• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»غا قاتنىشىۋاتقان ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىل، ئەزالار بېيجىڭدا چاي ئۆتكۈزدى

    مەنبە : uyghur.xjdaily.com
    يوللانغان ۋاقىت : 18:21 12-03-2017
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>



     ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مىللەتلەر كومىتېتى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش مىللەت ۋە دىن كومىتېتى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى كەچتە «خەلق» سارىيىدا چاي ئۆتكۈزدى، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى قاتارلىقلار 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنى ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 5-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىل، ئەزالار بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ، مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»نىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلغانلىقىنى ئورتاق تەبرىكلىدى، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللەپ راۋاجلىنىشىغا ئورتاق تىلەكداشلىق بىلدۈردى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈزەل كەلگۈسى توغرىسىدا ئورتاق كېڭەشتى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى)
    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11-مارت تېلېگراممىسى. جۇڭخۇا مىللىتى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىتتىپاقلىشىپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى بىرلىكتە روياپقا چىقارغۇسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مىللەتلەر كومىتېتى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش مىللەت ۋە دىن كومىتېتى 3- ئاينىڭ 11- كۈنى كەچتە، «خەلق» سارىيىدا چاي ئۆتكۈزدى، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى قاتارلىقلار 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىللەر ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 12- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 5- يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئاز سانلىق مىللەت ئەزالار بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ، مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»نىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلغانلىقىنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللەپ ياشنىشىغا ئورتاق تىلەكداشلىق بىلدۈردى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈزەل كەلگۈسى توغرىسىدا ئورتاق كېڭەشتى.
     پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مىللەتلەر خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە مىللىي رايونلارنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك كۆڭۈل بۆلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم مىللىي رايونلارنى كۆزدىن كەچۈرۈپ ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ ھال- ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، مىللەتلەر خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مىللىي رايونلار پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇپ، ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتتا يېڭى قەدەم بېسىپ، يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.
      «خەلق» سارىيىنىڭ زىياپەت زالىدا چىراغلار چاقناپ، كۈلكە سادالىرى ياڭراپ، قىزغىن تەنتەنىگە چۆمگەنىدى. لەرزان مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى سائەت 19دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە زالغا كىردى، ئۇلارنىڭ كىرىشى بىلەن يىغىن زالىدا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى. شى جىنپىڭ قاتارلىق رەھبەرلەر كۈلۈمسىرىگىنىچە مىللىيچە كىيىنگەن ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىللەر، ئەزالار بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۆزئارا ئەھۋال سوراشتى.
     شى جىنپىڭنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان لاسا شەھىرىنىڭ چېڭگۈەن رايونى ناجىن يېزىسى تاما كەنتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ 1- شۇجىسى گېساڭ جوگا ھاياجانلانغان ھالدا «باش شۇجى ياخشىمۇسىز!» دەپ شى جىنپىڭدىن ئەھۋال سورىدى. شى جىنپىڭ ئۇنىڭدىن شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى سورىدى. گېساڭ جوگا باش شۇجىغا: تاما كەنتى ئىلگىرى داڭقى بار نامرات كەنت ئىدى، ھازىر ئوقۇغۇچىلاردىن ھەق ئېلىنمايدۇ، كېسەل بولۇپ قالساق كەنتتىلا دوختۇرغا كۆرۈنەلەيمىز، كۈتۈنۈشىمىزدىن غەم قىلمايمىز، تۇرالغۇلىرىمىزمۇ شەھەرنىڭكىدىن قېلىشمايدۇ، كۆپچىلىك ياخشى دەۋردە ياشاۋاتقانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلماقتا، دېدى. شى جىنپىڭ ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ناھايىتى خۇشال بولۇپ، ئۇنىڭغا يۇرتداشلارغا سالام ئېيتىپ قويۇشنى، كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشىنىڭ كۈندىن- كۈنگە روناق تېپىشىغا تىلەكداش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ۋەكىل مەمەترېھىم مەمتىمىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ چىرا ناھىيەسى چىرا يېزىسى باش ئۈجمە كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى. ئۇ باش شۇجىغا يۇرتىنىڭ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئېكولوگىيەنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەھۋاللىرىنى دوكلات قىلدى. شى جىنپىڭ ئۇنىڭغا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، كۆپچىلىكنى بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشكە يېتەكلەشنى تاپىلىدى.
      لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى قاتارلىقلارمۇ ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىللەر، ئەزالار بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، كۆپچىلىكنى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي خىزمىتىنى چۆرىدەپ، مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، پائال ئەقىل كۆرسىتىپ، ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولىدىغان، تەرەققىياتنى كۆزلەيدىغان، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان ئەمەلىي ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ، ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈردى.

    چايغا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شياڭبا پىڭسو رىياسەتچىلىك قىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى سۈن چۈنلەن سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مىللەتلەر خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مىللىي رايونلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدىغان بىر قاتار تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلارنى يولغا قويۇپ، كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇپ، چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزدى. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، مىللىي مەسىلىلەرنى جۇڭگوچە ھەل قىلىشتەك توغرا يولدا باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداشنى مىللەتلەرنىڭ ئالىي مەنپەئىتى دەپ بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، چېگرانى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى ۋە ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشىمىز كېرەك. ھەرقايسى مىللەتلەر ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىدە ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىمىز، ئورتاق گۈللەپ، تەرەققىي قىلىشىمىز كېرەك.
      چايدا، ئەدەبىيات- سەنئەت خىزمەتچىلىرى ئېسىل ئەدەبىيات- سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلىدى. «پارتىيەگە ئەگىشىپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتەيلى»، «پارتىيەنى كۈيلەيمەن»، «خەلق ناخشىسى ياڭرايدۇ»، «گۈل ۋە ئۆسمۈر»، «بىزنىڭ شىنجاڭ ياخشى جاي»، «ئانام جۇڭخۇا» ناملىق ئۇسسۇللۇق ناخشىلار، «مول ھوسۇل شادلىقى» ناملىق ئۇسسۇل، «بىر بەلباغ، بىر يول قاقتى قانات» ناملىق مۇزىكىلىق ئۇسسۇل، «ئارغىماققا مەدھىيە» ناملىق ئات باشلىق غېجەكتە ئورۇنلانغان ئۇزۇن كۈي قاتارلىق نومۇرلار ئېلىمىز مىللىي سەنئىتىنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلدى، ھەر مىللەت پەرزەنتلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئىشەنچىسى ۋە ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى. ئارتىسلارنىڭ ئېسىل نومۇرلىرى كۆپچىلىكنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.
    چايغا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىدىكى قىسمەن رەھبىرىي يولداشلار، دۆلەت كومىسسارلىرى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشتىكى قىسمەن رەھبىرىي يولداشلار، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى، مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»غا قاتنىشىۋاتقان بەش ئاپتونوم رايوندىكى ۋەكىل، ئەزالار، ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ۋە تەيۋەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مەسئۇللىرى، مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ مەسئۇللىرى بولۇپ تەخمىنەن 1100 كىشى قاتناشتى.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى