• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    شەخسىي تاپاۋەت بېجىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنغان سوممىسى مۆلچەرىي ھساپلىنىدۇ، ئىككى پەرزەنتلىك ئائىلىلەرنىڭ بېسىمى يېنىكلىتىلىدۇ

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 16:15 09-03-2017
    تەھرىر : زۇھرە
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    شىنخۇا ئاگىنىتلىقى7–مارت تېلېگىراممىسى: 7–مارت ئۆتكۈزۈلگەن 12–نۆۋەتلىك مەمىلكەتلىك خەلق قورولتىيى 5–يېغىنىنىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، مالىيە مىنىستىرى شىياۋجېې مۇخبىرلارنىڭ شەخسىي تاپاۋەت بېجى ئىسلاھاتى قاتارلىق قىزىق نوقتىلىق سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. «ئىككى يىغىن»غا قاتناشقان ۋەكىللەر، ئەزالار ۋە مۇتەخەسىسىلەر بۇ تۇغرىسىدا تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بەردى.
    جاۋاپ: ئىستېمال سەۋىيەسىنى ئۇنىۋېرسال مۆلچەرىي ھېساپلاش ئارقىلىق ‹ئۆستۈرۈشكە تېگىشلىكلىرى ئۆستۈرۈلىدۇ.
    شەخسىي تاپاۋەت بېجىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىغان سوممىسىنىڭ ئۆستۈرۈلۈش–ئۆستۈرۈلمەسلىكى باشتىن–ئاخىرى كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى تارتىپ كەلدى. شىياۋ جيې بۇ توغرىسىدا مۇنداق دېدى: ئىسلاھات لايىھەسى ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال سەۋىيەسى قاتارلىق ئامىللارنى ئونىۋېرسال مۆلچەرىي ھېساپلاش ئارقىلىق بېكىتىلىدۇ، ئۆستۈرۈشكە تېگىشلىكلىرى ئۆستۈرۈلىدۇ.
    نۆۋەتتىكى « شەخسىي تاپاۋەت بېجى قانۇنى» نىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، مائاش تاپاۋېتىنىڭ ھەر ئايدىكى كىرىمىدىن 3500 يۈەننى ئېلىۋەتكەندىن كېيىنكى قالدۇق سوممىسىدىن شەخسىي تاپاۋەت بېجى ئېلىنىدۇ، ئاددىيراق قىلىپ ئېيتقاندا، شەخسىي تاپاۋەت بېجى ئېلىشتا 3500 يۈەن باشلىنىش ئۆلچىمى قىلىنىدۇ.
    بىر قىسىم ۋەكىللەر مۇنداق دېدى: دۆلىتىمىزنىڭ شەخسىي تاپاۋەت بېجى بوسۇغىسىنىڭ تەڭشىلىشىدە ئاساسلىقى، پۇل پاىاللىقى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىققان تۇرمۇش تەننەرخىنىڭ ئېشىپ كېتىشى نەزەردە تۇتۇلىدۇ، پۇرسەتتە، ئەھۋالغا قاراپ بىر قانچە يىلدا بىر قېتىم تەڭشىلىدۇ. نۆۋەتتە باج كەچۈرۈم سوممىسىنى تەڭشەشنىڭ زۆرۈرىيىتى بار.
    سوئال: قايسى ئائىلىلەرنىڭ كۈندىلىك چىقىمى باجدىن توغرىلاپ چىقىرىۋېتىلدۇ؟
    جاۋاپ: « ئىككى پەرزەنتلىك» ئائىلىلەرنىڭ تەربىيەلەش قاتارلىق چىقىمىنىڭ يۇقىرى بولىدىغانلىقى نەزەردە تۇتۇلۇپ، ئۇلار مەخسوس توغرىلاپ چىقىرىۋېتىش دائىرسىگە كىرگۈزۈلىدۇ
    شىياۋ جېي مۇنداق دېدى: شەخسىي تاپاۋەت بېجى ئىسلاھاتىدا ئائىلىلەرنىڭ زۆرۈر چىقىمىغا دائىر مەخسوس چىقىملارنى چىقىرىۋېتىش تۈرى مۇۋاپىق قوشۇلىدۇ، « ئىككى پەرزەنتلىك» ئائىلىلەرنىڭ بالىلارنى تەربىيەلەش قاتارلىق چىقىملىرىنىڭ يۇقىرىلىقى نەزەردە تۇتۇلۇپ، باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ بېسىمى يەنىمۇ يېنىكلىتىلىدۇ.
    مۇتەخەسىسلەرنىڭ تونوشتۇرۇشىچە، مەىسوس چىقىمىنى باج ئېلىنىدىغان سوممىسىدىن توغرىلاپ چىقىرىىۋېتىش شەخىسلەر تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك شەخسىي تاپاۋەت بېجىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنغان سوممىسىنى ھېساپلىغاندا مۇناسىپ مەخسوس چىقىم سوممىسىنى باج ئېلىش ئاساسىدىن چىقىرىۋېتىپ، تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باج سوممىسىنى ئازايتىشنى كۆرسىتىدىكەن. قايسى ئائىلىلەرنىڭ چىقىمىنى باج ئېلىشتىن بۇرۇن توغرىلاپ چىقرىۋېتىلىدىغان مەخسوس تۈر دائىرسىگە كىرگۈزۈشتە بولۇشى، باج ئېلىشنىڭ مۇمكىنچىلىك دەرىجىسى قاتارلىق ئۇنىۋېرسال ئامىللار تولۇق ئويلىشىلىشى كېرەككەن. ھازىرقى ئەھۋالىدىن قارىغاندا، بالىلارنى تەربىيەلەش چىقىمىنى چىقىرىۋېتىش بىر قەدەر جىددىي تەقەززالىق ئىش ئىكەن، شۇنداقلا ئەڭ قوللىنىشقا بولىدىغان مەخسۇس توغرىلاپ چىقىرىۋېتىش تۈرى ھېساپلىنىدىكەن.
    جۇڭسەن ئۇنىۋېرسىتېتى مالىيە–باج فاكۇلتېتىنىڭ پىروفېسىسورى لىن جىياڭ مۇنداق دېدى: شەخسىي تاپاۋەت ېجىنى ئۇنىۋېرسال ئېلىش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، باق تاپشۇرغۇچىلارنىڭ باج تاپشۇرۇش ئۇسۇلى ۋە مالىيە تارماقلىرىنىڭ باج ئېلىش ئۇسۇلىدا چوڭ ئۆزگىرىش بولىدۇ.
    سوئال: خەلىق تۇرمۇشى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى چىقىمدا قانداق ئۆزگىرىش بولىدۇ؟
    جاۋاپ:نامراتلارنى يۆلەش، يېزا ئىگىلىكى، مائارىپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قاتارلىق سەھەلەردىكى چىقىم ئاشسا ئاشىدۇكى، ئازايمايدۇ.
    شىياۋ جېي مۇنداق دېدى: بۇ يىلقى نۇقتىلىق چىقىم جەھەتتە نامراتلارنى يۆلەش، يىزائىگىلىك، مائارىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت، داۋالاش– سەھىيە قاتارلىق ساھەلەرنىڭ كاپالەت سالمىقى ئاشۇرۇلىدۇ، بۇ جەھەتتىكى چىقىملارنى ئاشۇرۇپ تۆۋەنلەتمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.
    ئۇ تۇنۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل مالىيەدىن نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغى كۆپ يول ئارقىلىق ئاشۇرۇپ، مالىيەدىن يەرلىككە ياردەم بىرىلىدىغان مەخسۇس تۈردىكى نامراتلار يۆلەش مەبلىغىدىن 86 مىليارد 100 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، بۇ بولتۇرقىدىن %30.3 ئارتۇق. نامرات رايۇنلار، مىللىي رايۇنلار ۋە كونا ئىنقىلابىي رايۇنلار نۇقتىلىق يۆلىنىدۇ؛ بۇنىڭدىن باشقا، يېزا ئىگىلىكىگە چېتىشلىق مەبلەغنى بىرلەشتۈرۈشنى نوقتىدا سىناق قېلىشنىڭ دائىرسى بارلىق نامرات ناھىيەلەرگىچە كېڭەيتىلىپ، نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى ئىشلىتىش، باشقۇرۇش ھەقىقىي كۈچەيتىلىدۇ. بۇ يىل مالىيە مىنىستىرىلىقى بىر قېتىملىق مەخسىوس تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى قىسىۋالغان، يۆتكەپ ئىشلىتىۋالغان، ئىگىلىۋالغان قانۇنغا، بەلگىلىمىگە خىلاپ مەسلىلەرنى قانۇن– بەلگىلىمە بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ھەرگىزمۇ يۇمشاق قوللۇق قىلمايدۇ.
    سوئال: ئامگەك كىرىمى ئوخشاش، لېكىن كىرىم مەنبەسى ئوخشىمىسا، ئوخشاش باج ئېلىنامدۇ؟
    جاۋاپ: مائاش، ئەمگەك ھەققى، قەلەم ھەققى قاتارلىقلارنىڭ يىللىق جەملىمىسى بويىچە ھېساپلىنىپ باج ئېلىنىدۇ
    مائاش، قەلەم ھەققى قاتارلىق ئەمگەك تاپاۋىتىدىن ئېلىنىدىغان شەخسىي تاپاۋەت بېجىنىڭ تەڭشىلىشى باشتىن–ئاخىر كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى تارتىپ كەلدى. شىياۋ جېي بۇ توغرىسىدا مۇنداق دېدى: شەخسىي تاپاۋەت بېجى ئىسلاھاتىدا بىر قىسىم كىرىم تۈرلىرى ئاساسىي جەھەتتىن نەزەردە تۇتۇلىدۇ، مەسلەن: ئىش ھەققى، ئەمگەك ھەققى، قەلەم ھەققى قاتارلىقلاردا يىللىق جەملىمىسى بويىچە باج ئېلىش يولغا قويۇلىدۇ.
    « شەخسىي تاپاۋەت بېجى قانۇنى» نىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسلانغاندا، مائاش، يەككە تىجارەتلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتىدىن قىلغان كىرىم، ئەمگەك ھەققى، قەلەم ھەققى، مال–مۈلۈكنى ئىجارىگە بىرىش ھەققىدىن قىلغان كىرىم قاتارلىق 11 تۈرلۈك تاپاۋەت شەخسىي تاپاۋەت بېجى ئېلىش دائىرسىگە كىرگۈزۈلىدىكەن. مائاش، ئەمگەك ھەققى، قەلەم ھەققى قاتارلىق ئەمگەك تاپاۋەتلىرىنىڭ ئارىسىدىكى مائاشتىن ھەر ئايدا شەخسىي تاپاۋەت بېجى ئېلىنغاندىن باشقا، ئەمگەك ھەققى ۋە قەلەم ھەققىلىرىدن قېتىم سانى بويىچە باج ئېلىنىدىكەن.
    مۇخبىرنىڭ زىيارەت جەريانىدا بايقىلىشىچە، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئەمگەك كىرىمىدىن تۈر بويىچە باج ئېلىشتا ئەمگەك كىرىمى ئوخشاش، كىرىم مەنبەسى ئوخشىمايدىغان ئىككى ئادەمنىڭ باج يۈكى ئوخشىماسلىقىدەك مەسلە ئاسان كېلىپ چىقىدىكەن. جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مالىيە–ئىقتىسادىي ئىستراتېگىيەسى تاتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى جاڭ بىن مۇنداق دېدى: مائاش، ئەمگەك ھەققى، قەلەم ھەققى قاتارلىق تۈرلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، يىللىق جەملىمىسى بويىچە باج تاپشۇرغاندا، قېتىم سانى ياكى ئاي بويىچە باج ئېلىشتىن كېلىپ چىقىدىغان مەلۇم قېتىمدىكى ياكى مەلوم ئايدىكى كىرىمى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇش، ئومۇمىي باج يۈكى بەك ئېغىرلاپ كېتىشتەك ئەھۋاللار ھەل قىلىنىپ، شەخسىي تاپاۋەت بېجىنىڭ كىرىم تەقسىماتىنى تەڭشەش رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ.
    سوئال: شەخسىي تاپاۋەت بېجى ئىسلاھاتىدا يەنە قايسى يۈرۈشلۈك خىزمەتلەر ئىشلىنىدۇ؟
    جاۋاپ: باجغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرنى ئىگىلەپ، باج قانۇنىغا مۇناسىپ تۈزىتىش كىرگۈزۈلىدۇ.
    شىياۋ جېي مۇنداق دېدى: خەلىقئارا تەجىرىبىدىن قارىقغاندا، ئۇنىۋېرسال ۋە تۈرگە ئايرىشنى بىرلەشتۈگەن شەخسىي تاپاۋەت بېجى تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، باجدىن بۇرۇن توغرىلاپ چىقىرىۋېتىشتىلىدىغان بىر قىسىم مەخسۇس تۈرلەرنى كۆپەيتىش پىشىپ يېتىلگەن، يۈرۈشلەشكەن مۇناسىپ شارائىتى تەلەپ قىلىدىكەن.
    بۇ توغرىسىدا مۇتەخەسىسىسلەر، ۋەكىللەر ۋە ئەزالار مۇنداق دېدى: شەخسىي تاپاۋەت بېجى ئىسلاھاتىدا قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش، ئۇچۇرىدىن ھەمبەھرىلىنىش قاتارلىق يۈرۈشلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ.
    ئالدى بىلەن قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلىدۇ. شىياۋ جېي مۇنداق دېدى: باج قانۇنىدا بەلگىلەنگەن پىرىنسىپ بويىچە ئالغاندا شەخسىي تاپاۋەت بېجى ئىسلاھاتى لايىھەدى تەتقىق قىلىنىپ بېكىتىلگەندىن كېيىن، باج قانۇنىغا مۇناسىپ تۈزىتىش كىرگۈزۈش، ئۇچۇرىدىن ھەمبەھرىلىنىش قاتارلىق يۈرۈشلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ.
    ئالدى بىلەن قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلىدۇ. شىياۋ چېي مۇنداق دېدى: باج قانۇنىدا بەلگىلەنگەن پىرىنسىپ بويىچە ئالغاندا شەخسىي تاپاۋەت بېجى ئىسلاھاتى لايىھەسى تەتقىق قىلىنىپ بېكىتىلگەندىن كېيىن، باج قانۇنىغا مۇناسىپ تۈزىتىش كىرگۈزۈش ھەمدە مەمىلكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا يوللاش كېرەك. ئاندىن ئۇچۇردىن ھەمبەھرىلىنىش كېرەك. مەسلەن: شەخسىي تاپاۋەت بېجى تاپشۇردىغانلارنىڭ مائاش كىرىمى، مال –مۈلۈكتىن قىلغان كىرىمى، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئەھۋالى قاتارلىق ئۇچۇرلانى ئوخشىمىغان تارماقلار ئىگىلەيدۇ، باجغا چېتىشلىق ئۇچۇرلانى تورلاشتۇرۇپ تارماق، رايۇن ھالقىغان ھەمبەھرىلىنىش ئەمەلگە ئاشقاندىلا، ئادەملارنىڭ كىرىمى ۋە مال–مۈلۈك ئوچۇر سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەخسىي تاپاۋەت بېجىنىڭ ئوموميۈزلۈك ئەمەلىيلىشىشىگە ياخشى ئاساس سالغىلى بولىدۇ.
    سوئال: ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى قاتارلىق جەھەتلەردە قانداق ئۆزگىرىش بولىدۇ؟
    جاۋاپ: تەدبىر قوللىنىپ ‹جان بېقىش پۇلى› ‹خاتىرجەملىك پولى›غا ئايلاندۇرۇلىدۇ.
    شىياۋ جېي مۇنداق دېدى: قىسقا مۇددەتتە مۇناسىۋەتلىك ئۆلكە، ئاپتونوم رايۇن، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك تۈزۈم، بەلگىلىمىلەرنى تۈزۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، بەلگىلىمىلەرنى تۈزۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، فوند باشقۇرۇشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، مالىيە چىقىم قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، فوند بوشلۇقى مەسلىسى ياخشى ھەل قىلىنىپ، ياشانغاندا كۈتۈنۈش پولىنىڭ ۋاقتىدا يېتەرلىك تارقىتىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.
    بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ فوند كاپىتالىنى زىيانغا ئۇچراتقانلارغا قانۇن بويىچە مۇناسىپ تۆلەم مەسئۇلىيىتى ئۈستىگە ئالغۇزۇلىدۇ. مەمىلكىتىمىز خەلقنىڭ ‹ياشانغاندا كۈتۈنەلەيدىغان› بولۇشى ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، پۇقرالارنىڭ ‹جان بېقىش پۇلى›‹خاتىرجەملىك پۇلى›غا ئايلاندۇرۇلىدۇ.

    «ئۈرۈمچى كەچلىك گىزىتى»دىن ئىلىندى

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى