• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ئۈرۈمچىدە 92-نومۇرلۇق بېزىننىڭ باھاسى چۈشىدۇ

    مەنبە : uy.ts.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 20:40 15-03-2017
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    شىنجاڭ تورى خەۋىرى: 15-مارت سائەت نۆلدىن باشلاپ بېنزىننىڭ باھاسى بۇ يىل ئىچىدىكى 2-قېتىملىق تۆۋەنلەش مەزگىلىنى كۈتۈۋالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۈرۈمچىدە 92-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ ھەر لىتىرىنىڭ باھاسى 0.07 يۈەن چۈشۈپ 6.33 يۈەن بولىدۇ.

    نۆۋەتتە، دۆلەت ئىچىدىكى تەييار ماي باھاسىنى بېكتىش مېخانىزىمىدا «10 خىزمەت كۈنىدە بىر تەڭشەش» پىرىنسىپى قوللىنىلغان بولۇپ، بۇ قېتىم ماي باھاسىنىڭ تەڭشىلىشى يىل ئىچىدىكى 5-قېتىملىق تەڭشەش ئىكەن. تۈنۈگۈن، دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئورگان مىكروبلوگىدا 15-مارت سائەت نۆلدىن باشلاپ بېنزىن، دىزېل مېيىنىڭ ھەر توننىسىنىڭ باھاسى 85 يۈەن چۈشىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان.

    باھا تەڭشەلگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچىدە پارچە سېتىلىدىغان ماي باھالىرى ئايرىم ھالدا: 92-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ ھەر لىتىرىنىڭ باھاسى 6.33 يۈەن؛ 95-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ ھەر لىتىرىنىڭ باھاسى 6.81 يۈەن؛ 98-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ ھەر لىتىرىنىڭ باھاسى 7.65 يۈەن؛ 0-نومۇرلۇق دىزېل مېيىنىڭ ھەر لىتىرىنىڭ باھاسى 5.91 يۈەن؛ (20-)-نومۇرلۇق دىزېل مېيىنىڭ ھەر لىتىرىنىڭ باھاسى 6.45 يۈەن؛ (35-)-نومۇرلۇق دىزېل مېيىنىڭ ھەر لىتىرىنىڭ باھاسى 6.59 يۈەن بولىدىكەن.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى