• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ئىتتىپاقلىشىپ، «ئۈچ خىل كۈچ» كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلايلى

    مەنبە : uyghur.xjdaily.com
    يوللانغان ۋاقىت : 19:44 20-04-2017
    تەھرىر : مىرزات
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

     مەن شۇنى كېسىپ ئېيتالايمەنكى، ئۇيغۇر كادىرلار ۋە ئامما شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىناق ۋە بەختلىك تۇرمۇشىنىڭ پارتىيەنىڭ توغرا رەھبەرلىكى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىدىن ئايرىلالمايدىغانلىقىنى ئىنتايىن ئېنىق بىلىدۇ. مېنىڭ سورىماقچى بولغىنىم: مۇشۇنداق ئەھۋالدا، ئارىمىزدىكى بەزى كىشىلەر يەنە نېمىشقا ناھايىتى ئاسانلا «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ قايمۇقتۇرۇشىغا ئۇچرايدۇ؟ نېمىشقا بەزى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلىرىمىز چوڭ ھەق - چوڭ ناھەق ئالدىدا مەيدانى مۇستەھكەم بولماي، ھەتتا «ئىككى يۈزلىمىچى» بولۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نى يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا قوللايدۇ؟ نېمە ئۈچۈن بەزى ئۇيغۇر زىيالىيلار تارىخقا توغرا قارىيالمايدۇ؟ نېمە ئۈچۈن بەزىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ «ئۈچ خىل كۈچ» تەرىپىدىن ئىسكەنجىگە ئېلىنىپ، زامانىۋى مەدەنىيەتتىن بارغانسېرى يىراقلىشىشىغا قاراپ تۇرىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن بەزى ئۇيغۇرلىرىمىز مىننەتدار بولۇش، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشتەك ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى يوقىتىپ قويىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن چوڭ ھەق - چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىنى پەرقلەندۈرەلمەيدۇ؟ نېمە ئۈچۈن مەدەنىيەت ۋە تەرەققىياتقا ئىنتىلمەيدۇ؟

      ئۇيغۇر خەلقى تەڭ ھەرىكەتكە كېلىپ، جەمئىيەتتە كۈچلۈك «ئويغىنىش» دولقۇنى قوزغاپ، ئەستايىدىل ئويلىنىپ، چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ، تارىخقا ھۆرمەت قىلىپ، ئىلىم - پەننى قەدىرلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغداپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

      بىز ئۇيغۇرلار ئالدى بىلەن ۋەتەننىڭ پەرزەنتى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقراسى. شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، ئۇلۇغ ۋەتەننى تونۇش بىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتىمىز ۋە مەسئۇلىيىتىمىز.

      شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ھەر مىللەت خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، ئۇلارنى بەختلىك، خاتىرجەم بولغان سوتسىيالىزم يولىغا باشلىغان. بۇ تارىخىي ۋە رېئال تاللاش. ئاتالمىش زوراۋانلىق، تېررورلۇق شەكلى ئارقىلىق جەننەتكە كىرىش سەپسەتىسى پۈتۈنلەي ئىنسانىيەتكە ۋە مەدەنىيلىككە قارشى جىنايى قىلمىش!

      شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، مىللەتلەر ئىتتىپاق بولمىسا بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇشمۇ بولمايدۇ. بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەتنىڭ شەكىللىنىشى ۋە قۇرۇلۇشى تارىخىي ۋە رېئال تاللاش، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ۋەتەننى پارچىلاشتەك جىنايى سۇيىقەستى ھەرگىز ئەمەلگە ئاشمايدۇ!

      شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ماھىيەتتە زامانغا لايىقلاشقان مەدەنىيەت بولۇپ، قانداقتۇر مەلۇم بىر ئالاھىدە دىننىڭ مەدەنىيەت ئىپادىسى ئەمەس، ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى مەلۇم دىنغا باغلاپ چۈشەندۈرىدىغان ئاشۇ سەپسەتىلەر تارىخ ۋە ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، بۇنداق قىلىش ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى چاكىنىلاشتۇرغانلىق.

      شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، ھەرقانداق پۇقرا، مەيلى سىز قايسى مىللەتكە تەۋە بولۇڭ، دىنغا ئېتىقاد قىلىش ياكى دىنغا ئېتىقاد قىلماسلىق ئەركىنلىكىڭىز بولىدۇ. ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ پۇقرالارنى دىنغا ئېتىقاد قىلىشقا مەجبۇرلاش ھوقۇقى يوق، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ياكى ئېتىقاد قىلمايدىغان پۇقرالارنى كەمسىتىشىگە بولمايدۇ. بىز مەردانىلىك بىلەن ئىلىم - پەننى قەدىرلەپ، نادانلىقتىن يىراق تۇرۇشىمىز كېرەك.

      مەن شۇنداق مۇراجىئەت قىلىمەنكى: «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ جىنايى قىلمىشى ئالدىدا، بىز ئۇيغۇرلار مەيلى پارتىيەلىك كادىر ياكى ئامما بولايلى، سودىگەر ياكى زىيالىي بولايلى، دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى ياكى ئاتېئىزمچى بولايلى، دۆلەت ئىچىدە ياكى چەت ئەلدە بولايلى، ھەممىمىز قەتئىيلىك بىلەن قىلچە ئىككىلەنمەي ئوتتۇرىغا چىقىپ، ۋەتىنىمىز، ھازىرقى بەختىيار كۈنلىرىمىز ۋە تېخىمۇ گۈزەل ئەتىمىز ئۈچۈن «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى