• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    نىسسان يىڭىچە چىجۈن ئاپتوموبىلى شىنجاڭدا بازارغا سېلىندى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 18:06 12-04-2017
    تەھرىر : زۇھرە
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    4– ئاينىڭ 12–كۈنى، شەرق شامىلى نىسساننىڭ يېڭىSUV– يېڭىچە چى جۈن ئاپتوموبىلى خۇڭگۇاڭشەندىكى ئاپتوموبىل كۈرگەزمە مەركىزىدە بازارغا سېلىنغانلىقىنى ئىلان قىلدى.

    ئورگان بىلوگىدىكى يېتەكچى باھاسى188مىڭ 800 يۈەندىن268مىڭ 800 يۈەن ئەتراپىدا ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، چىجۈن كلاسسىك MT ئاپتوموبىلىمۇ تەڭلا بازارغا سېلىنغان، ئورگان بىلوگىدىكى يېتەكچى باھاسى 179 مىڭ 800 يۈەن ئىكەن. شەرق شامىلى نىسسان سىرلىق لوپنۇر كۆلى ئادەمسىز رايوندا ئۇزۇنلۇقى بەش كۈنلۈك كېسىپ ئۆتۈش سەپىرى ئىلىپ بىرىپ، بۇ خىل ئاپتوموبىلنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى، ئاپتوموبىلنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە سېھرىي كۈچىنى سىنىغان.


    قانداقلا بولمىسۇن ھەر بىرSUV ئاپتوموبىلىنىڭ ھەممىسى رىۋايەت قىلىنىپSUV دەپ ئاتالغان، شۇنداق دېيىشكە بولىدىكى، يېڭىچە چىجۈن ئاپتوموبىلى بولسا شەرق شامىلى نىسسان ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئىچىدىكى بىر يۈرۈشSUV ساھەسىدە ئىستراتېگىيەلىك ئورۇندىكى مەھسۇلات، شۇنداقلا مۇكەممەل ھالدا ماركا، پەن - تېخنىكا ، مەدەنىيەت، ئىدىيە، ۋە سۈپەت قاتارلىقلارغا ۋارىسلىق قىلغان ئاپتوموبىل؛ يەنە بىر تەرەپتىن، بۇ كەسپىتىكى ئۈلگە دېيىشكە بولىدۇ، ئىستېمالچىلارغا ئەلا سۈپەتلىك «گېن »نى يەتكۈزدى، شۇ ئارقىلىق ئېغىر بازار ئەندىزىسى قىياپىتىدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ، قالتىس كۈچىنى ئىسپاتلاپ بەردى. مۇشۇنداق بولغاندىلا ئاندىن ماركا ئۈستىگە سېتىلىش مىقدارىنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت قوش نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
    ‹ئۈچ خىل تەرەققىيات، بىر خىل ۋارىسلىق قىلىش›SUVنىڭ تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىيەسى
    ھازىر، شەھەردىكىSUV ئىستېمالچىلىرىنىڭ ئېھتىياجى بارغانسېرى كۆپ خىللاشتى، شەرق شامىلى نىسسان ۋارىسلىق قىلىش بىلەن بىللە تەرەققىيات ئىدىيەسى دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ ماڭدى، SUV نىڭ ئىستېمال ئېقىمى ۋە يۈزلىنىشى چوڭقۇر كۆزىتىپ، ئىستىمالچىلارنىڭ ئىھتىياجىنى قاندۇردىغان ئاپتوموبىللارنى ياساپ چىقىپ بازارغا سېلىۋاتىدۇ.
    شەكىل، ئىقتىدارى ۋە پەن - تېخنىكا قاتلىمىدىكى ئۈچ تۈرلۈك ئېغىر تىپلىق تەرەققىياتىغا تاينىپ ھەمدە ئۇنىڭ چىجۈن ماركىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە دالىدىكى ئەمەلىي كۈچى تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ مۇكەممەل ھالدا SUV نىڭ شەھەردىكى تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىيەسىنى ئەكس ئەتتۈرگەن.

    يىڭىچە چىجۈن نىسسان ئاپتوموبىلى يېڭى بىر ئەۋلاد جەمەت لايىھەسى ئاساسىدا ياسالغان بۇلۇپ، تېخىمۇ كۈچ سېزىمىغا ئىگە يېڭىچە V–Motionجەمەتىنىڭ ئالدى يۈزى لايىھەسى، ئۆزگىچە ئالدى - كەينىدە LED بىرىكمە چىراغ نۇرى لايىھەسى بار بۇلۇپ، يەنە تەڭ دەرىجىلىك ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان 19 دىيۇملۇق قىرىش شەكىللىك ھەرىكەتچان چاق سەپلەنگەن، چاققان ئاپتوموبىل گەۋدىسى ۋە كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان كۈچى بار. بۇنىڭدىن سىرت، يېڭىچە چىجۈن ئاپتوموبىلىغا يەنە يېڭىدىن كۆكرەڭ، قىزغۇچ سېرىق، كەھرىۋا ئالتۇن رەڭ ، قىزىل ياقۇت رەڭ قاتارلىق تۆت خىل ئاپتوموبىل رەڭ ئىستېمالچىلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ خىللاشقان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ۋە گۈزەللىك قارىشى ئۈچۈن ياسالغان. يېڭىدىن قۇشۇلغان قوڭۇر رەڭلىك ئىچكى بېزەك ۋە يېپيېڭىD تىپلىق كۆپ ئىقتىدارلىق رولغا مۇكەممەل ھالدا يۇقىرى سۈپەتلىك تۇيغۇ ۋە ھەرىكەت تۇيغۇسى بىرلەشتۈرۈلگەن؛ سېرىق كالا تېرىسىدىن تىكىلگەن راھەت ئورۇندۇق ۋە ھەر خىل بىر تەرەپ قىلىش قىسمىلىرى قاتارلىق جەھەتلەردە ناھايتى تۈجۈپىلەپ ئىشلەنگەن.
    ئەسلىدىكى بەش كىشلىك ئاپتوموبىل ئاساسىدا، يېڭىچە چىجۈن بىر قېتىملىق ئاساسىي ئېقىمSUV نىڭ يېڭى سىنىقىنى ئىلىپ بارغان، يەنى يەتتە كىشلىك ئاپتوموبىل نۇسىخسىنى بازارغا سىلىپ، ئىستېمالچىلارغا كۆپ خىل تاللاش پۇرسىتىنى يارىتىپ بەرگەن. يەنە قوشۇمچە ئۆزگىرىشچان شەكىللىك يۈك ساندۇقى لايىھەسى بار ئىكەن. بۇنداق ئۈزگىچە لايىھەلەر بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ كۈڭۈللۈك ساياھەت قىلىش ئېھتىياجىنى ھەل قىلىپ بىرىدىكەن.

    بىز شۇنى بايقايمىزكى، يېڭىچە چىجۈن ئاپتوموبىلى ئەسلىدىكى پەن - تېخنىكا سەپلىمىلىرى ئاساسىدا، يېڭىدىن سەككىز تۈرنى ئوموميۈزلۈك يېڭىلاپ ئەقلىي ئىقتىدارلىق پەن - تېخنىكىلارنى سەپلىگەن: بۇ ئىقتىدارلار ICC ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۆزلۈكىدىن ماسلىشىدىغان چارلاش سىستېمىسى، ILI ماشىنا يانداش ئەقلىي ئىقتىدارلىق تۈزىتىش سىستىمىسى، IEB ئالدىن سوقۇلۇش ئەقلىي ئىقتىدارلىق تورمۇز سىستېمىسى، EAPM ماينى خاتا دەسسىگەندە ئەقلىي ئىقتىدارلىق قوشۇمچە تورمۇز قىلىش سىستېمىسى، CTA ئاپتوموبىلنى كەينىگە ياندۇرغاندا ئاگاھلاندۇرۇش بىرىش سىستېمىسى، ISS ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاپتوماتىك قوزغىتىش - توختىتىش سىستېمىسى، EPB ئېلېكترونلۇق قول تورمۇز سىستېمىسى ۋە CarPlay ئىقتىدارىغا ئىگە ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېفۇنغا ئۇلاش سىسىتېمىسىدىن ئىبارەت.

    دالىدا يۈرۈش خۇسۇسىيى ئۆزگەرمەيدۇ
    نۇرغۇن SUV لار شەھەردە ھەيدەيدىغان تىپلىرىغا ئەھمىيەت بىرىۋاتىدۇ، لېكىن يىڭىچە چىجۈن يەنىلا ئۇنىڭ دالىدا يۈرۈش خىسلىتىدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، كەسپىي دەرىجىلىك دالىدا يۈرۈش ئىقتىدارىغا تاينىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ قانغۇچە ئەركىن يۈرىدىغان خاراكتېرى، ۋاقىت، چاق قاتارلىقلارغا ئەھمىيەت بىرىپ، دالىنى بويسۇندۇرۇشتىكى گۈزەل ئەسلىمىلىرىنى قالدۇرۇپ كىلىۋاتىدۇ.
    بۈگۈنكى كۈندە، يېڭىچە چىجۈن شەرق شامىلى نىسسان ئاپتوموبىلىنىڭ Young Nissan3.0 ئەسىردىكى تۇنجى ئەسىرى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆزىنىڭ « ئۈچ خىل تەرەققىيات، بىر خىل ۋارىسلىق»غا تاينىپ مەھسۇلاتنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى تەرەققى قىلدۇرغان ھالدا مەيدانغا چىقتى، مۇكەممەل « تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىيەسى »دە مۇقەررەر ھالدا يېتەكچى بۇلۇپ، يېڭى دەۋرگە يۈزلەندى.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى