• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ئۈندىداردا ھېساباتنى خاتا يۆتكەپ قويسا قانداق قىلىش كېرەك؟

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 13:38 02-03-2017
    تەھرىر : زۇھرە
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ئۈندىدار نۆۋەتتە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىۋاتقان ئىجتىمائىي ئالاقە قورالى، ئۇنىڭ ھېسابات يۆتكەش ۋە قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى كۈنسېرى كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلماقتا. ئۈندىدار ئارقىلىق ھېسابات يۆتكىگەندە خاتالىق كۆرۈلۈپ، باشقىلارنىڭ ھېساباتىغا ئاغدۇرۇپ قېلىنسا قانداق قىلىش كېرەك؟
    ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى جاڭ ئەپەندى بۇ يىل چاغان مەزگىلىدە قاغىلىق ناھىيەسىگە بېرىپ، ساۋاقداشلار يىغىلىشىغا قاتناشقان. شۇ ئارىلىقتا كىچىكىدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان دوستى شاۋ شاۋنىڭ ئاپتوموبىل سېتىۋالماقچى بولغانلىقى، 30 مىڭ يۈەن كەملەپ قالغانلىقىنى ئاڭلىغان. جاڭ ئەپەندى مەردلىك بىلەن ئۈندىدار ئارقىلىق شاۋ شاۋغا 30 مىڭ يۈەن ئاغدۇرۇپ بەرگەن، قارشى تەرەپمۇ ھېساباتنى قوبۇل قىلغان. لېكىن شاۋ شاۋ بۇ پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالمىغانلىقىنى ئېيتقان.
    جاڭ ئەپەندى دەرھال تەكشۈرۈپ، ئېھتىياتسىزلىقتىن ھېساباتنى ئالاقە تىزىملىكىدىكى گاۋ لىنغا ئاغدۇرۇۋەتكەنلىكىنى بايقىغان. ئۇ گاۋلىندىن كۆپ قېتىم پۇلنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئۇ رەت قىلغان، ھەتتا جاڭ ئەپەندىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈۋەتكەن.
    خاتا ئاغدۇرۇلغان پۇلنى قايتۇرۇۋالغىلى بولامدۇ؟ جاڭ ئەپەندى بۇ توغرىسىدا قاغىلىق ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىدىكى ئالاقىدار خادىملاردىن مەسلىھەت سورىغان.
    دېلو تەھلىلى:
    قاغىلىق ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتچىسى جاڭ يۇڭفىڭ چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: بۇنداق ئەھۋاللارغا يولۇققاندا، ئالدى بىلەن قارشى تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىش كېرەك، قارشى تەرەپنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن پۇلنى قايتۇرۇپ بەرگىنى ياخشى. ئەگەر قارشى تەرەپ قايتۇرۇشنى رەت قىلسا، نامۇۋاپىق مەنپەئەتكە ئېرىشىش قىلمىشى سادىر قىلدى، دەپ سوتقا ئەرز سۇنساق بولىدۇ. نامۇۋاپىق مەنپەئەتكە ئېرىشىش دېگىنىمىز، ھارام پايدا ئېلىپ، باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچرىتىشنى كۆرسىتىدۇ. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەق تەلەپ قانۇنىنىڭ ئومۇمىي قائىدىسى»دە مۇنداق دەپ بەلگىلەنگەن: قانۇنلۇق ئاساسى يوق ھارام پايدا ئېلىپ، باشقىلارغا زىيان يەتكۈزگەنلەر ئالغان ھارام پايدىسىنى زىيان تارتقۇچىغا قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك.
    يۇقىرىقى ماددىغا ئاساسلانغاندا، نامۇۋاپىق مەنپەئەتكە ئېرىشىشنىڭ شەرتى ئىككى خىل: بىرى، بىر تەرەپ پايدىغا ئېرىشىپ، يەنە بىر تەرەپ زىيان تارتىش؛ يەنە بىرى، بىر تەرەپنىڭ پايدىغا ئېرىشىشى بىلەن يەنە بىر تەرەپنىڭ زىيان تارتىشى ئوتتۇرىسىدا سەۋەب - نەتىجە مۇناسىۋىتى بولۇپ، بىر تەرەپنىڭ پايدا ئېلىشى بىلەن يەنە بىر تەرەپنىڭ زىيان تارتىشى ئوتتۇرىسىدا قانۇنلۇق ئاساس يوق بولۇش. مەزكۇر دېلودا، گاۋ لىن 30 مىڭ يۈەن پايدىغا ئېرىشكەن، جاڭ ئەپەندى 30 مىڭ يۈەن زىيان تارتقان، ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا سەۋەب- نەتىجە مۇناسىۋىتى بولسىمۇ، لېكىن قەرز ئېلىش، ھەدىيە قىلىشتەك قانۇنىي ئاساسى يوق. جاڭ ئەپەندى گاۋ لىن ئۈستىدىن نامۇۋاپىق مەنپەئەتكە ئېرىشىش قىلمىشى سادىر قىلدى، دەپ سوتقا ئەرز سۇنۇپ، پۇلىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
    «شىنجاڭ گىزىتى» دىن ئىلىندى

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى