• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، تىرىشىپ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقايلى

    مەنبە : uy.ts.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 14:24 11-03-2017
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    شى جىنپىڭ 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى: ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، تىرىشىپ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقايلى


    ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى.(شىنخۇا ئاگېنتلىقى)

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10-مارت تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 3-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ۋەكىللەرنى يوقلاپ، ئۇلارنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى يېتەكچى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئاساس، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىق ۋە مۇقىملىقنى قەتئىي قوغداپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى داۋاملىق مۇستەھكەملەپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق-ئىناق، گۈللەنگەن-باي، مەدەنىي-تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

    يىغىندا چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر، سۈن جىنلۇڭ، شى جيەنيۇڭ، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز، مەمەترېھىم مەمتىمىن، فۇ چۇنلى، رەيھانگۈل ئىمىر قاتارلىق سەككىز يولداش ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداش، ئىقتىسادنىڭ سىلىق، مۇقىم ۋە ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش، ئەمەلىي ھەم ياخشى ئىشلارنى بېجىرىش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر بايان قىلدى.

    شى جىنپىڭ ۋەكىللەرنىڭ پىكرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ۋە خاتىرىلىدى، ئارىلاپ سوئال سوراپ، كۆپچىلىك بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئاخىرىدا مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ شىنجاڭنىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق خىزمەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەندىن كېيىن، تەكىتلەپ مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭ ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى مۇھىم بىخەتەرلىك توسىقى بولۇپلا قالماي، ئىستراتېگىيەلىك ئورنى ۋە دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر ئالاھىدە رايون بولۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى ناھايىتى زور. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى يېتەكچى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئاساس، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىق ۋە مۇقىملىقنى قەتئىي قوغداپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى داۋاملىق مۇستەھكەملەپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق-ئىناق، گۈللەنگەن-باي، مەدەنىي-تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

    شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مۇقىملىقنى قوغداشنى سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بالدۇر تۇتۇش، كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ تۇتۇش، تېز ھەم ياخشى تۇتۇشنى مەۋقە قىلىپ، كەلگۈسىنى پىلانلاپ، ئاساسنى پۇختىلاپ، ئەبەدىي ئەمىن ۋەزىيەت بەرپا قىلىپ، ئۇزاققىچە ئۈنۈم بېرىدىغان ئۇلۇغۋار ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئالاھىدە ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىشتۈرۈپ، زورايتىپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، «مۇھىتنى ئېغىر بۇلغايدىغان، ئېنېرگىيەنى ئېغىر دەرىجىدە خورىتىدىغان، كۆپ بۇلغىما چىقىرىدىغان» تۈرلەرنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنى قەتئىي چەكلەپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەم قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاسمىنى كۆپكۆك، يېرى ياپيېشىل، سۇلىرى سۈپسۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا تىرىشىش كېرەك. شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە ئەمىن تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلايدىغان بەزى تۈرلەرنى كۆپرەك يولغا قويۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان بەزى ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسى كۆڭۈل بۆلىدىغان بەزى مەسىلىلەرنى كۆپرەك ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىغا پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ۋەتىنىمىز چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئاساسىي جەڭگاھى قىلىپ، يېزىلاردىكى ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى ۋە چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇشى، شەھەر-بازارلاردىكى كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى ياخشى يولغا قويۇپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرى ۋە چېگرا رايونلارنىڭ ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىش كېرەك.

    شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دۆلىتىمىز بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تارىخى − ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، ئورتاق ئىلگىرىلەش تارىخىدۇر. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جان تومۇرى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئۇل تاش، شۇنداقلا 1 مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقىنىڭ ئورتاق ئىرادىسى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ، ساقچى بىلەن خەلقنىڭ، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت خەلقى ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئورتاق قوغدايدىغان مۇستەھكەم ئىستىھكام بەرپا قىلىش كېرەك. پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى ئۇلۇغ ۋەتەن، جۇڭخۇا مىللىتى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان تونۇشىنى كۈچەيتىشكە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراشقا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئۆزىنىڭ جېنىنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشقا يېتەكلەش كېرەك. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى داۋاملىق ياخشى قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈندىلىك تۇرمۇش، خىزمەت ۋە ئۆگىنىشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەكتەپ تەربىيەسى، ئائىلە تەربىيەسى ۋە جەمئىيەت تەربىيەسىنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرى ۋە ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى ئۇزاققىچە پورەكلەپ ئېچىلدۇرۇش كېرەك.

    شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بىڭتۈەن شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى مۇھىم كۈچ، شۇڭا تۈرلۈك ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋەزىپىلىرىنى پائال، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىڭتۈەننىڭ ئالاھىدە ئەۋزەللىكى ۋە تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى تولۇق نامايان قىلىش كېرەك.

    جاڭ چۈنشيەن، ئەركىن ئىمىرباقى ۋە نەيىم ياسىن، نۇر بەكرى، ئەسقەت كەرىمباي، خۇاڭ ۋېي، شاۋكەت ئىمىن، سارقىت ئاقان، ليۇ شىنچى، مەمتىمىن ياسىن، دۇڭ شىنگۇاڭ، خۇاڭ رۇڭ، جەرۇللا ھېسامىدىن قاتارلىق ۋەكىللەر قاراپ چىقىشقا قاتناشتى.


    ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. ۋەكىل رەيھانگۈل ئىمىر ۋە ۋەكىل مەمەترېھىم مەمتىمىن شى جىنپىڭغا دوپپا تەقدىم قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ باش شۇجىغا بولغان ئەڭ يۈكسەك ھۆرمىتى ۋە ئەڭ ياخشى تىلەكلىرىنى بىلدۈردى. شى جىنپىڭ ئۇلارغا ئۆزىنىڭ ياخشى تىلەكلىرىنى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە يەتكۈزۈپ قويۇشنى ھاۋالە قىلدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى)

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى