 27- كۈنى قاراماي شەھىرىدە ئېچىلدى. يىغىن ئىشتىراكچىلىرى «دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ بىڭتۈەن- يەرلىك- نېفىتلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇلۇشىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرۈش» باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، رايون يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى بەلگىلەپ، رايونلار ئارا كارخانىلار ھەمكارلىقى توغرىسىدا مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىپ، ھەرقايسى ساھەلەردە ئورتاق تونۇش ۋە بىر قاتار ھەمكارلىق مۇددىئانامىسى ھاسىل قىلدى.

    قاراماي شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جاۋ ۋېنچۈەن مۇنداق دېدى: «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى شىنجاڭ ئىقتىسادىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ، رايون يۇغۇرما تەرەققىياتىغا يېڭى ئېنېرگىيە قوشتى، رايون يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش − «بىر شەھەر، ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاست، بەش شى»دىكى ھەر قايسى تەرەپنىڭ ئىقتىسادنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە ماسلىشىپ، ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئورتاق ئەمەلىيلەشتۈرۈش يولىدىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تاللىشى. مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئىجابىي رولىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، بۇ نۆۋەتلىك مۇھاكىمە يىغىنىدا قاراماي شەھىرى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، ئالتاي ۋىلايىتى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، بىڭتۈەن 5 -، 7 -، 8 -، 9 -، 10- شىسىدىن ئىبارەت «بىر شەھەر، ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاست، بەش شى» ئاساسىدا، تۇرپان شەھىرى، كۈيتۈن شەھىرى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق جايلارمۇ كۆزەتكۈچى ئورۇن سۈپىتىدە تەكلىپ قىلىنىپ، رايون يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ مەزمۇنى تېخىمۇ بېيىتىلدى، قۇرۇلما تېخىمۇ سەرخىللاشتۇرۇلدى.

    تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىدا تاشقى ئىقتىساد- سودا، يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتى، ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق بىرلەشتۈرۈش، ساياھەت كەسپى ئارقىلىق ھەمتۈرتكە بولۇش، مائارىپ- داۋالاش ھەمكارلىقى، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، يېڭىچە شەھەرلەشتۈرۈش قاتارلىقلار چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىنىپ، رايوننىڭ مۇقىم تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش، بىڭتۈەن - يەرلىك - نېفىتلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش نەزەرىيە تىرىكىگە ئىگە قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تارماقلار ۋە كارخانىلار كېڭىشىش ئارقىلىق بىر قاتار ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى ھاسىل قىلىپ، نېفىتلىك ئېچىش، ساياھەت، پەن- تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدىغان ھەمكارلىق كېلىشىمىدىن 20نى ئىمزالاپ، رايون ئىچىدىكى ھەر قايسى تەرەپنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشقان.

    « شىنجاڭ گىزىتى» دىن ئېلىندى

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى