• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    شى جىنپىڭ فىنلاندىيە زۇڭتۇڭى نىنىستو بىلەن سۆھبەتلەشتى

    مەنبە : uyghur.xjdaily.com
    يوللانغان ۋاقىت : 16:57 06-04-2017
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 4-ئاينىڭ 5-كۈنى خېلسىنكىدا فىنلاندىيە زۇڭتۇڭى نىنىستو بىلەن سۆھبەتلەشتى. سۆھبەتتىن ئىلگىرى شى جىنپىڭ نىنىستو زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى قورۇسىدا ئۆتكۈزگەن داغدۇغىلىق قارشى ئېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.(شىنخۇا ئاگېنتلىقى)


      شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خېلسىنكى، 5-ئاپرېل تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 4-ئاينىڭ 5-كۈنى خېلسىنكىدا فىنلاندىيە زۇڭتۇڭى نىنىستو بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى جۇڭگو-فىنلاندىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 67 يىلدىن بۇيانقى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن زور يۈكسىلىشلەرگە ئىجابىي باھا بەردى، جۇڭگو بىلەن فىنلاندىيەنىڭ كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن يېڭىچە ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىدىغانلىقىنى ئورتاق جاكارلىدى، ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت ئاتا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

      شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن فىنلاندىيە بىر-بىرىنى ھۆرمەتلەيدىغان، باراۋەر مۇئامىلە قىلىشىدىغان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھ. ئىككى دۆلەت خەلقلىرى باشتىن-ئاخىر دوستانە ئۆتمەكتە. فىنلاندىيە خەلقى يېڭى 100 يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسىگە ئاتلانماقتا، جۇڭگو خەلقىمۇ «ئىككى 100 يىل» كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىغا يېتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلماقتا. جۇڭگو بىلەن فىنلاندىيەنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجى جەھەتتىكى ماسلىشىشچانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك. ئىككى تەرەپ ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكى ۋە يىراق كەلگۈسى نۇقتىسىدىن تۇرۇپ، جۇڭگو-فىنلاندىيە مۇناسىۋىتىنىڭ توغرا تەرەققىيات يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، ئۈستۈنلۈك ئارقىلىق بىر-بىرىنى تولۇقلاپ، ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات يوللىرىدا بىر-بىرىنى قوللىشى كېرەك.

      شى جىنپىڭ نىنىستوغا جۇڭگونىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋەزىيىتى ۋە تەرەققىيات ئىستىقبالىنى تونۇشتۇردى.

      نىنىستو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ فىنلاندىيە مۇستەقىل بولغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىدا فىنلاندىيەگە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالىمىز. فىنلاندىيە جۇڭگونىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرى ۋە جۇڭگونىڭ خەلقئارا ئىشلاردىكى مۇھىم رولىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ يۇقىرى قاتلام ۋە ھەر قايسى ساھەدىكى ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىقتىساد-سودا، مەبلەغ سېلىش، يېڭىلىق يارىتىش، مۇھىت ئاسراش، ساياھەت، قىشلىق تەنھەرىكەت، شىمالىي قۇتۇپ ئىشلىرى قاتارلىق ساھەلەر ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول» رامكىسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۇھىم خەلقئارا مەسىلىلەردىكى ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگو بىلەن تېخىمۇ زىچ ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

      ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى جۇڭگو بىلەن فىنلاندىيەنىڭ كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن يېڭىچە ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرۈشنى بىردەك قارار قىلدى. ئىككى تەرەپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تېخىمۇ ئالدىن كۆرەرلىك، ئىستراتېگىيەلىك، دەۋر خاراكتېرىگە ئىگە جۇڭگو-فىنلاندىيە مۇناسىۋىتى ئورنىتىش ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن.

      ئىككى تەرەپ ئىگىلىك ھوقۇق ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، بىر-بىرىنى ھۆرمەتلەش ۋە باراۋەر مۇئامىلە قىلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم ئىشلىرىغا ئېتىبار بىلەن قاراش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. فىنلاندىيە «بىر جۇڭگو سىياسىتى»نى قەتئىي يولغا قويىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى. ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق جەريانىدا بىر-بىرىنىڭ ھالقىلىق مەنپەئىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

      ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى جۇڭگو-فىنلاندىيە ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى توغرىسىدا ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەت قاتلىمىدا سىياسىي جەھەتتىن يېتەكلەش ۋە ئومۇميۈزلۈك ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئۆزئارا زىيارەت قىلىش سانىنى كۆپەيتىپ، ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى، قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرى، ئەدلىيە ئورگانلىرى، شۇنداقلا ئىككى دۆلەت پارتىيەلىرى ئارىسىدىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە قوشۇلدى.

      ئىككى تەرەپ ئىقتىسادىي تەرەققىيات يىرىك پىلانلىرىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» رامكىسىدا ھەمكارلىشىش توغرىسىدا مۇزاكىرىلىشىپ، ئاسىيا-ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشكە قوشۇلدى. ئۆزئارا مەبلەغ سېلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىككى تەرەپ سودىسىنىڭ تەڭپۇڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئايلانما ئىقتىساد، بايلىقتىن پايدىلىنىش ئۈنۈمدارلىقى، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات، مۇھىت ئاسراش، يېڭىچە بازارلاشتۇرۇش ۋە يېشىل، ئېكولوگىيەلىك، پاراسەتلىك شەھەر قۇرۇلۇشى، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، قاتناش-تىرانسپورت ۋە ئۇچۇر ئالاقىچىلىكى تېخنىكىسى، يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-فىنلاندىيە ئېكولوگىيە باغچىسىنى ئورتاق قۇرۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بولدى.

      ئىككى تەرەپ ئادىمىيەت ئالاقىسىنىڭ شەكلى ۋە مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، ئىككى دۆلەت ئاممىسى، بولۇپمۇ ياشلارنىڭ بىر-بىرىنى چۈشىنىشى ۋە دوستلۇق ھېسسىياتىنى كۈچەيتىپ، تەنتەربىيە، مەدەنىيەت، مائارىپ، ساياھەت، قانۇن ئىدارە قىلىش، جەمئىيەت، مۈشۈكئېيىق ھەمكارلىق تەتقىقاتى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، بېيجىڭنىڭ 2022 - يىللىق قىشلىق ئو ت م نى ئۆتكۈزۈشىنى پۇرسەت، دەپ بىلىپ، قىشلىق تەنھەرىكەت تۈرلىرى ۋە قىشلىق ئو ت م گە تەييارلىق قىلىش جەھەتلەردە ھەمكارلىشىپ، 2019-يىلىنى «جۇڭگو-فىنلاندىيە قىشلىق تەنھەرىكەت يىلى» قىلىپ بېكىتىشكە قوشۇلدى.

      ئىككى تەرەپ خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداپ، دۇنيانى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ تېخىمۇ مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىشچان، ئېچىۋېتىلگەن، ھەمتۈرتكە، سىغدۇرۇشچان دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشقا بىرلىكتە يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنى تۈزەشنى ياخشىلاپ، 2030-يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات كۈنتەرتىپىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ كۆپ تەرەپ مۇساپىسىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، شىمالىي قۇتۇپ ئىشلىرى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە قوشۇلدى.

      ئىككى تەرەپ جۇڭگو بىلەن فىنلاندىيەنىڭ كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن يېڭىچە ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى جۇڭگو-ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تولۇقلىمىسى دەپ قاراپ، جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ تىنچلىق، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش، ئىسلاھات، مەدەنىيەتتىن ئىبارەت تۆت جەھەتتىكى ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشىغا ئورتاق كۈچ چىقىرىپ، «جۇڭگو-ياۋروپا ھەمكارلىقىنىڭ 2020-يىللىق ئىستراتېگىيەلىك يىرىك پىلانى»غا تۈرتكە بولۇپ ۋە ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو-شىمالىي ياۋروپا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قوشۇلدى.

      سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى يېڭىلىق يارىتىش، ئەدلىيە، مۈشۈكئېيىق ھەمكارلىق تەتقىقاتى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججىتىنىڭ ئىمزالىنىشىغا شاھىت بولدى.

      ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى يەنە بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى.

      ئىككى تەرەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ۋە فىنلاندىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن يېڭىچە ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىرلەشمە باياناتى»نى ئېلان قىلدى.

      سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ نىنىستو زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى قورۇسىدا ئۆتكۈزگەن داغدۇغىلىق قارشى ئېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

      شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىگە كېلىپ، نىنىستو ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى خاۋجىئۇنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا مۇيەسسەر بولدى. نىنىستو پېڭ لىيۈەنگە گۈل سوۋغا قىلدى. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى قورۇسىغا كىردى. ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو ۋە فىنلاندىيەنىڭ دۆلەت شېئىرلىرىنى ئورۇنلىدى. شى جىنپىڭ نىنىستونىڭ ھەمراھلىقىدا ھۆرمەت قاراۋۇلىنى كۆزدىن كەچۈردى. شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن فىنلاندىيەنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى. نىنىستو ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى جۇڭگو تەرەپنىڭ ھەمراھ بولۇپ كەلگەن خادىملىرى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى. قارشى ئېلىش مۇراسىمىدىن كېيىن، شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن نىنىستو ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى بىلەن ئۆزئارا ئەھۋال سوراشتى ھەم خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

      ۋاڭ خۇنىڭ، ۋاڭ ياڭ، لى جەنشۇ، ياڭ جيېچى قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

      شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خېلسىنكى، 5-ئاپرېل تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 4-ئاينىڭ 5-كۈنى خېلسىنكىدا فىنلاندىيە زۇڭلىسى سىبيلې بىلەن كۆرۈشتى.

      شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن فىنلاندىيەنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇق مۇناسىۋىتى بار. ئىككى دۆلەت سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزئارا ئىشىنىپ، ئىقتىساد جەھەتتە ئۆزئارا تولۇقلاپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، مەدەنىيەت جەھەتتە ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ئۆرنەك قىلىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى مۇقىم، ئوڭۇشلۇق تەرەققىي قىلدۇردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ يۇقىرى قاتلام ئالاقىسى كۆپەيدى، ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرى موللاشتى، ئادىمىيەت ئالاقىسى جانلاندى، ئىككى تەرەپ خەلقئارا ئىشلاردا ياخشى ئالاقىنى ساقلىدى. جۇڭگو بىلەن فىنلاندىيەنىڭ تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە ئىستراتېگىيەسى يۈكسەك ماس كېلىدۇ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىش ئىستىقبالى زور. جۇڭگو فىنلاندىيە بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئېنېرگىيە تېجەپ، مۇھىت ئاسراش، شىمالىي قۇتۇپ ئىشلىرى، ساياھەت، تەنتەربىيە قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

      شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئاستا بولۇۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشۈشى ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلىدى. ھازىر جۇڭگو تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇۋاتىدۇ. بىزنىڭ ئىقتىسادنىڭ داۋاملىق سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ساقلاپ، فىنلاندىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرگە تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت يارىتىشقا، تېخىمۇ كۆپ مەنپەئەت يەتكۈزۈشكە ئىشەنچىمىز ۋە ئىقتىدارىمىز بار.

      شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ياۋروپانىڭ تەرەققىياتى دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىغا پايدىلىق. جۇڭگو ياۋروپانىڭ گۈللىنىشى، مۇقىم بولۇشى ۋە ئېچىۋېتىلىشىنى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. فىنلاندىيەنىڭ جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تېخىمۇ ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. فىنلاندىيە شىمالىي ياۋروپا كېڭىشىنىڭ بۇ يىللىق نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى، جۇڭگو فىنلاندىيە بىلەن جۇڭگو-شىمالىي ياۋروپا ھەمكارلىقىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

      سىبيلې مۇنۇلارنى بىلدۈردى: فىنلاندىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى كىشىنى رازى قىلىدۇ. فىنلاندىيە جۇڭگونىڭ دۇنيا ئىشلىرىدا ئوينىغان ئاكتىپ رولىغا قايىل، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يىل بېشىدىكى داۋوس دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ يىللىق يىغىنىدا سۆزلىگەن مۇھىم نۇتقىغا يۈكسەك باھا بېرىدۇ. فىنلاندىيە جۇڭگو بىلەن مەبلەغ سېلىش، مۇھىت ۋە پاكىز تېخنىكا، ساياھەتچىلىك، قىشلىق تەنھەرىكەت، مائارىپ، شىمالىي قۇتۇپ ئىشلىرى قاتارلىق ساھەلەر ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول» رامكىسىدىكى ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىشنى خالايدۇ. فىنلاندىيە ياۋروپا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قوللايدۇ، شىمالىي ياۋروپادىكى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

      ۋاڭ خۇنىڭ، ۋاڭ ياڭ، لى جەنشۇ، ياڭ جيېچى قاتارلىق كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

      شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خېلسىنكى، 5-ئاپرېل تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 4-ئاينىڭ 5-كۈنى خېلسىنكىدا فىنلاندىيە پارلامېنت باشلىقى لوخېلا بىلەن كۆرۈشتى.

      شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: فىنلاندىيە مەيلى يېڭى جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشتا ياكى جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا بولسۇن، غەرب دۆلەتلىرى ئىچىدە ئالدىدا ماڭدى. ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، باراۋەر مۇئامىلىدە بولدى، جۇڭگو-فىنلاندىيە مۇناسىۋىتى باشتىن-ئاخىر مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلدى. ھازىر جۇڭگو-فىنلاندىيە مۇناسىۋىتى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىش «تېز يولى»غا كىردى. ئىككى دۆلەت يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەرنىڭ زىچ ئالاقىسى، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقتا بىر-بىرىنى تولۇقلاپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزدى، ئادىمىيەت ئالاقىسى مول مەزمۇنلۇق بولدى، خەلق ئارىسىدىكى دوستلۇق كۈنسايىن چوڭقۇرلاشتى. جۇڭگو جۇڭگو-فىنلاندىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، فىنلاندىيە بىلەن بىللە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى بالداققا كۆتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

      شى جىنپىڭ پارلامېنت باشلىقى لوخېلانىڭ ئىككى دۆلەت قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئالاقىسىنى ئاكتىپ ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنى تەرىپلىدى، فىنلاندىيە پارلامېنتىنىڭ جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن ئەڭ بالدۇر دوستانە ئالاقىنى قانات يايدۇرغان غەرب دۆلەتلىرى پارلامېنتلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىككى دۆلەت قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئالاقە باغلىغىنىغا بۇلتۇر 60 يىل بولدى. ئۇزاقتىن بۇيان قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ھەمكارلىقى جۇڭگو-فىنلاندىيە مۇناسىۋىتىدە مۇھىم رول ئوينىدى. جۇڭگو ئىككى دۆلەت قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ھازىرقى ھەمكارلىق مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى، ئىجتىمائىي ۋە ئەلرايى ئاساسىنى پۇختىلاش ئۈچۈن ئاكتىپ تۆھپە قوشۇشىنى قوللايدۇ. ئىككى تەرەپ ھەر قايسى قاتلاملارنىڭ ئالاقىسىنى كۆپەيتىپ، تېخىمۇ ئاكتىپ، شەكلى كۆپ خىل بولغان ئالاقە، ھەمتۈرتكىنى قانات يايدۇرۇپ، پارلامېنت ئەزالىرى، بولۇپمۇ ياش پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك. «دوستانە شەھەر» سۇپىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ يەرلىك ئالاقىسى ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى، خەلق ئارىسىدىكى دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو-شىمالىي ياۋروپا ھەمكارلىقى جۇڭگو-فىنلاندىيە، جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم تولۇقلىمىسى ۋە تەركىبىي قىسمى. فىنلاندىيەنىڭ جۇڭگو-شىمالىي ياۋروپا ھەمكارلىقىغا داۋاملىق ئاكتىپ قاتنىشىشىنى ۋە جۇڭگو-شىمالىي ياۋروپا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

      لوخېلا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: فىنلاندىيە پارلامېنتى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ فىنلاندىيەدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ ۋە ئۇنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ. فىنلاندىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى فىنلاندىيەلىكلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ دوستلۇقى چوڭقۇر. فىنلاندىيە جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىگە قايىل، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى فىنلاندىيە ئۈچۈن پۇرسەت، دەپ قارايدۇ، جۇڭگو بىلەن ئىقتىساد-سودا، مەدەنىيەت، قىشلىق تەنھەرىكەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ۋە خەلقئارا ئىشلاردىكى ئالاقە، ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. فىنلاندىيە پارلامېنتى بىلەن جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 60 نەچچە يىللىق دوستانە ئالاقىسى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئاكتىپ تۆھپە قوشتى. فىنلاندىيە پارلامېنتى جۇڭگونىڭ قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى، بولۇپمۇ ئىككى دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرىدىكى ياش خادىملارنىڭ ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

      ۋاڭ خۇنىڭ، ۋاڭ ياڭ، لى جەنشۇ، ياڭ جيېچى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى